ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 203 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تىلنىڭ ئۇپرۇشى ۋەپۇرسىتى
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2329
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2329دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2700 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2619
توردا: 406(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 18:16

تىلنىڭ ئۇپرۇشى ۋەپۇرسىتى

                                  تىلنىڭ ئۇپرۇشى ۋە پۇرسىتى

                                          سوسۇر(موڭغۇل)

            ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىسى باشلانغاندىن تارتىپ،شۇ مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى پەرىقىنى بىلىش ھەققىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى توختاپ قالغىنى يوق.لېكىن،بىزنىڭ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرى بولۇپ،مىلادىدىن بۇرۇن قانداق ئىش يۈز بەرگەن؟مىلادى مانچىنچى ئەسىردە نېمە ئىش بولغان؟مىسسوپوتامىيە مەدەنىيىتى قانداق بارلىققا كەلگەن؟رىملىقلار،ۋىزانتىيەلىكلەر،ھىندىلار ۋە جوڭگۇلۇقلار قانداق شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان؟دېگەندەكلەردىن نېرى بولالمايدۇ.ئۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلاردىمۇ نەزىرىمىز كۆپۈنچە كونا تاش قورال ۋە يېڭىھە قورال-ياراغ دېگەندەك ئەسلىھەلەرگە مەركەزلىشىدۇ.لېكىن،تىلدىن ئىبارەت بۇ قۇرالنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى رولىغا سەل قاراپ،كىشلەرنىڭ ئىش-ھەركەت،پائالىيەتلىرىنى تىل نۇقتىسىدىن شەرھىلەشكە كۆڭۈل بەرمەيمىز.ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەركەتلىرىدە تىل ئەڭ زور ئاكتىپلىق ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ،ئىنسانلار كونا تاش قورال دەۋرىدىن ھازىرغىچە ھەرخىل قوراللارنى ياسىغان بولسىمۇ ھېچبىر قورال ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە تەبىئىي بار بولغان تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ ئورنىنى ۋە رولىنى ئىگەللىيەلمەيدۇ.تىل ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەركەتلىرىگە بىۋاستە باشچىلىق قىلالايدۇ.بەزىدە،ياشانغان،ھالسىز بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قىلغان بىر ئېغىز مەردانە سۆزى شۇ قەبىلە كىشلىرىنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ،باشقا بىر قەبىلىگە ھوجۇم قىلىشىغا تۈرۈتكە ھەم مەدەت بولىدۇ.
           ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەدەنىيلىكى ۋە بەدۋىلىكى،پازىللىقى ھەم پاسىقلىقى،ئۆم-ئىناقلىقى ۋە غۇم-ئاداۋەتلىرى ماھىيىتىدىن ئېيىتقاندا ئىنسانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن كۆرە ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە باشچىلىق قىلغۇچى ئەڭ ئۆتكۈر قورالى تىلدا ئايان بولىدۇ.تىل تەپەككۇرنىڭ بېقىندىسى بولغاچقا،تەپەككۇر ۋە ئاڭنىڭ مۇئاييەن چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.سىز ئويلاپ ياتكەن سۆز-جۈملىلەر،ھەرخىل ئۇچۇرلار چوڭ مىڭىنىڭ كونتوروللۇقىدا بولىدۇ.مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا،تىل بىر بومبىغا،تەپەككۇر ۋە ئىدىيە ئۇنىڭ پىلتىسىغا  ئوخشايدۇ. تەپەككۇر،ئىدىيە ۋە تىل بىرلەشكەندىلا ئىنساننىڭ بارلىق ئىش-ھەركىتى ئۆز نەتىجىسىگە يۈزلىنىدۇ.
