تولۇستوينىڭ ئاۋازى
1908-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى فاتىفوننىڭ كەشپىياتچىسى،ئامېركىلىق ئالىم ئېدىسۇن روسىيىە يازغۇچىسى
لېۋ تولۇستويغا خەت يېزىپ،ئۆزىنىڭ تولۇستپينىڭ ئاۋازىنى پىلاستىنكىغا ئېلىۋېلىشىنى سورىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئېنگىلى-
زچە فىرانسوزچە تىللاردا سۆزلەشنى تەلەپ قىلغان.
تولۇستوينىڭ شەخسى دوختۇرىنىڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغاندا،1908-يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈن ئېدىسۇن ئە-ۋەتكەن ئىككى نەپەر ئەنگىليىلىك ئەينىي ۋاقىتتىكى ئەڭ ئىلغار ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ،تولۇستوينىڭ ئۆيىدە سىناق تەرىقىسىدە ئۇنىڭ ئاۋازىنى پىلاستىنكىغا ئالغان.12-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنى تولۇستوينىڭ ئاۋازىنى رەسمىي پىلاستىنكىغا ئېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئەستايىدىل تەييارلىق قىلغان،تولۇستوي تولۇمۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن قايسى مەزمۇندا سۆزلەش توغرىلىق ئۇزاق ئويلانغان ھەم ئېنەىلىزچە سۆزلەشنى مەشىق قىلغان.12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ فاتىفوننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ،<<بىر ياخشى ئىنسان ھەققىدە ھېكايە>>،<<جەننەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدە>> ۋە پەلىسەپەۋى ماقالىلاردىكى بەزى بىر بۆلەكلەرنى ئېنگىلىزچە دېكلاماتسىيە قىلغان.
1914-يىلى ئېدسوننىڭ تەجىربەخانىسى بىلەن ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەن،شۇنىڭدىن بۇيان كىشلەر ئىزچىل تۈردە تولۇستپينىڭ ئاۋازى ئېلىنغان پىلاستىنكىنى ئەشۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن،دەپ قاراپ كەلگەن.
لېكىن،ئۇنى شۇ ۋاقىتتا كىنو شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ۋورىت مىلى ئارىيەت ئېلىپ ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەنىكەن.يېقىندا ئامېركىلىق ئايال يازغۇچى بېركافىكمان بۇ پىلاستىنكىنىڭ قايتا كۆچۈرۈپ ئېلىنىغان نۇسخىسىنىي تولۇستوينىڭ يۇرتىغا ئاپىرىپ،موسكىۋا دۆلەتلىك ئەدەبىيات موزېيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
مەنبە؛بورتالا گېزىتى.2012.9.24