«پەرىشتە» پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچە 'مەلائىكا' دېيىلىدۇ. 'پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ' ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئېتىقادى جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، پەرىشتىلەر ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ مەۋجۈت. ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان بولۇپ، ئەر- ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار «قۇرئان كەرىمدە» 'مەلائىكە' ۋە 'روھ' دىگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. (70- سۈرە، 4-ئايەت ؛ 78-سۈرە، 38 ئايەت؛ 97-سۈرە، 4-ئايەت )پەرىشتىلەر ھەممە ۋاقىت ئاللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ، ئاللاھنىڭ ئەمىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەييار تۇرىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقان، ئادەم ئەلەيھىسالامنى ياراتقاندىن كېيىن ، پەرىشتىلەرنى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان (38- سۈرە، 71-، 73-ئايەتلەر؛ 7-سۈرە، 11-ئايەت ؛ 17-سۈرە، 61-ئايەت؛ 18-سۈرە، 50-ئايەت ؛20-سۈرە 116-ئايەت ؛15سۈرە 28-30-ئايەتلەر) پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئالاھنىڭ ئەمىرىگە بويسۇنغان .پەقەتلا ئىبلىس (شەيتان ) بويسۇنماي گۇناھكار بولۇپ، جەننەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلىنغان . پەرىشتىلەر يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ. ئوخلىمايدۇ. ئۆلمەيدۇ، ياش- قېرى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەر خىل ، ئۇلارنىڭ بەزىسى جەننەتكە مۇئەككەل، بەزىسى دوزاخقا مۇئەككەل ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مۇئەككەل . ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىدىن مەشھۇر تۆت پەرىشتىنىڭ بىرى جىبرىئىل بولۇپ، ئۇ ئاللاھتىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى ئېلىپ كېلىشكە مەسئۇل؛ مىكائىل ئالەمنى كۈزىتىشكە ، بۇ دۇنيادىكى ئشىلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل؛ ئەزرائىل جان ئېلىشقا مەسئۇل؛ ئىسرافىل قىيامەت قايىم بولغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ سۆز (كارناي ) چېلىشقا مەسئۇل، سۈر چېلىنغاندا ، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، ئاللاھنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھغا (مەيدانغا) جەم بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە مۇنكىر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتە گۆردە سوراق قىلىشقا مەسئۇل.كىشىلەرنىڭ ياخشى -يامان ئەمەللىرىنى 'خاتىرىلەپ تۇرۇش ' قا مەسئۇل پەرىشتىلەرمۇ بار.
«ئىسلام دىنىگە دائىر بىلىملەردىن ئۈنچىلەر»دىن ئېلىندى.