ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 731 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ۋاڭ دا خاۋ نىمە دەيدۇ؟!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1444
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1444دانە
تۆھپىسى: 188
پۇلى: 1970 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 356
ياخشى باھا: 1850
توردا: 455(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-10-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 19:13

ۋاڭ دا خاۋ نىمە دەيدۇ؟!


ئاپتور: ۋاڭ داخاۋ  (王大豪)
ئەلسۆي تەرجىمىسى ( ئىلقۇت بىلوگىدىن ئېلىندى)

تەھرىر ئىلاۋىسى: مەزكۇر ماقالە ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭ مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ئىلگىرى شىنجاڭدا مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر خەنزۇ يازغۇچىنىڭ ماقالىسى بولۇپ، بۇ يازغۇچىنىڭ ئىسمى  ۋاڭ داخاۋ  (王大豪)، ئۇ سۇمرۇغ تورى بلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇمرۇغ تورى بلوگىدىكى يازمىلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى شىنجاڭ بىلەن، يەنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەن ئىلگىرى بۇ ئاپتۇرنىڭ بلوگىدىكى بىر قانچە يازمىسىنى ئوقۇغان، ھەمدە ئۇنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە، يەنى ھە دېسىلا ئۇيغۇرلارنى سۆكۈپ يېزىپ، ئىچكىرىدىكى خەنزۇلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولغانلىقتىن، قايتا ئۇنىڭ يازمىلىرىنى كۆرمەيدىغان بولغان ئىدىم. ئەمما ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى سىنا مىكروبلوگدا بايقاپ قېلىپ ئوقۇپ چىقتىم. ماقالە گەرچە ئازراق ھاياجان بىلەن يېزىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇرۇنقى ماقالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرقكە ئىگە. شۇڭا مەزكۇر ماقالىنىڭ قىسمەن ياشلارغا ئاز تولا ئىلھاملاندۇرۇش رولى بولارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە، ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ بۇ ماقالە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىلقۇت بلوگىدا ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىنىڭ سۇمرۇغ تورىدىكى ئادرىسى:
سىنا تورىدىكى ئادرىسى:
ئەگەر ئاپتۇرنىڭ باشقا ماقالىسىگە قىزىقىدىغانلار بولسا (خەنزۇچە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلار) ئاپتۇرنىڭ سۇمرۇغ تورىدىكى بلوگىنى زىيارەت قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئاپتۇرنىڭ سۇمرۇغ تورىدىكى بلوگى: http://wangdahao.blog.ifeng.com/
ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ھازىر كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، بەزى جەھەتلەردە نىسبەتەن كەينىدە قالغان، لېكىن بۇ مىللەت مەڭگۈ كەينىدە قالمايدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار يوشۇرۇن كۈچى كۈنسايىن روشەنلىشىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم زور بولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ. شۇ كۈنگە كەلگەندە بارلىق خەنزۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىلغارلىق ۋە قالاقلىق دەپ پەرقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھەتتا نۇرغۇن تەرەپلەردە خەنزۇلاردىن ئۈستۈنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ ئەزەلدىن ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق كەم بولمىغان مىللەت. مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلاشقانسېرى بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور بولغان مىللەت. بەزى خەنزۇلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇلار تېخى «كەينىدە قالغان مىللەت» بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى ئۆگەنمىگەن تۇرۇقلۇق، كەلگۈسىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ كەتكەن مىللەت بىلەن قانداق ئالاقە قىلار؟ خەنزۇلار چوقۇم بۇ تەييارلىقنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، شىنجاڭنىڭ مەلۇم يېرىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان ماشىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئوت-چۆپ ئاپىرىپ بەرگەن ۋە بۇنى يەۋالسۇن دېگەن—بۇ شىنجاڭدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر يۇمۇر. بەزى خەنزۇلار (كۆپ سانلىقلار تەرىپىدىن ئاز سانلىق دەپ قارالغانلىرى) نىڭ نەزىرىدە، ئۇيغۇر مىللىتى «كەينىدە قالغان مىللەت»، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ھەممە جەھەتتە كەينىدە قالغان ئەمەس.
