بورتالادىن ئۈرۈمچىگىچە
ئاسفالىت يولنۇڭ ئەستىرىنى سويۇپ
چۆل ئېدىر بىپايان
كۆيۈك ئاپتاپقا قاقلانغان
دالاسىنى جۇڭغارنىڭ بويلاپ
ماناستا تۈنەيمەن!
ئۇنىڭ سۈيىدە غۇلاچلايمەن!
دولقۇن بۇزغۇنلىرى
ئەپ كېلىدۇ دىمىغىمغا
0 تىپلىق قان ھىدى...
شەرىق قىرغىقى
تۈمەنلىگەن مىشەك
پاقىرىتىپ كۆزىنى
چېچىلىپ ياتىدۇ ئېچىپ ئاغزىنى...
ئاجايىپ داڭلىق
بىر مەرگەن
ياق بىر ماڭقۇرۇت ئۆتكەن...
مەنا جۇڭغار سەپىرىنىڭ خۇلاسىسى شۇ !؟
بورتالا ئۈرۈمچى يولى
تۈمەن ئارمانلارنى قۇچاقلاپ
چۆگىلەپ يۈرگەن سامان يولى...
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-10-02 11:23قايتا تەھرىرلىدى ]