قوشماق ئاداش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى:
كەمىنە ھىدايەتتىن سىلەرگە سالام .
ياز كىرگندىن بېرى كەسىپ ئىھتىياجى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، مۇنبەرگىمۇ
ئاساسەن كىرەلمىدىم. بۆگۈن جامائەتنى بىر يوقلاش باھانىسىدا كىچىككىنى بىر شەخسىي
ئىشىمنى قىلىۋالاي دەپ كىردىم، ئاقساقاللىرىمىزنىڭ ئىجازەت بېرىشىنى سورايمەن.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان ۋاقلىرىمىزدا جەنۇبتىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىز ئارسىدا شۇنداق بىر
ئويۇن بار ئىدى. بادام ئىچىدىن قوشماق مېغىز چىقىپ قالسا، ئۇنى ئىككى ئادەم بۆلۈشۈپ يەيتى-دە،
ئەتىسى كۆرۈشكەندە كىم ئاۋال «قوشماق ئاداش» دەۋالسا قارشى تەرەپ شۇنى مېھمان قىلاتتى.
بۇندىن ئون كۈن مۇقەددەم، مەنمۇ بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قولومغا بىر جۈپ
قوشماق مېغىز چىقىپ قالدى ـ دە، دەرھال شۇ ئويۇن ئېسىمگە كېلىپ، « قوش مېغىز» دەپ
قولۇمنى كۆتۈرۈپ ساپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان بىر قىز قولىنى تەڭلەپ سالدى،
ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىزغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، شۇنىڭ بىلەن مەقسەتسىز، غەرەزسىزلا ئىككەيلەن
بۇ ئويۇنغا باغلىنىپ قالدۇق،(مەن باغلىنىپ قالدىم) شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇن شۇ يەردىلا تۈگىسە
بولىۋىرەتتى. ياشلىق دېگەن شۇدە ، شۇندىن بېرى بۇ قىزنى ئىزدىگىم شۇ ئويۇننى داۋاملاشتۇرغۇم كەلدى.
كىم بىلىدۇ دەيسىز ئادەم بىرسىنى ئۇچراپ قالسىدى دەپ قانچە ئارزۇ قىلغانچە شۇنچە يىراقلاپ كېتەمدۇ
بىلمىدىم، زادىلا ئۇچۇرتالمىدىم ، شۇڭا، چوڭاملارنڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك بولدىسىمۇ ، دىيارىمىزدىكى
مۇشۇ سەينادا ، شۇ «قوشماق ئادىشىم» نى ئىزدەش ئېلانى چىقاردىم. قېرىنداشلىرىمىزدىن ناۋادا بىرەيلەن
شۇ «ئادىشىم»نى ئۇچۇرتۇپ قالسا، خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...
ھېچقانچىلىك چوڭ ئەمەس، لېكىن بۇ شەھەر,
تەسكە چۈشتى ئەجەپمۇ سېنى تاپمىقىم.
چىقىمەن ھەر-كۇنى ئۆيدىن تاڭ-سەھەر،
ئۈمۈدۈم شۇ ئۇچراپ، قالسا ئادىشىم.
ئۆيۈڭنىڭ ئادىرسى ماڭا نامەلۇم،
پەقەتلا ئېسىمدە قالغىنى ئىسمىڭ.
ئىسمىڭدەك كېلىشكەن گۈلدەك بويۇڭدا،
ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلدەك چىرايىڭ.
ھەيرانمۇ بولمىغىن ئىزدەشلىرىمگە ،
ئاددىي بىر ئويۇنغۇ دەپ قالما زىنھار.
«قوشماق ئاداش» دەۋالسۇن مەيلى كىم بۇرۇن،
غەنىيمەت ئەمەسمۇ بىزگە بىر دىدار.
ئادىشىم، «قوشماق ئاداش» بولساڭ ئەگەردە،
ئامان-ئېسەن بۇ، شەھەر-يۇرتۇمدا ؟
مۇبارەك ئۇچۇرۇڭدىن بېرىۋەتكىنە،
تەلمۈرۈپ ئۆتۈپ كەتمەي گۈلدەك يېشىمداا.
[ بۇ يازمىنىھىدايەت 2012-10-01 20:06قايتا تەھرىرلىدى ]