(1) ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى چوڭ باغچىلىرى، نۇرغۇن ئوبلاست-ناھىيەلەرنىڭ مەدەنىيەت مەيدانلىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇسسۇل ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئويناۋاتقىنى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل، ئۇلار شۇنداق بېرىلىپ ئوينايدۇ. گەرچە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايدىغان خەنزۇلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، نۇرغۇن ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاقلارمۇ بۇ توپقا قېتىلىپ، تەڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا. تېخىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى نۇرغۇن ياشانغان خەنزۇلار قىشتا قار ئۇچقۇندىغاندىمۇ باغچىدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايدۇ، نۇرغۇن خەنزۇلار بىر كۈن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىمىسا پۈتۈن بەدىنى بىئارامسىزلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتى شىنجاڭ خەنزۇلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمغا ئايلاندى. مۇزىكا-ئۇسسۇلدا شىنجاڭنىڭ خەنزۇلىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاسىمىلاتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، يەنى خۇشاللىق بىلەن ئاسىلىماتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ.
(2) سىز ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا، ئاشخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئۆزى تىككەن گۈللەر (كۆپىنچىسى ئەنجۈر) نى كۆرسىڭىز، بۇ چوقۇم ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسى. بەزى كۆلىمى چوڭراق ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئالدى گۈللۈككە ئوخشاش بولىدۇ. بىر قېتىم، مەن بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا بىر تۈپ يېشىللاشتۇرۇش كۆچىتىنىڭ ئەتراپىغىمۇ گۈل يەنە ئازراق دالا ھىدى ئاتا قىلىدىغان قوناق مايسىسى تىكىپ قويغانلىقىنى كۆرگەن، يېشىللاشتۇرۇش كۆچىتىنىڭ يېنىدا بىر كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمىگەن يەر بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىمۇ يېشىللىققا ئورىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يېشىللاشتۇرۇش ئېڭى ھازىرقى زامان مۇھىت ئاسراش ئېڭى بىلەن بىردەك بولۇپلا قالماي يەنە بۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇشنى ۋە ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
(3) بىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق باغچىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم. يىراقتىن بىر قانچە ئۇيغۇر ئۆسمۈر كېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چىرايلىققىنا ئۆسمۈر مەردانە ھالدا ئالدىمغا كەلدى، ئون نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بۇ ناتونۇش بالىنىڭ مەيدىسىدە بىر سولياۋ قاپقا ئېلىنغان كىنىشكا بار ئىدى، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن مەيدىسىدىكىنى ماڭا كۆرسەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ماڭا بىلدۈرمەكچىدەك قىلاتتى. مەن ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ كىنىشكىسىنى ئەستايىدىل كۆردۈم، ئۇ ئەسلىدە «ئۆسمۈر مۇخبىرلىق كىنىشكىسى» بولۇپ، بۇ بالا كورلىدىن كەلگەن ئىكەن. مەن كۈلۈپ ئۇنىڭغا باشمالتىقىمنى كۆرسىتىپ: «ياخشى، ياخشى» دېدىم. ئۇ ئىنتايىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولۇپ، ناھايىتى تەبىئىي ئىدى. ئۇ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە دوستلىرى بىلەن كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر «ياشانغان مۇخبىر» غا ئۆزىنىڭ كىنىشكىسىنى كۆرسەتكىنىنى بىلمىسە كېرەك. بۇ نەقەدەر ساپ، سەمىمىي ئۇيغۇر ئۆسمۈر ھە! ئۇيغۇرلار شان-شەرەپنى قىزغىن سۆيىدىغان مىللەت، بۇنداق مىللەت چوقۇم ئۈمىدكە تولغان مىللەت بولىدۇ.
