ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 348 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چاتما خەۋەرلەر
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 963
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە963دانە
تۆھپىسى: 258
پۇلى: 1592 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 506
ياخشى باھا: 1487
توردا: 212(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-30 17:31

چاتما خەۋەرلەر



يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئۆتكەن يىلى لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى قەززافىنى تۇتۇۋالغان ئۆكتىچىلەر خادىمى ئومران شاباننىڭ يېقىندا پارىژدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
«فرانسىيە 24 سائەت» ناملىق تاراتقۇنىڭ 26- سېنتەبردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2011- يىلى 10- ئايدا، ئومران شابان لىۋىيەنىڭ سۇرت شەھىرىگە يېقىن جايدىكى كېرەكسىز سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىدا قېچىپ كېتىۋاتقان قەززافىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن بىراقلا نام چىقىرىپ كەتكەن. لىۋىيە دائىرىلىرى ئىلگىرى شابانغا 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلغانىدى.



ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىغان. بۇ يىل 7- ئايدا، قەززافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى لىۋىيەنىڭ غەربىي قىسمىدا شاباننى تۇتقۇن قىلىۋالغان. شابان قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغاندا، بوينىغا ۋە ئاشقازىنىغا ئوق تەگكەن.
لىۋىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ماگارىئافنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن شابان مۇشۇ ئايدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ئەمما، ئۇنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، فرانسىيەگە ئەۋەتىلىپ جىددىي داۋالانغانىدى.
فرانسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر نەپەر باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شابان 25- سېنتەبر پارىژدىكى بىر دوختۇرخانىدا قازا قىلغان، ئۇ ئاران 22 ياش ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە، ئۇنىڭ جەسىدى يۇرتى مىسراتاغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئەمما ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، لىۋىيە دائىرىلىرى يەنىلا تۇتقۇن قىلىنغۇچىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىمۇ ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالمىغان.


جۇڭگو كەلگۈسىدە رۇسىيەنىڭ «رەقىبى» گە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن



يەر شارى تورى مۇخبىرى شۈ ۋېنچى خەۋىرى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ چېگرا لىنىيەسى 4300 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، تەبئىي جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك ئىككى دۆلەتنى ئىناق قوشنىلارغا ئايلاندۇردى. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ كۈنسېرى «قەد كۆتۈرۈشى» گە ئەگىشىپ، «جۇڭگو كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەسى» رۇسىيەنىڭ زىيالىلار قاتلىمىدا ئاينىشقا باشلىدى، رۇسىيەلىك بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا جۇڭگو كەلگۈسىدە رۇسىيەنىڭ «كۈچلۈك رەقىبى» گە ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، دەپ قارىدى.
رۇسىيە «روسبالت» ئاخبارات تورىنىڭ 26- سېنتەبىردىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە سىياسەت ۋە ھەربىي ئىشلارنى ئانالىز قىلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىكساندېر ھىرامجىكىن 26- سېنتەبر موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە كىمگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ‹ئوق- دورا زاپىسىنى ساقلايدۇ›؟» ناملىق سىياسەت كۇلۇب يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈرگەن: ئەگەر ھازىر خەلقئارا سەھنىدە رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولمىسا، ئۇ ھالدا كەلگۈسىدە جۇڭگو رۇسىيەنىڭ «كۈچلۈك رەقىبى» بولۇپ قېلىشتىن ساقلانمىقى تەس.
ئالىكساندېر ھىرامجىكىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى «جۇڭگو كېڭەيمىسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ». ئۇ مۇنداق قارىدى: ھازىر جۇڭگودا «نۇرغۇن مۇرەككەپ ئىچكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت، ئەگەر بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ ھالدا يەنە بىر مەسىلە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ».
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تاشقى توقۇنۇش دائىم بىردىنبىر چىقىش يولى بولۇپ قالىدۇ. ئالىكساندېر ھىرامجىكىن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تولىمۇ تېز، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىياتى بايلىقتىن ئايرىلالمايدۇ.
ئالىكساندېر ھىرامجىكىن يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگودا ھەربىي ھازىرلىقلار تېزلەشمەكتە، ئەمما بىز نېمىشقا بۇنىڭغا دىققەت قىلمايمىز؟ ئۇ مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېز سۈرئەتتە بىر فىلوت قۇرماقتا، ئۇ بىر يىل ئىچىدە قۇرغان فىلوتنىڭ كۆلىمى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ چوڭ.