        تىل يېزىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدۇنقى شەرتى بولۇپ،يېزىق پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ۋە ئۇچۇر تارقىتىشى پۈتۈنلەي چوڭ مىڭنىڭ ئەستە تۇتىشىغا ۋە ئاغزاكى بايانىغا تايانىلغان،شۇ سەۋەپ ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى رەسىم،بەلگىلەر ئارقىلىق شەيئىلەرنى ئىپادىلەشنى ئىجاد قىلىپ،ئىنسانلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساس سالغان.شۇندىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا بۇ رەسىم،بەلگىلەر تىل ئالاقىسى،ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق بېيىپ،دەسلەپكى تەسۋېرى يېزىق شەكىلىنىپ،ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىختىرالىرىغا ئىمكانىيەت ئاتا قىلغان.يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسان تەپەككۇرىنى تىل ۋە يېزىق ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ،ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئىمكانىيەتلىرىنى زورايتىپ،تىلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىي مەنىدىكى قورال نۇقتىسىدىن ئىنسان ئەقىل-پاراسىتى دەرجىسىگە كۆتۈرۈپ،تىلغا يېڭىچە بىر خىل پۇرسەت ۋە قىممەت ئاتا قىلغان.
            تىل غايەت زور ھارۋىغا ئوخشاش بىر ياكى بىرقانچە مىللەت كىشلىرىنى ئۆزىگە يۈكلەپ،ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەش داۋامىدا چارچاش،خوراش،ئۇپراش ۋە يەنە ئۈزلۈكسىز  يېڭىلاش ئارقىلىق ئۆزىگە يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارتىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.تىلدىكى مەلۇم بىر سۆزلۈك ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەنىلەر خۇددى چوڭ بىر ماشىنىنى بىر زاپچىسىغا ئوخشاش ئاشۇ ماشىنىنىڭ يۈرۈشمەسلىكى،چاتاق چىقىشى سەۋەپلىك ئاستا-ئاستا كونىراپ،داتلىشىدۇ ھەم ئاخىرى بېرىپ كاردىن چىقىدۇ.ئېلىمىز تىل-يېزىق چوڭ دۆۋلىتى،بۇ يەردە خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە،موڭغۇل تىلى،تىبەت تىلى،ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق نۇرغۇن تىللار بار.بۇ تىللار ئۇزاقتىن بۇيان ئۆز سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلدى.ئېلىمىزدە قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆز ئالدىغا تىل-يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت 50تىن ئاشىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن ئىشلىتىلگەن،ھازىر ئىشلىتىشتىن قالغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرۈك يېزىقى،قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى،چاغتاي يېزىقى،ئۇدۇن يېزىقى،پاشپا موڭغۇل يېزىقى،قىتان چوڭ يېزىقى،قىتان كىچىك يېزىقى،جۇرجىت يېزىقى،تاڭغۇت يېزىقى قاتارلىق 17خىل يېزىق بار.مانا بۇلار تىلنىڭ يەنى بىر جەھەتتىكى ئۇپرۇشى ۋە يوقۇلىشىدۇر.بۇ يېزىقلار ئېلىمىز تىل-يېزىق تۇپرىقىدا ئۆز قىممىتىنى ئازدۇر-كۆپتۇر جۇلالىتىپ،جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق،تىلدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئېقىندا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ئۆزىگە خاس بۇزغۇن چاچرىتىپ،جۇلاسىنى چاقناتقان.ئۇلار خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت تىل مۇھىتىدا مەۋجۇت بولۇش داۋامىدا خەنزۇ تىلىنىڭ لېكسىكىسىنى بېيىتقان ھەم تەرەققى قىلدۇرغان.موڭغۇل تىلىنى مىسال،موڭغۇل تىلىدىكى<<نادام>>،<<خادا>>،<<خاقان>>قاتارلىق سۆزلەرنىڭ خەنزۇ تىلى لېكسىكىسىدا پەيدا بولىشى خەنزۇ تىلىغا چەكسىز يايلاق،ئۇچقۇر تۇلپار ۋە ساپ سۈت ھىدىنى ئاتا قىلغان.
