بىرەيلەن بىر چاياننىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىپ پىقىراپ ، ئايلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سۇدىن چېقىۋېلىشىغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ. ئەمما چاياننى ئەمدى تۇتاي دېيىشىگىلا چايان ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋاپتۇ. ئۇ نىيىتىدىن يانماي يەنە چاياننى تۇتاي دېيىشىگە چايان ئۇنى يەنە چېقىۋاپتۇ. يېنىدا تۇرغان يەنە بىر ئادەم ئۇنىڭغا دەپتۇ.
- چاقسىمۇ يەنە قۇتقۇزامسەن ؟
- چېقىش چاياننىڭ تەبىئىيىتى ، -دەپتۇ ئۇ،- سۆيۈش ، مېھىر بولسا مېنىڭ تەبىئىتىم، چاياننىڭ چېقىشىنى دەپلا ئۆزەمدىكى مېھىر- كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت ئىنسانى تەبىئەتتىن ۋاز كەچسەم قانداق بولغىنى؟
«شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى»دىن