●ئالاباما ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا مۇرۇژنا ئورالمىسىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يانچۇققا سېلىۋىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
●ھاۋاي ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا دانلىق زىرائەتلەرنى قۇلىقىغا سېلىۋىلىش چەكلىنىدىكەن.
●نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ بېشىغا توپ تېپىشكە يول قويۇلمايدىكەن.
●يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا قاتىللىق قىلغاندا ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىش مەنئى قىلىنىدىكەن.
●جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ ھەر شەنبە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا خوتۇنىنى ئۇرۇشىغا يول قويۇلىدىكەن.
●مېننىسۇتا ئىشتاتىنىڭ قانۇنىدا ئېرىنىڭ ئاغزىدىن سامساق، پىيازنىڭ پۇرىقى كەلسە، خوتۇنىنىڭ ئېرى بىلەن بىللە بولۇشنى رەت قىلىشى يوللۇق بولىدىكەن.
●ئىداخو ئىشتاتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت بىر بىلىكى بار پىيانىنو چالغۇچىسىلا ھەقسىز نومۇر ئورۇنلايدىكەن.
●ئامېرىكىنىڭ فېدېراتسىيە قانۇنىدا ھەر پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6 دىن كېيىن ئۇسۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى 3417-سان