ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 157 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يىراقتىكى خىياللار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1444
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1444دانە
تۆھپىسى: 188
پۇلى: 1970 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 356
ياخشى باھا: 1850
توردا: 455(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-10-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 17:46

يىراقتىكى خىياللار

يىراقتىكى خىياللار


كېرىكىم يوق ھېچ كىشىگە كېرىكىم،
يالغۇز ياغاچ مەن چۆلدىكى ئۇنتۇلغان.
پىچىرلايدۇ ئۆزۈمگىلا يۈرىكىم،
ھەر نەپىسىم ماڭا سوئال قويۇلغان.
ئالەم ئارا كېزىپ يۈرەر تىلىكىم،
قەپەزدىكى قۇشتۇر ئارزۇ يۇلقۇنغان.

يىراقلارغا كەتسەم كېزىپ جاھاننى،
ھېچكىمنىڭ يوق ماڭا پەقەت پەرۋايى.
سېغىنساممۇ نەلەردىندۇ جاناننى،
چۈشۈمگىمۇ كىرىپ قويماس ئەرۋايى.
ئەقىدەمگە تىكىپ ئۆتتۈم بۇ جاننى،
ئىشقىڭ ئەركەم قىلىپ قويدى سەۋدايى.


پەقەت ساڭا تىكسەم جاننى، جاھاننى،
سۆيگۈ ماڭا ئېلىپ كەلدى ھاقارەت.
تاۋلار ئىدى ئەسلى سۆيگۈ ئىنساننى،
بولۇپ يۈردۈم ھاماقەتكە ھاماقەت.
تاشلىمىدىم ئۆرتەنسەممۇ ئىماننى،
ۋىجدان ماڭا ئاتا قىلدى سائادەت.


تۇپرىقىڭغا چۆكۈپ كەتسەم موبادا،
كېزىپ يۈرەر قەلبىمدىكى تىلەكلەر.
كۆزۈم ئوچۇق كېتەر بەلكىم داۋادا،
توختامدىكىن ساڭا تەپكەن يۈرەكلەر.
ئۆتۈپ كەتسەم يالغۇز قۇشتەك ناۋادا،
ئىزدەپ سۆيۈپ قويارمىكىن ئىستەكلەر.

قايتىپ كەلدىم خىياللاردىن يۇلقىنىپ،
سەنسىز جاھان قاراڭغۇ گۆر بىلىندى.
تاڭنى تاڭغا ئۇلاپ ئۆتتۈم تولغىنىپ،
خىيالىڭدا يۈرەك باغرىم تىلىندى.
سۆيگۈڭ بىلەن ھاقارەتتىن قوغدىنىپ،
چىدام-غەيرەت پەقەت سەندىن ئېلىندى.

تىلەپ ئالدىم جاسارەتنى تاغلاردىن،
مەغرۇر بولغاچ ئاي قونۇپتۇ بېشىغا.
سېنى ئىزدەپ يۈردۈم ئۇزاق چاغلاردىن،
ھىلال ئايلار ئوخشايتتى-دەپ قېشىغا.
نەپرىتىمنى يوشۇردۇم مەن زاغلاردىن،
مەن تەگمىدىم تۆھمەتخورنىڭ چىشىغا.

شاماللاردىن تىڭشىغۇم بار شەپەڭنى،
نۇرى يەتمەس قارىغانغا كۆزۈمنىڭ.
كۆرسەم بىر رەت ئاياغ باسقان پەتەڭنى،
نۇرى ئۆچۈپ قالغۇچە بۇ كۆزۈمنىڭ.
ۋەزنى ئېغىر ئىدىغۇ يار ۋەدەڭنىڭ،
پەرقى يوققۇ قەسەم بىلەن سۆزۈمنىڭ.

ئاي يۇلتۇزنى سېغىنىمەن يىراقتىن،
كۆزلىرىڭنى يۇلتۇزلارغا ئوخشىتىپ.
سەن يار ئۈچۈن سەۋدايىمەن پىراقتىن،
قوياي دەيمەن ياشلىقىمنى توختىتىپ.
قۇتۇلاي مەن قىيامەتلىك سوراقتىن،
قويغىن يايرىم بەزلەپ مېنى ئۇخلىتىپ.

دەردلىرىمنى قىلىپ كەلدىڭ زىيادە،
سېنىڭ ئۈچۈن تۆكۈلگەن مۇڭ ناۋالار.
نېمانچىلا تەتۈر تەقدىر ئىرادە،
تېپىلمايدۇ بۇ دەردلەرگە داۋالار.
يوللار ماڭا بىلىنمەيدۇ پىيادە،
پىغانىمغا گۇۋاھ چەكسىز سامالار.

بىلىپ يەتتىم سەۋرى دېگەن سائادەت،
بارچە ئىشلار بولىدىكەن قەرەللىك.
ئۇزۇن بولدى بۇ باشلاردا قىيامەت،
تۇغۇلۇپلا بولۇپ قالغاچ ئەلەملىك.
جۇدالىقمۇ بولۇپ قالار ئىبادەت،
ئىشىنىمەن ئۇلۇغ تەڭرىم كەرەملىك.



2012-يىلى 25-سېنتەبىر  سەيشەنبە

شەھىرى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-25 23:12  

paizaning yollanmisi,asli aptor gulnaz bolsa kerak.almizardin yotkaldi....
دوستلىشىش
ئاقتۇلپار
adam tanha kelip tanha ketidu amma tanha yaxiyalmaydu.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1090
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
تۆھپىسى: 20
پۇلى: 77 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 40
ياخشى باھا: 77
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-02
ئاخىرقى: 2012-10-17
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 18:57

قارخان بۇرادىرىمنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان بۇ گۈلدەستىسىنى تۇنجى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن. خۇددى پىشقەدەم شائىرىمىز ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرىنى ئوقىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. مۈمكىن بولسا «يالغۇز ياغاچ»نى «يالغۇز كۆلبە»گە ئۆزگەرتىپ ئالساق مېنىڭچە ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن. يەنى 2-كوبلىت 4- مىسرادىكى «ئەرۋاھى» نى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويۇش كېرەكتى.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1444
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1444دانە
تۆھپىسى: 188
پۇلى: 1970 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 356
ياخشى باھا: 1850
توردا: 455(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-10-19
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 19:07

ئاقتۇلپار، بۇ شېئىر مېنىڭ كۆڭلۈمگىمۇ خۇددى مەن يازغان شېئىردەك تۇيغۇ بەرگەن ھەم ماڭىمۇ شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئۇسلۇبىنى ئەسلەتكەن ،ئەپسۇسكى بۇنى يازغان گۈلناز ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز ئىكەن ،مەن بۇنى يوللانما ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ قويغان بىراق خەت لاتىنچە يېزىقتا بولغاچقا ئۇقۇشماسلىق بولدى. رەھمەت!
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1088
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1088دانە
تۆھپىسى: 106
پۇلى: 1355 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 212
ياخشى باھا: 1305
توردا: 219(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-10-18
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 19:37

شېئىرنى ئوقۇپ يۈرۈگۈمدە ئېيتىلمىغان سىرلارنى ئېچىۋەتكەندەكلا سېزىم قىلدى.خىياللىرىمنى خۇددى بىلىۋالغاندەكلا..........
يىراقتىكى خىياللار ...
قەلبىمدىكى چىن سىرلار............
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2325
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2325دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2696 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2615
توردا: 405(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 09:22

  قەلىپتىكى سىرلارنى ئاشكارىلىماق بەسى مۈشكۈل،
ھەربىر ئىنسان سىر قاچىلانغان كومزەكتۇر!