            تارىخقا نەزەر سالساق،بېكىنمىلىككە ھە تۇرغۇنلۇققا تولغان بۇرۇختۇم ھالەت تىلنىڭ ئۇپرۇشى ھە يوقۇلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپتۇر.تىل كىشلەرنىڭ ئۈزۈكسىز ئاسىرىشى ھە بېيىتىشىغا مۇھتاج بولۇپ،ئەل ئىچى تىل سەنئىتىنىڭ
كەڭ دائىرلىك كۆپ خىل پائالىيەتلىرى تىلنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا گۈللەپ-كۆكلىشىگە ئىمكان ھازىرلايدۇ.بۇ مۇھىتتا تىلدىن باشقا يەنە باشقىلارغا ئانچە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئادەم-شائىر ۋە يازغۇچى مەۋجۇت بولىدۇ.شائىر ۋە يازغۇچىلار تىلنىڭ ئەڭ دىلكەش ساھابىلىرىدۇر.شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ تىنىمسىز ئىجادىيىتى تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆز جۇلاسى ۋە نىداسىدىن مەھرۇم ھالدا مىھۇشلانغان تىلنى ئويغۇتۇش ۋە بېيىتىشنى مەسەت قىلىدۇ.ئۇلار ئۆز قەلبى ئارقىلىق تىلنى غىدىقلاپ،سەزگۈسىنى ئوۇغىتىدۇ.ئۇلارنىڭ يوقالغان روھىغا ۋە ئازابىغا مەلھەم بولىدۇ.تۇرمۇشنى خاتىرلەش ئارقىلىق تىلنى بىرمۇ بىر رەتلەپ،ئۇنى ئۆزى بەرپا قىلغان ئىجاد قەسىرىگە باشلايدۇ.مۇھاببەتلىك ۋە ھاياجانلىق تۇرمۇش قوينىغا تاشلايدۇ.تىلنىڭ زېرەكلىكى ۋە زەكىلىكى،ئۆز ساھابىنىڭ ئلھامى ۋە ئىنئامىدا كىشى قەلبىنى لال قىلالايدىغانلىقى،مەردانە،مەغرۇرلۇقىمۇ،ۋەيرانە،جىمغۇرلۇققىمۇ ئىگە ئىكەنلىكى شائىر ۋە يازغۇچىغا بەش قولدەك ئايان.شۇڭا،شائىر ۋە يازغۇچىلار تىلنىڭ ئۆز جەزبىسىدىن ئايرىلماسلىقى،ئۇپراپ،خورماسلىقى ئۈچۈن بار ۋۇجۇدى ۋە قۇۋىتى بىلەن تىلنى پەپىلەيدۇ.بېيىتىدۇ،شۇ ئارقىلىق تىلغا تەپەككۇر،ئىديەگە تۇتاشقان ۋە تىلنىڭ ئەسلى مەنە قاتلىمىنى بۆسىدىغان تارام-تارام يوللارنى ئاچىدۇ.تىل بېيىتىشقا ۋە پەپىلەشكە مۇھتاج.بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە جەلىپكار ھاياتقا ۋە بۇرۇچقا ئېرىشىشكە تېخىمۇ موھتاج.
            قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسانلار تىل مەۋجۇتلىقىدا مەۋجۇت بولۇپ،تىلنىڭ ساقلىنىش ھالىتىدە ياشاپ كەلدى.بىر مىللەتكە نىسبەتەن مەدەنىيەت دەل ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغان مۇنبەت زېمىنى_قاتتىق ئەمەلىي كۈچى بولسا،تىل ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى يۇشۇرۇن شەكلى_يۇمشاق ئەمەلى كۈچىدۇر.ناۋادا
بىر مىللەت بۇ ئىككى نۇقتىدىن ئايرىلىپ قالسا،ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ مەھمىيىتىنى يوقۇتىدۇ،تىل تەرەقىياتى جەريانىدا ئېلىمىزدىكى بەزى ئاز سانلىق مىلەتلەرنىڭ قەدىمدىنلا ئۆزلىرىنىڭ تىلشۇناسلىرى بارلىققا كەلگەن.ئۇلار مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خاس ئەسەرلەرنى يېزىپ،ئاچۇقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.تىبەت تىلشۇناسى تونىمى سامېھوتا 7-ئەسىردىلا سانسىكىرىت يېزىقىدىن پايدىلىنىپ،تىبەت تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىبەت يېزىقىنى ئىجاد قىلغان.ئۇ يەنە<<تەلىم ئاساسلىرىدىن 30قەسىدە(تاگىسىكىې ئۇجۇكىيا)>>قاتارلىق گىراماتىكا كىتابلىرىنى يازغان.19-ئەسىرنىڭ ئوتۇرلىرىسا سىدۇ چۆجىجيۇزەن<<تىبەت تىلى
گىراماتىكىسى>> ناملىق كىتابنى يازغان.ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىمۇ 11-ئەسىردىلا<<تۈرۈك تىللار دىۋانى>>
نى يازغان.موڭغۇل ئالىمى دەگمەت دورجى 14-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا<<موڭغۇل تىلى ئانالىزى>>ناملىق كىتابنى يېزىپ،موڭغۇل يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئاساس سالغان.يۇقارقى ئەمگەكلەر ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينىغان.شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگەكلىرى تىلنى ئۇپراشتىن ساقلاش،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە بىسبەتەن قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ھۋسەبلىنىدۇ.چۈنكى،ئۇلار تىل-يېزىقنى ئۆزىنى-ئۆزى قوغداش يولىغا
باشلىغان.
                تىل توغرۇلۇق سۆز ئېچىلسا،ئانا تىلىم بولغان موڭغۇل تىلىنىڭ بوشاڭلىقى،رايىشلىقى،مۇلايىملىقى ۋە زىيادە نەپىسلىكىگە ئىختىيارسىز<<ئېچىنىمەن>>چۈنكى بۇ تىل ھەم ئاسان ئاجىزلىشىدىغان ھەم ئاسان تىرىلىدىغان،شۇنداقلا يات تىل تەركىپلىرىنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان،قىلچە قوغدىنىش ئىقتىدارى يوق بىر خىل
تىل.شۇ سەېەپ،موڭغۇل تىللىق كىشلەرنىڭ يات بىر تىلنى ئۆگىنىشى شۇ قەدەر ئاسان ھەم ئاددىيدۇر.بۇ تىل شېئىرىنىڭ نەپىسلىكىنى،ھېسياتنىڭ مۇلايىملىقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن.مېنىڭچە،دەل ئاشۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئارتۇقچۇلۇقى ياكى ئاجىزلىقى بولۇپ،ھەر ۋاقىت ئۆز ساھىبىنىڭ ئەبجەش تىل مۇھىتىغا مەيىن شامال كەبى سىڭىشىپ ئۇپرايدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ.موڭغۇل مىللىتى تىلغا ئېلىنسا،كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كۆپۈنچە قەيسەر،
قىززىققان،جۇشقۇن بىر سېما كېلىدۇ.ئەمما سىز ئۇلارغا ھەقىقى يېقىنلىشىپ،ئۇلارنى چۈشەنگىنىڭىزدە،سىزنى ھەيرانلىققا ۋە ئۇنتۇلغۇسىز كەيپىياتقا باشلايدىغىنى دەل ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئاجىزلىق ۋە روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان تىلدىكى رايىشلىق بولۇپ،خۇددى ئۇلارنىڭ ئۈزۈلمەس خەلق ناخشىللىرىدەك يايلاق،ئېقىن،ئايال،تۇلپار،ئاتا-ئانا ۋە بالىلاردىكىدەك ساددا،بىغۇپارلىققا،شەيدا-مەھلىيالىققا ئوخشايدۇ.ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ باقسام،موڭغۇل تىلىنىڭ مۇقەددەس قەسىرىدە ئۇنى ئۆز ئەقىدىسىدە مۇكەممەل ساقلاپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا شىنجاڭدىكى ئۇيراتلار ئىكەن.چۈنكى، ئۇلار ئۆز دىيالىكتىكىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي
كۈچى ۋە مۇستەھكەم روھىي بىلەن دۇنياۋى قەھىرمانلىق ئېپوسى<<جاڭغىر>>نى ساقلاپ قالدى.ئەلۋەتتە،بۇ تەڭرىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىلتىپاتى ۋە ياكى ئۇيرات دېيالىكتىكىسىنىڭ سېھرى كۈچۈمۇ ئەمەس،بەلكى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھاببىتى ۋە شەپقىتىدۇر!!!
