ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 642 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چىڭگىزخان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 963
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە963دانە
تۆھپىسى: 258
پۇلى: 1592 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 506
ياخشى باھا: 1487
توردا: 212(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-29 13:13

چىڭگىزخان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟



ئىلاۋە: چىڭگىزخاننىڭ 1 سائەتنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 748 مىڭ ئادەمنى قىرغىن قىلغانلىق ئەپسانىسى تارقىلىشى بىلەن، ئەنئەنىۋى قاراشتىكى چىڭگىزخاننىڭ ئوبرازى ناھايىتى سىرلىق بولۇپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە چىڭگىزخان ھەرگىز بىر قانخور ئەمەس، ھەقىقىي چىڭگىزخان ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىرغىن قىلمايدۇ.
       ئەسلى تېمىسى: چىڭگىزخان 1 سائەتنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 748 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانمۇ؟
     يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق تارىخشۇناس ۋە ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ مۇتەخەسسىسى كىلاك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپتۇ، ۋە يەنە بىر قېتىم قايتىدىن تارىختىكى مەشھۇر ئىستېلاچى چىڭگىزخاننىڭ ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىپتۇ، ھەمدە چىڭگىزخاننىڭ بىر قىسىم مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېچىپ بېرىپتۇ، بولۇپمۇ بۇ ماقالىدە چىڭگىزخاننىڭ 1 سائەتنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 748 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ.
     كىلاكنىڭ قارىشىچە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ تارىختىكى ئورنى بىلەن تارىخى رولىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىپ يىتىپتۇ. يەنى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ «دۆلەت ئاتىسى» ، چىڭگىزخان يەنە قايتىدىن موڭغۇللارغا يېڭى ئابىدە تىكلەپتۇ. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلدە، موڭغۇللار ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ ئىسمىنى يۇقىرىراق ئاۋازدا ئېيتالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قاپتۇ. ھازىر، بارلىق ئىشلاردا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولۇپتۇ. موڭغۇللار ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ تارىختىكى مەشھۇر ئابىدىلىرىنى، چىڭگىزخانغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللار بىلەن ئاسار ئەتىقىلەرنى كۆرەلەيدىغان بولغان. نۆۋەتتە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلاپتۇ، يەنى ئۇلار چىڭگىزخاننىڭ ئىسمىنى قانۇنلۇق يول ئارقىلىق قوغدىماقچى بولۇپتۇ.
     نۇرغۇن غەربلىكلەرنىڭ قارىشىچە، چىڭگىزخان بولسا تارىختا ناھايىتى مۇھىم رول تۇتىدىكەن، ھەمدە كىشىلەر ئۇنى ئويلىسىلا بۇرنىغا قان پۇرايدىكەن. تارىختا چىڭگىزخانغا نۇرغۇن قېتىم سەلبىي پىكىر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق قاراش ئۇنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. غەرب ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، چىڭگىزخاننىڭ ئىستېلاسى ئاستىدا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادا ھېچقانداق شەكىلدىكى مەدەنىيەت- مەسىلەن قۇرۇلۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئىزى قالماپتۇ، ھەربىي ھەرىكەت بولسا ئاساسلىق دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى قىلىنىپتۇ، دىننىڭ ئەركىن بولۇشى بىلەن كىشىلەرنىڭ باراۋەرلىكى ھېچقانداق ئەمەلگە ئاشماپتۇ، قۇللۇق تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى تارىخ بېتىگە يېزىلىپتۇ. ئەمما كىلاكنىڭ قارىشىچە، چىڭگىزخان ئۈستىدىكى تارىخى خۇلاسىنى بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى قىيىن مەسىلە ئىكەن.
     كىلاكنىڭ قارىشىچە، چىڭگىزخان ھېچقانداق بىر چوڭ قىرغىنچىلىق شەكىلدىكى ۋەقە سادىر قىلماپتۇ. تىز تارقالغان چىڭگىزخاننىڭ «قىرغىنچىلىق ھېكايىسى»، يەنى تۆۋەندىكىدەك ئادەمنى چۈچۈتىدىغان ئەپسانە : ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا چىڭگىزخان بىر قېتىم بىر سائەتنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 748 مىڭ ئادەمنى قىرغىن قىلغان. بۇ سانلىق قىممەت ئادەمنى ناھايىتى چۆچۈتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئەپسانە راستمۇ؟ بۇ ئەپسانىنىڭ كەينىگە زادى قانداق مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان؟ 1 مىليون 748 مىڭ دېگەن بۇ سان زادى قانداق كەلگەن؟
     كىلاكنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە بۇ ئەھۋاللار ناھايىتى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىنىپتۇ. كىلاكنىڭ قارىشىچە، چىڭگىزخان ئەگەر ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا بۇنداق كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرسە ئۇ مۇتلەق مۇمكىن بولمايدىكەن. بىر خاقان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئەگەر چىڭگىزخان بىر سائەتنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق كۆپ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالسا، ئۇ چوقۇم ھەر مىنۇتتا 29 مىڭ 133 ئادەمنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
     كىلاك نۇرغۇن تارىخى ماتېرىيال توپلاپ بۇ نۇقتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ. ئېنىقكى، چىڭگىزخان دۇنيانى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا ئەڭ كەم دېگەندە 1 مىليون ئادەمنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ھەر قېتىم بىر رايوننى بويسۇندۇرغاندا، موڭغۇل قوشۇنىغا تەسلىم بولغانلارنى ھايات قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاپتۇ. ئەمما كىشىلەر بۇ تارىخى شەخسنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن كۈچىنى مۇبالىغە قىلىپ، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى چىڭگىزخاننىڭ ئۈستىگە يۈكلەپتۇ. ئەمما، ھەقىقىي قەبىھ ئىستېلاچى بولسا چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى بىلەن ئۇننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىكەن.
      1227-يىلى، چىڭگىزخان نىشاپۇر ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ئۇنىڭغا يا ئوقى تېگىپ يارىلىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئوغلى ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، نىشاپۇردىكى بارلىق شەھەر ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلاپتۇ، ھەتتا بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا شەھەردىكى ئىت مۈشۈكلەرمۇ ساق قالماپتۇ. بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق تاكى موڭغۇل قوشۇنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى داۋام قىلىپتۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا قىرىپ تاشلانغان پۇقرالارنىڭ ئومۇمى سانى 1 مىليون 500 مىڭغا يېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق كىشىلەر تەرىپىدىن زور دەرىجىدە مۇبالىغە قىلىنغان ھەمدە بارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى چىڭگىزخاننىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن.


مەنبە:نۇرتورى  
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1152
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 143
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 147 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 147
توردا: 37(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-10-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-29 14:12

چىڭگىزخانغا نىسبەتەن غەرىپ بىلەن شەرقنىڭ ( جوڭگونىڭ ) باھاسى ئوخشىمايدۇ .
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1088
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1088دانە
تۆھپىسى: 106
پۇلى: 1355 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 212
ياخشى باھا: 1305
توردا: 219(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-10-18
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-29 15:10

بۇنى پەقەت نەق مەيداندا كۆرگەن كىشىلا ياكى تارىخشۇناسلار يېشىپ چىقمىسا چىڭگىزخان ھەققىدە ئوخشىمغان كۆز قاراشلار مەۋجۈت.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2329
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2329دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2700 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2619
توردا: 406(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-29 15:39

مېنىڭچە شۇ دەۋرىدە چىنگىزخان ئىستىلاسى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن
ئادەملەرنىڭ سانى 1مىلىيون700مىڭدىن ئارۇق بولغان بولىشى مۇمكۈن(چىنگىزخاننىڭ ۋە
قارىشى تەرەپتىكى ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ).................
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 258
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
تۆھپىسى: 110
پۇلى: 1286 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 120
ياخشى باھا: 367
توردا: 118(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2012-10-19
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-30 14:10

رەھمەتلىك ھەقىقەتەن باتۇر كىشى ئىدى .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2329
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2329دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2700 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2619
توردا: 406(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 16:21

ئوغۇز نەسىللىك بۇ ئەزمەت بولۇپمۇ روسلارنى قاڭغىر قاخشاتقان...................
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 963
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە963دانە
تۆھپىسى: 258
پۇلى: 1592 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 506
ياخشى باھا: 1487
توردا: 212(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 14-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، موڭغۇلىيە  تۈنۈگۈن پايتەخت ئۇلانباتوردىكى لېنىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەيكىلىنى چېقىۋەتكەن، ئۆتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە لېنىن موڭغۇلىيىدە ئۇلۇغ ئۇستاز دەپ ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن .

سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ، موڭغۇلىيە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر يۇلتۇز دۆلىتى بولۇشقا تاسلا قالغان . لېنىننىڭ بۇ ھەيكىلى كوزۇپلۇق ماشىنا بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن ۋاقتىدا ، چەتتە قاراپ تۇرغان 300دەك تاماشىبىن ئىچىدىن بىرەيلەن ھەيكەلگە قارىتىپ ئايىغىنى ئاتقان .

نەق مەيداندىكى ئۇلانباتور شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىباۋۇتىل سۆز قىلىپ ، موڭغۇلىيە ئۆتمۈش بىلەن خوشلاشتى دېگەن ھەمدە لېنىننى ئەيىبلەپ ‹‹جاللات ››دېگەن .ئۇ يەنە لېنىننىڭ بۇ ھەيكىلىنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدىغانلىقىنى ، باشلىنىش باھاسىنىڭ 280ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .

لېنىن 1924-يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ ، نۆۋەتتە روسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردا يەنىلا ئۇنىڭ ھەيكىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2329
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2329دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2700 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2619
توردا: 406(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 8سائەت بۇرۇن

ش ئا ئە ت  تەشىلاتى شۇڭا مۇشۇنداق ھەيكىلى ۋە يوغان رەسىمى بار زاتىلارغا قارىشى تۇرىدۇ....