شېئىردىكى قىز
ئابدۇۋەلى ئىسھاق
نىمىسى بار دەرتمەن شائىرنىڭ
ئوتتۇز ئىككى ھەرىپتىن بۆلەك
مىسكىن دىلى تەسكىن تاپقۇدەك؟
ھەرىپلىرىم تۇغار مىسرالار،
مىسرالاردا گۈزەل بىر قىز بار.
شەيدا بولۇپ ئۇنىڭغا كۈن-تۈن،
پاك قەلبىمنى قىلىمەن ئىزھار.
مىسرالىرىمدا
يۈرىكىمگە بېرىپ تەسلى
يېزىپ قويىمەن تاتلىق ۋىسالنى.
ھەرىپلىرىم كېپىنەك بولۇپ
قەلىمىمدىن ئۇچار پۇررىدە
تەسۋىرلىمەك بولسام مەن ئۇنى.
چۆكىۋالار مېنىڭدىن بۇرۇن
كۇمۇتا بوپ تەتۈر پەشلىرىم
تەسۋىرلىسەم بۇلاق كۆزىنى.
سۆيىۋالار مېنىڭدىن بۇرۇن
چوكۇلدىتىپ كۆپ چىكىتلىرىم
لېۋى گۈلدەك ئېچىلغان قۇرنى.
چۆكىۋالار مېنىڭدىن بۇرۇن
ئۈندەشلىرىم زىناقلىرىغا
تەسۋىرلىسەم تەبەسسۇمىنى.
شېئىرىمدا ئۇ گۈزەل قىزنىڭ
تاتلىق-تاتلىق قىلىقلىرى بار
تەشنالىقتا قىزىتار قېنىمنى.
نازۇك، يۇمران بارماقلىرى بار،
مۇجۇپ-مۇجۇپ ئوينار جېنىمنى.
قىرىق ئۆرۈم سۇمبۇللىرى بار،
تۈنگە سۆرەپ كىرەر تېنىمنى.
شۇ قەدەر پاك، غۇبارسىز قىز ئۇ،
نۇزۇگۇم ۋە كىروران كەبى.
سۈيۈملۈك ۋە ئۇياتچان قىز ئۇ،
ئەقىدىگە لىق تولغان قەلبى.
مەدەنىيەتنىڭ چاڭ-تۇزانلىرى،
ۋۇجۇدىغا قونمىغان تېخى.
بىز ئىككىمىز بولۇپ چىن ئاشىق،
سىردىشىمىز ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
ئەمما،
رېئاللىقتىن يىراق بەك يىراق.