               ئۇيراتلارنىڭ ئەۋلادى بولمىش بۈگۈنكى مەن شىنجاڭدا ياشىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلايمەن،چۈنكى كۆپ خىل تىل بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇ مۇنبەت زېمىندا ئۇيغۇر تىلى،قازاق تىلى،موڭغۇل تىلى ۋە قىرغىز تىلى قاتارلىق ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۆزگىچە نىدا ۋە
جۇلا،ئۆزگىچە پۇراق ۋە سىياق بىلەن خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.سىز بۇ تىللارنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش سەزگۈيىڭىزدىن باشقا يەنى كۆرۈش،پۇراش،سېزىش،تېتىش سەزگۈلىرىڭىزنى ئىشقا سېلىشىڭىز كېرەك.شۇندىلا بۇ تىللارنى ھەقىقى چۈشۈنىسىز ۋە سېھرىنى بايقايسىز.شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى مەللەتلەرنىڭ قەلىپ تەكتىدىكى پىنھان سىرلارنى چۈشۈنىسىز،شۇنىڭ بىلەن بىللە،يەنى بۇ رەڭدار تىللارنىڭ خاسلىقىدىن تەسەۋۋۇرىڭىز قانات ياساپ،تېخىمۇ تېرەن مەنىلەر مەنزىلىگە يېتەلەيسىز.ئېلىمىزنىڭ ۈەرىبىي رايونى كۆپخىل تەركىپلەر بىر گەۋدىگە
ئايلانغان رەڭدار ۋە جەلىپكار دۇنيا.مىللىتى،تىلى ۋە ئېتىقادى ھەر خىل كىشلەر بىللە ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشىغاندىلا دۇنيا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە رەڭدارلىقىنى نامايان قىلالايدۇ.ناۋادا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىر خىل تىلنى ئىشلىتىپ،بىر خىل دىنغا ئىتقاد قىلىپ،غايەت زور بىر يەرشارى كەنىتى بەرپا قىلسا،بۇنىڭ بىر ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن.چۈنكى،ئىنسانىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن تالايلىغان تەرەققىيات پۇرسەتلىرىدىن ۋە تەپەككۇر ئىمكانىيەتلىرىدىنمەھرۇم قېلىپ،تېخىمۇ تار ۋە چەكلىك،زۇلمەتلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك تولغان بىر دۇنياغا ساھىپ بولۇشى مۈمكىن.كىچىكىمدىن تارتىپ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆپ خىل تىل بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا،ئاشۇ تىللاردا قانداقتۇر بىر ئۈزۈلمەس رېشتەم ۋە نېسىۋەم باردەك،ئۇيغۇر،قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنى بىلىشتىن سىرىت،شۇ تىللارنىڭ شاپائىتىدە قەلىبلەر تەكتىگىمۇ بىمىلال چۆكەلەيمەن.تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،بۇ تىللار ماڭا ئۆز ھىممەتلىرىنى ئاتا قىلىپلا قالماي،يەنى مېنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلۇمنى موللاشتۇرۇپ،ئانا تىلىمغا
تېخىمۇ زور چېچەنلىك،چىۋەرلىك ۋە جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلدى.مانا بۇ تىلدىن ماڭا كەلگەن ئامەت.

مىنبە؛ شىنجاڭ گېزىتى.2012.9.22 گۈلشەن بېتىدىن يۇلۋېلىندىلەر...






                  
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-09-27 22:08قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1088
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1088دانە
تۆھپىسى: 106
پۇلى: 1355 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 212
ياخشى باھا: 1305
توردا: 219(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-10-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-29 15:07

ئەھمىيىتى زور مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەن يۇلۇپ ئالغۇدەك..........ئەجرىڭىزگە رەخمەت.