چېخ ئەمەلدارى: پۇتىن بارغانسېرى چار پادىشاھقا ئوخشاپ قالماقتا




خەلقئارا لىنىيەنىڭ مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 27- سېنتەبردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چېخنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى كارېل شۋارزېنبېرگ يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزىنى رۇسىيەنىڭ چار پادىشاھى قىلىپ يېتىشتۈرمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەرب ئەللىرى سەرسان بولۇپ يۈرمەكتە، دېگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چېخنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى كارېل شۋارزېنبېرگ پۇتىننىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى 1825- يىلىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چار پادىشاھ تسار نىكولاس 1 غا بارغانسېرى ئوخشاش قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كارېل شۋارزېنبېرگ: ھازىر ھازىر چار پادىشاھ بولماق 40- يىللاردىكىدەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس، دېگەن. ئىگىلىنىشچە، نىكولاس 1 تولىمۇ قەبىھ بولۇپ، ئىنقىلاب ۋە قوزغىلاڭغا قارىتا قەتئىي باستۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولغان.
كارېل شۋارزېنبېرگ ئامېرىكا «دېپلوماتىك سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى قىلغان. ئۇ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلماسلىقى كېرەك دېدى، ھەمدە ھازىر پۇتىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى تولىمۇ «خەتەرلىك» دېدى.
ئىگىلىنىشچە، كارېل شۋارزېنبېرگ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1938- يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى چېخ- سلوۋاكىيەگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، جەمەتىنىڭ يېرى تارتىۋېلىنغان، دادىسى لاگىرغا قاماپ قويۇلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، چېخ ھۆكۈمىتى پەرمان چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ مال- مۈلكىنى خەزىنىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقتىن، ئۇلار ئاۋسترىيەگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

رۇسىيە تارتقۇسى: جۇڭگو سىرتقا قاراپ كېڭىيىشتىن ساقلىنالمايدۇ



جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چېگرىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 4300 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، تەبىئىي يەر شارائىتى بولسا ئىككى دۆلەتنىڭ قوشنا بولۇشىغا ناھايىتى ياخشى بولغان شەرت ھازىرلاپتۇ. ئەمما جۇڭگونىڭ تەدرىجىي «باش كۆتۈرۈشى» گە ئەگىشىپ، «جۇڭگونىڭ كېڭىيىشى» تەدرىجىي ھالدا رۇسىيىنىڭ قىياس نۇقتىنەزىرىدە پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە جۇڭگو سىرتقا قاراپ كېڭىيىشتىن ساقلىنالمايدىكەن.
رۇسىيە «روزالىت» تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە سىياسىتى ۋە ھەربىي ئىشلار تەھلىل تەتقىقاتچىسى يالىشەندانىڭ 26-چېسلا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە كىمگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك» تەھلىل يىغىندا كۆرسىتىشىچە، ئەگەر نۆۋەتتىكى خەلقئارا سەھنىدە رۇسىيىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولمىسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە جۇڭگو بولسا رۇسىيىنىڭ ئاساسى ئىستراتېگىيىسى بولۇپ قالىدىكەن.
  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىش ئاساسلىق «جۇڭگو سىرتقا كېڭەيتمىسە، تەرەققىيات ئەھۋالىغا تەسىر يېتىدۇ» دىن ئېلىنىپتۇ. يالىشەندانىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى جۇڭگوغا خىرىس قىلىدىغان كۈچلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن، شۇڭا جۇڭگو بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىكەن.
يالىشەندانىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، تاشقى توقۇنۇش بولسا بىردىن-بىر چىقىش يولى بولۇپ قالىدىكەن. يالىشەندا يەنە «جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تىز، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن ئايرىلالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
    يالىشەندا يەنە : «ھەربىي ئىشلار تەييارلىقى بولسا جۇڭگو تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا، شۇڭا جۇڭگونىڭ دىققەتنى تارتىشى ئېنىق» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە مىسال كەلتۈرۈپ : «جۇڭگو نۆۋەتتە ناھايىتى تىز بىر تىز يۈرەر دېڭىز ئارمىيە قوشۇنىنى قۇرۇپ بولدى، ئۇنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى دېڭىز ئارمىيە تەرەققىيات سۈرئىتى باشقا دۆلەتتىن يۇقىرى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يىغىندىسىغا توغرا كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.


مەنبە:نۇر خەۋەر تورى


خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 258
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە258دانە
تۆھپىسى: 110
پۇلى: 1286 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 120
ياخشى باھا: 367
توردا: 118(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2012-10-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-30 18:25

راس ، جۇڭگۇ بايلىقتىن ئايرىلالمايدۇ .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2330
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2330دانە
تۆھپىسى: 129
پۇلى: 2701 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 259
ياخشى باھا: 2620
توردا: 406(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-20
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-15 17:53

پارچىلىنىپ كەتكەن بۇ روسىيە پۈتۈن سۈرۈك قوشنىسىنى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ................