ئەدەبىي تەرجىمە سېپىدىكى ھارماس تۆھپىكار
نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن
مۇساجان ھۈسەيىن ئاكا بىز ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىجادىي ئەمگىكى بىلەن جەمئىيەتتىكى غوللۇق ئىلىم سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ بۇ ساھەدە ئۈن ـ تۈنسىز ئىجتىھات قىلىۋاتقان شەخستۇر. ئۇنىڭ تەسىرى ئاللىبۇرۇن ئوبلاستىمىز چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ بۇ نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوپۇزلۇق ژورناللاردا تەكرار تونۇشتۇرۇلغان. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ياراتقان ئۇتۇقلىرى ئالدىدا مەغرۇرلىنىپ قالماي، ئىزچىل ھالدا ئىزدىنىشنى توختاتمىدى .
ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە قابىل رەھبەر، شۇنداقلا ئوبلاستىمىزدىكى جامائەت ئەربابى مۇساجان ھۈسەيىن 1949ـ يىلى 10 ـ ئايدا بورتالادا تۇغۇلغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى تەتۈر قۇيۇنلار سەۋەپلىك تاكى 1969ـ يىلى 12 ـ ئايغىچە تەقسىم قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان. 1969 ـ يىلى 1ـ ئايدا بورتالا ناھىيە يالقۇن گۇڭشې (ھازىرقى شويىڭپەن بازىرى)غا كەمبەغەل دېھقان، تۆۋەن ـ ئوتتۇرا دېھقانلاردىن «قايتا تەربىيە ئېلىش»قا چۈشكەن. 1971ـ يىلى 12 ـ ئايدا ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. 1973ـ يىلى «ئوبلاستلىق ئىنقىلابىي كومىتېت تەشكىلات گۇرۇپپىسى» غا يۆتكەلگەن. 1973ـ يىلى ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3ـ نۆۋەتلىك ئىتتىپاق قۇرۇلتىيىدا ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ سايلانغان. 1979ـ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1980ـ يىلى 10ـ ئايدىن باشلاپ ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1985ـ يىلى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ دىپلومى ئالغان. 1985 ـ يىلى 7ـ ئايدا ئوبلاستلىق رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئىدارە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1995ـ يىلى 5 ـ ئايدا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سىرتقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . 1997ـ يىلى 5 ـ ئايدا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، 2000ـ يىلى 3 ـ ئايدىن باشلاپ قوشۇمچە ئوبلاستلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2003 ـ يىلى 2ـ ئايدا ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 2008 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە ئوبلاستلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى، شۇنداقلا بورتالا ئوبلاستلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 4 ـ نۆۋەتلىك پەخرىي رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەپ كەلمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوبلاستىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومىتېتى مەملىكەتلىك كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى. بۇ ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتىگە سەمىمىي ـ سادىق، ئەۋلادلارغا كۆيۈنۈش، ئىجادچانلىق بىلەن ئەمەلىي ئىشلەش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئەلۋەتتە.
مۇساجان ھۈسەيىن ئاكا پارتىيە، ھۆكۈمەت تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇپلا قالماستىن، بورتالادىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر قوشۇنىنى تەشكىللەش ۋە ياش قەلەمكەشلەرنى تەربىيەلەشتىمۇ مۇھىم روللارنى ئۆتەپ كەلدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئوبلاستىمىز يازغۇچىلىرىنىڭ نەشىر قىلغان كىتابلىرى كۆپ قېتىم باھالاش، ئەدەبىي ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
ئۇ يەنە ئوبلاستىمىز قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن ئوبلاستلىق پارتكومدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرگە ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزۈپ، ئوبلاستىمىزدا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ژورنالنىڭ بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىر مەزگىل توختاپ قالغان«سايرام» ئەدەبىي ژورنىلىنىڭ ئەسلىگە كېلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراق قىلدى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل ئەل ئۈچۈن تىنىمسىز تۆھپە قوشۇشتەك ئىزدىنىشچان روھى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ .
ئۇ يۇقىرىنىڭ ئۆزىگە يۈكلىگەن خىزمەتلىرىنى جاپاغا چىداپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ئەرزىگۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ تەرجىمە ئىجادىيىتى «غايە ھەققىدە ياش دوستلار بىلەن سۆھبەت» (تەرجىمە ئەسەر)بىلەن باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ روسىيەلىك داڭلىق پىداگوك ـ مائارىپچى سوخۇمۇلىسكىنىڭ «ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر»ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلدى. ئۇ بۇ تەرجىمە ئەسىرى ئارقىلىق بىزگە ئىلغار مائارىپ ئىدىيەلىرى ۋە مىتوتلىرىنى تونۇشتۇردى.
مۇساجان ھۈسەيىن ئاكا 1982ـ يىلى فرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مۇپاسساننىڭ «ھايات» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇردى. بۇ ئەسەر ناھايىتى جانلىق تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك تەسۋىرلىرى، مونۇلوگلىرى ... دىن تارتىپ ھەممىسى ئىنتايىن راۋان، ئەسلى ئەسەرنىڭ تىلىغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. ئانا تىلىمىزغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىنغان مەزكۈر ئەسەرنى ئوقۇغان چېغىمىزدا، قىلچىلىك ياتلىق ياكى كەمتۈكلىكنى سەزمەيمىز، بۇنىڭدىن تەبىئىي ھالدا مۇساجان ئاكىنىڭ يىتۈك تەرجىمە قابىلىيتىگە ۋە ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
مۇساجان ئاكا يەنە بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟» ناملىق كىتابنىڭ جۇغراپىيە قىسمىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە سىلاۋيان يېزىقىدىكى «مىڭ ئۆي» (داستان) ناملىق ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈپ چىقتى .
بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ يەنە 1985 ـ يىلى يازغان بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىسى، رادىيو ـ تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «تەبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىش» ۋە «شىنجاڭ ئاخباراتچىلىقى»، «رادىيو ـ تېلېۋىزىيە مۇنبىرى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا «تىل گۈزەللىكى توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى.
مۇساجان ئاكا يۇقىرىقىدەك قىممەتلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن باشقا يەنە يېقىندا«بىر مىنۇت ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش» ۋە شىۋىتسىيەلىك داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيىچى نېلىس ئامبوتنىڭ «كارۋان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرىياتقا سۇندى، «كارۋان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بۇ كىتابنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر ئارقىلىق بىز شىنجاڭنىڭ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيمىز.
شۇنىسى ئېنىقكى، مۇساجان ھۆسەيىن ئاكا ھاردىم ـ تالدىم دېمەي بىزگە نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلەرنى سۇندى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەمتەر، تىرىشچانلىقى بىلەن ئوبلاستىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك تارىخىغا ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئىزىنى قالدۇردى. بۇ يۇرتىمىز ئۇچۇن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان زور ئىش ...
«بورتالا گېزىتى »24-سېنتەبىردىكى 3-بەتكە بېرىلگەن.