(4) بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرى ئاددىي قوپال بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئاشخانىسىدەك بېزەشكە ئەھمىيەت بەرمەيتتى. بىراق يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى بېزىلىشى ئىنتايىن كۆركەم ئاشخانىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇ ئاشخانىلار قويۇق مىللىي پۇراقتا بېزىلىپلا قالماي يەنە ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سەپلىنىشىدىكى ھەر قايسى ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل ئاشخانىنى نەپىس سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئېسىل، مەرد، دۆلەتمەن سالاپەتكە كىرگۈزۈپ، ھەر قانداق ئەڭ ياخشى بىر ئاشخانىدىن قېلىشمىغۇدەك قىلغان. بىر قېتىم، مەن بىر دوستۇم بىلەن دۆڭكۆۋرۈكتىكى بىر نەپىس بېزەلگەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىردىم، ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر مۇلازىم ئەدەپ بىلەن نېمە يەيدىغانلىقىمىزنى سورىدى، مەن ئاشخانىنىڭ تورۇسىدىكى بېزەكلەرنىڭ لايىھەسىگە قاراپ، خىجىللىق بىلەن: «بىز كۆرگىلى كىرگەن.» دېدىم. مۇلازىمنىڭ مىيىقىدا بىر خىل سۇس ئىپتىخارلىنىش كۈلكىسى پەيدا بولدى ۋە «كۆرۈۋېرىڭلار» دەپ ئۆزىنىڭ ئىشىغا كەتتى. ئاشخانىدىن چىققاندا، دوستۇم ئاشخانىنىڭ بېزەكلىرىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. مەن: «ئەگەر سەن بۇ ئاشخانىنىڭ بېزىلىشىگە يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىغان بولساڭ، بۇ مىللەتكىمۇ يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىشىڭ كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتى ئىنتايىن مۇنەۋۋەر مىللەت. » دېدىم. باشقا مىللەتنىڭ قىلالىغان ئىشىنى ئۇيغۇرلارمۇ ناھايىتى ياخشى قىلالايدۇ، بۇندىن كېيىن نۇرغۇن تەرەپلەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ئاددىي قوپاللىقتىن نەپىسلىككىچە ئۇچۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭ ئۆزىلا ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتنىڭ بىر جايىدا توختاپ قىلىپ ئىلگىرىلىمەيدىغان مىللەت ئەمەسلىكىنى ئەكسىچە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان ۋە ئىنتىلىۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
(5) ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ قولىدا بىر قانچىلا مال بولۇپ يەنە بەزىلىرىنىڭ قولىدا نەچچە دۇربۇن، نەچچە قاشتېشى ياكى بىر قانچە كىچىك پىچاق بار، گەرچە ئۇلارنىڭ قولىدىكى مال كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر كۈنى زېرىكمەستىن، ھاردىم دېمەستىن ھەممە كوچىلارنى دېگۈدەك كېزىپ، كوچىدىكى ھەربىر ئادەمگە دېگۈدەك تونۇشتۇرۇپ ساتىدۇ. مەن ئۇلار مۇشۇنداق كوچىدا يۈرۈپ نەچچىنى ساتالار دەپ ئويلايمەن.ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن جاپا تارتىشتىن قورقمايدىغان ئېلاستىكلىقى مېنى ئۆزىگە قايىل قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان گەرچە خەنزۇ تىلىنى بىلمىسىمۇ، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن قۇرۇق قول ئىچكىرىگە بېرىپ ئۇ يەردە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مېۋىلىرىنى ساتقان، نەچچە يىلدىن كېيىنلا باي بولغان. ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ بىرقانچە يېرىدىكى ئېگىز سودا سارايلار ئۇنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باي بولغانلار نۇرغۇن.
(6) 2010-يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇيدۇ، ھەر كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچى ۋاقتى بەش بىلەنلا تۇرۇپ ئۆگىنىشنى باشلايدۇ، كەچتە 12:00 كەر بىلەن ئاندىن ياتاققا قايتىپ ئارام ئالىدۇ، كۈندە ئۇخلىغان ۋاقتى بەش سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ، بۇرۇن يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قەدەر تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. »
بىر كۈنى كەچتە، ئۇ 8-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتىكا تەكرار قىلىپ بېرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز توك كېتىپتۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرھاللا شام، قولچىراغلارنى چىقىرىپ داۋاملىق ئۆگىنىپتۇ، بەزى شامغا بەش ئالتىدىن ئوقۇغۇچى توغرا كېلىدىكەن. شۇ يىلى مائارىپ ئورۇنلىرى «قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىشىگە بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلىمە چىقارغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 39 بالا قايتا ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپتا يىغلاپ كەتكەن، ئوقۇتقۇچى نەسىھەت قىلىپ سائەت 3:00 لەرگە يېقىن ئاندىن ياتىقىغا قايتۇرغان. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۇدا ئۈچ ۋاق تاماق يېمىگەن. ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم چوقۇم ئالغا ئىنتىلىدىغان ئادەم؛ ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان مىللەت گەرچە كەينىدە قالغان مىللەت بولسىمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالايدۇ. ئەگەر بىز بىلىمنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلساق، ئۇنداقتا بىز بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى سەل چاغلىماسلىقىمىز كېرەك. كىم بۇنى ئىنكار قىلسا شۇ نادانلىق قىلغان بولىدۇ.
