سەنسىز
(ئاتام رەھمەتلىكنى ئەسلەپ)
ئەسقەت ھوشۇر
داۋان ئاشتىم دەپتىمەن،باقسام دوڭمۇ ئەمەسكەن،
سەنسىز ھەتتا ماڭمىقىم مۈشكىلاتكەن-قىينكەن.
قىيان كەلدى دەپتىمەن ئەگىز ئاقسا كوچىدا،
ئېرىقتىكى سۇنىمۇ سەنسىز توسۇش تەس ئىكەن.
بالا باقتىم دەپتىمەن كۆرمەي ھىچ بىر جاپانى،
ئۆستۈرۈشكە بىر داننى كېرەك ئەقىل-ئەس ئىكەن.
پىشتىم جاھان ئىشىغا يېڭىلمەيمەن ئەمدى دەپ،
يۈرۈپتىمەن ئۆزەمچە،كىبىرلىكىم قەست ئىكەن.
ئەمىن تاپسۇن پاك روھىڭ،يەتتىم ھەجەپ قەدرىڭگە،
كىم ئۇنتىسا زاتىنى،ماڭغان يولى پەس ئىكەن.
[ بۇ يازمىنىئەلتېكىن 2012-09-29 16:07قايتا تەھرىرلىد ]