ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 156 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ۋىسالسىز سۆيگۈ
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1444
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1444دانە
تۆھپىسى: 188
پۇلى: 1970 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 356
ياخشى باھا: 1850
توردا: 455(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-10-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 18:51

ۋىسالسىز سۆيگۈ

ۋىسالسىز سۆيگۈ

غەيرەت كەنجىبەك

ۋىسال بىزگە بولماپتۇ نېسىپ،
ھەتتا موماي، بوۋاي بولغىچە.
بىر زېمىندا ياشاپ تۇرۇپمۇ،
كۆرۈشمەپتۇق تا بۈگۈنگىچە.

بولغانمىدۇ تەقدىر – ئىرادە،
كاككۇك، زەينەپ قىسمىتى بىزگە.
كەچۈرمىشى لەيلى – مەجنۇننىڭ،
دال بولالماس قىسمىتىمىزگە.

ياغلىقىڭدا يېشىمنى يېنىك،
سۈرتكىدەكسەن كېچە چۈشۈمدە.
كەتكۈدەكمىش تەنلىرىم ئېرىپ،
پاك سۆيگۈڭنىڭ سېھرىي كۈچىدە.

چۈشتىن چاچراپ ئويغانغان چېغىم،
يېتىپتىمەن تەرگە چۆمۈلۈپ.
تەنھا بولغاچ يەنىلا ئۆزۈم،
قالدىم ھەسرەت بىلەن ئۆكۈنۈپ.

ئايرىلالماس روھىم سېنىڭدىن،
كەتسەممۇ گەر يەرگە كۆمۈلۈپ.
سۆيگۈ ئىزھار قىلار شۇندىمۇ،
قەبرەمدىكى گۈللەر يەلپۈنۈپ.



شىنجاڭ گېزىتى
almizardiki ak gul 914ning yollanmisi
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2325
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2325دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2696 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2615
توردا: 405(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 20:50

بۇ دۇنيادا سېنى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان كىشى بار ئەپسۇس سەن ئۇنى بىلەلمەيسەن.

                                                       _ پۈشكىن
دوستلىشىش
ئاقتۇلپار
adam tanha kelip tanha ketidu amma tanha yaxiyalmaydu.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1090
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
تۆھپىسى: 20
پۇلى: 77 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 40
ياخشى باھا: 77
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-02
ئاخىرقى: 2012-10-17
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 10:27

سۆيگۈ ئىزھار قىلار شۇندىمۇ،
قەبرەمدىكى گۈللەر يەلپۈنۈپ.
ناھايىتى پاساھەتلىك چىققان مىسراكەن بۇ.غەيرەت كەنجىبەكنىڭ لېرىكىغا باي تۇيغىسىنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. سايرام كۆلىدەك تىنىق ئەمما،تاتلىق مىسرالىرىڭ ئۆكسىمىگەي قېرىندىشىم.
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1088
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1088دانە
تۆھپىسى: 106
پۇلى: 1355 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 212
ياخشى باھا: 1305
توردا: 219(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-10-18
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 10:41

ۋىسالسىز سۆيگۈ ياخشى يېزىلغان شېئىر، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بولۇپمۇ:

ياغلىقىڭدا يېشىمنى يېنىك،
سۈرتكىدەكسەن كېچە چۈشۈمدە.
كەتكۈدەكمىش تەنلىرىم ئېرىپ،
پاك سۆيگۈڭنىڭ سېھرىي كۈچىدە.

چۈشتىن چاچراپ ئويغانغان چېغىم،
يېتىپتىمەن تەرگە چۆمۈلۈپ.
تەنھا بولغاچ يەنىلا ئۆزۈم،
قالدىم ھەسرەت بىلەن ئۆكۈنۈپ.

كوبلىتلىرى .



ھەسرەت، ئۆكۈنۈش بۇ تۇرمۇشىمىزدىكى رىئاللىقنى ئەينەن ئىپادىلەپ بەرگەن كوبلىتلار دەپ قارايمەن ...
ئاپتورنىڭ قەلىمىگگ بەرىكەت تىلەيمەن.
دوستلىشىش
ئاياز
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1152
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 142
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 146 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 146
توردا: 37(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-10-19
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 16:05

شىئىردىن نەقىل ئالاي دەپ،  شۇنچە تىرشىپ باقساممۇ  تاللىيالمىدىم . گەرچە  شېئىر « ۋىسالسىز سۆيگۈ » بولسىمۇ  ، ھەر  بىر - بىر مىسرالار   شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدا ۋىسال تاپقاندەك قىلىدۇ  .         نە ھاجەت مىسرالارنى « ۋىسال»ىدىن ئايرىپ نەقىل ئىلىشنىڭ  .

ۋىسالغا يەتمىگەن چىن سۆيگىلا  ئاشىق مەشۇقلار داستانلىرىنى يارىتالايدۇ  .