(7) بۇلارنى ئوقۇغاندا بەزىلەر سەن نېمىشقا رەھىمسىز تىرورچىلارنى تىلغا ئالمايسەن دەپ سورىشى مۇمكىن. ھەر قانداق بىر مىللەتتە ياخشى ۋە يامان ئادەم بولىدۇ، خەنزۇلاردىمۇ ئوخشاش، ئۇنداقتا كىم خەنزۇلارغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئالغا ھەممە خەنزۇ ياخشىلىرى دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ياخشىلىق ھەممە مىللەت ئېتىقاد قىلىدىغان قىممەت ئۆلچىمى. بۇ خىل ئومۇم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قارىشى پۈتكۈل مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ، شۇڭا ھەر قانداق مىللەتتىكى ياخشىلارنىڭلا شۇ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى بولىدۇ. بىر ئۇيغۇر كادىر بۇرۇن ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «دۇنيادا قانداق مىللەتتىن بولسۇن ياخشىمۇ بار، يامانمۇ بار، ھەر قانداق ئادەم تېپىلىدۇ، ھەممە مىللەت ئوخشاش. » ئۇيغۇرلاردا داڭلىق ئۇسسۇلچىلار ۋە ئېسىل داچىلىرى بار بايلار بولۇپلا قىلماي يەنە ھەر قايسى ساھەلەردە يۇقىرى پەن تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتورلارمۇ بار. بىر مىللەتنىڭ ئىلغارلىقتىكى تەبىئىي تالانتىغا باھا بېرىشتە شۇ مىللەتتىكى قالاق نەرسىلەر بىلەن باھا بېرىشكە بولمايدۇ، ئەكسىچە شۇمىللەتتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەر توپى ئىپادىلىگەن ساپاغا ئاساسەن باھا بېرىش كېرەك. ھەممە مىللەتتە بەزى قالاق نەرسىلەر بولىدۇ، پەقەت شۇ مىللەتتىكى ئەڭ ئىلغار كوللېكتىپلا شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
مەن بۇرۇن بىر ماقالىدە مۇنداق بىر ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن: ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مۇنەۋۋەر مىللەت، ھۆرمەتكە ئەرزىيدىغان مىللەت، ئىستىقبالى پارلاق بىر مىللەت. مېنىڭ بۇ ماقالەم بلوگدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى ئۇيغۇر ياش سۆز قالدۇرۇپ، ماڭا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئەسىرىمنى كۆرگەندىن كېيىن تەسىرلىنىپ يىغلىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ماڭا تاسادىپىيلىق تۇيۇلدى، مەن ئاددىيلا بىر پارچە ماقالەمنىڭ ئۇلارنى شۇنچە تەسىرلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
(8) ئەڭ ئاخىرىدا سىلەرگە كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بېرەي، بۇنى بىر دوستۇم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىكەن:
قىش كېچىسى، قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچۇپ تۇغان، يول چىراغلىرى ئۆچۈشكە ئاز قالاي دېگەن ئادەمنىڭ كۆزىدەك خىرە بولۇپ، يولدىكى ماشىنىلارمۇ ئۇچقاندەك يۈرۈۋاتقان، خۇددى بۇ سوغۇق قىش كېچىسىنى تېز تاشلىۋېتىپ، ئىللىق ئۆيىگە تېزرەك قايتىشقا ئالدىراۋاتقاندەك ۋاقىت ئىكەن. شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن قىش پەسلىدە بۇنداق قىش كېچىسىنىڭ ھېچقانچىلىك تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. دوستۇم تەخمىنەن كېچە سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا كوچىدا بىر ئۇيغۇر بوۋاي ئەسكى ۋېلىسىپىتنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ ۋاقىت پىچاق بىلەيدىغان ئادەمنىڭ سودا قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس ئىدى. ئۇ 60 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈستى بېشى قار بولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتى ئۆزگەرتىپ ياسالغان پىچاق بىلەيدىغان ۋېلىسىپىت ئىكەن. يول تەرەپتىن تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ قاتتىق چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، (بۇ ئاۋاز ھەرقانداق ئادەمنىڭ تېنىنى جۇغۇلدىتاتتى.) بىر مۈشۈك يولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا ئوقتەك كېلىۋاتقان ماشىنا بېسىۋەتكەن ئىكەن. بۇنى بىر ئايال كۆرۈپ قالغان، بۇ ئاۋاز كىشىنى سۈر باستۇراتتى. بۇ ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان كۆرۈنۈش. ھەممە ئادەم بۇ ئېچىنىشلىق مۈشۈكنىڭ تاڭ ئاتقىچە يەنە كېيىن كەلگەن ماشىنىلار تەرىپىدىن قايتا قايتا يانچىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ھېلىقى بېشىنى چۆكۈرۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر بىلەيچى بوۋاي قەدىمىنى توختىتىپ، ۋېلىسىپىتىنى يول بويىدىكى رېشاتكىغا يۆلەپ قويدى. ئۇ نېمە ئىش قىلماقچى؟ ئۇ يولدا ياتقان مۈشۈكنىڭ قېشىغا كەلدى، مۈشۈكنىڭ بەدىنى قان ۋە توپىلارغا مىلىنىپ كەتكەن بولۇپ قارىغىلى بولمايتتى. بىلەيچى بوۋاي ئىككىلەنمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن مۈشۈكنى ئىككى قوللاپ ئاۋايلاپ، يېشىللاشتۇرۇش رايونىغا كېلىپ، ئېڭىشكىنىچە مۈشۈكنى خۇددى ئۇخلاۋاتقان بالىنى ئويغىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاستا كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويغاندەك چىمغا ياتقۇزۇپ قويدى-دە، بىلەيچى بوۋاي خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ۋېلىسىپىتنى ئىتتەرگىنىچە يولىغا راۋان بولدى. ئۇنىڭ سايىسى قار ئۇچقۇنداۋاتقان قىش كېچىسىدە تېزلا غايىب بولدى. يولدا كېتىۋاتقانلار ئاز بولۇپ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان ئىدى. بۇ 2009-يىلى 12-ئايدىكى ئۈرۈمچىنىڭ قىش كېچىسى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tatur-kalaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 11:02  

bu asli ili almizardiki tatur kalaqning yollanmisi
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2325
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2325دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2696 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2615
توردا: 405(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-26 20:48

ماتېريالدا كۆرسۈتىشىچە؛
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە  مەركىزى بېرلىن شەھىرى؛ بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قاتتىق بومباردىمان قىلىنىدىكەن،بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى پانتون مارشال داڭلىق گېنراللارنىڭ ھەمرالىقىدا بېرلىن شەھەر خارابىلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا توساتتىن بىر خارابىلىك ئەتىراپىدا 80 ياشتىن ئاشقان بىر موماينىڭ چاڭ-توپىغا مىلىنىپ كەتكەن بىر تەشتەك گۈلىگە مۈكچۈيۈپ تۇرۇپ سۇ قۇيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ئەتراپىدىكىلەرگە موماينى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ<< بۇ گىرمانلار
بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولماپتۇ...>>دېگەنىكەن.
_ بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ بۇ قوماندانىنىڭ يۇقارقى ھۆكۈمىدىن نېمىنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ...!؟
دوستلىشىش
ئاياز
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1152
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 142
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 146 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 146
توردا: 37(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-10-19
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 15:01

(4) بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرى ئاددىي قوپال بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئاشخانىسىدەك بېزەشكە ئەھمىيەت بەرمەيتتى

ققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققققق.

مۇشۇ ئىبارىنىڭ ئۆزىلا  بۇ يازغۇچىنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىكلىكىنى دەلىللەپ بىرىپتۇ .