بالام دەيمەن
(ساتىرا )
يىمىشىڭ كۆپ سۈتۈڭ ئاز،
سىنى قانداق كالام دەيمەن .
ئوغلۇم مەندەك بولالمىساڭ
سىنى قانداق بالام دەيمەن .
ياكى ئاچكۆز بۇلالمىدىڭ ،
ياكى ئالداپ ئالالمىدىڭ ،
مەن كۆنگەنگە كۈنەكمىدىڭ ،
سىنى قانداق بالام دەيمەن .
نىمە قىلساڭ قىلمىدىڭ ،
مىنىڭ دەپلام تۇرمىدىڭ ،
ياكى يەڭنى تۈرمىدىڭ ،
سىنى قانداق بالام دەيمەن .
ھامان كىرەك دوللار ساڭا ،
ئوينىمامسەن مۇشۇ چاغدا ،
كىرەمتىڭ يا يۈز ياشقا ،
سىنى قانداق بالام دەيمەن .
سۆلىتىڭ يوق چەكمەيسەن ،
دورىشىڭ يوق تارتمايسەن ،
سۇرۇندا تۆت سەر ئىچمەيسەن ،
سىنى قانداق بالام دەيمەن .
يامان بۇلىدۇ دەپ كەتمە ،
ئۇ سۆزلەرگە كۆپ ئىشەنمە ،
گۇناھ دىگەن ئۇ تاڭ ئۇنىمە ؟
سىنى قانداق بالام دەيمەن .
-دەرۋىش