رەسىم:
2012 -يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى <ئانىلار بايرىمى> مۇناسىۋىتى بىلەن بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ مېھىرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيتى ،2012-يىللىق ئانىلار بايرىمىنى كۈتۋىلش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يېغىندا مېھىرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيتىنىڭ 11يىللىق خىزمىتى خۇلاسىلاندى.
مېھىرىبان ئانىلار جەمئىيتى 1998-يىلى بىر قىسىم پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ، قىينچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنىشىدىن باشلانغان بۇلۇپ،2001-يىلغا كەلگەندە7-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 20 نەپەر پىشقەدەم ۋە ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كىچىك خەيىر -ساخاۋەت جەمئيتى 1800 يۇەن ئىئانە يىغىپ بىر قىسىم قىينچىلغى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۇزگەن ئىدى . بۇ ئانىلارنىڭ مېھىر-مۇھابىتىدىن تەسىرلىنىپ ئىلھام ئالغان ئەر ئوقۇتقۇچىلار مېھىرىبان ئانىلار سېپىگەقېتىلدى ھەمدە2003-يىلغا كەلگەندە مېھىرىبان ئاتا-ئانىلار جەمئىيتى بۇلۇپ قۇرۇلغان .
بۇ جەمئىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن 7-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى باھارگۇل مەنسۇر بۇ جەمئىيەت ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ، مېھىرىبان ئاتا-ئانىلار سانىنى 500 نەپەرگە يەتكۇزدى . بۇ 11 يىل جەريانىدا 2500 دىن ئارتۇق ئائىلسدە قىينچىلغى بار ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي521مىڭ700يۇەن ئىقتسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلغىنى يەتكۈزدى .
بۇ نەتىجىلەرنى جەمئىيەت رەئسى باھارگۇل مەنسۇرنىڭ ۋە بۇ جەمئىيەت ئۈچۈن خالىس تۆھپە قۇشۇۋاتقانلارنىڭ تىرشچانلىغىدىن ئايرىپ قارىغلى بولمايدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بورتالا تېلېۋىزىيە ئىستانسى <سايرام بويدا> پىروگىراممىسى مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن. تۆۋەندە بۇ فىلىمنىڭ تەپسىلاتىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق .
مەن بوزقىر مۈنبىردىكى بارلىق ئەزالار نامىدىن بۇ جەمئىيەتتكى بارلىق مېھىرىبان ئاتا-ئانا ئاكا- ھەدىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ھەمدە رەھمەت ئېتىمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ تورداشلارنى بۇ سەپكە قۇشۇلشقا چاقىرمەن!