تالادىكى ئۇيقۇ
بوغدا ئەبدۇللا
ياقۇت كەبى سۈزۈك بىر ئاسمان،
يۇلتۇزلار ماڭا ھەمرا بۇ كېچە.
سەير ئەتتىم بىر گۈزەل چۈشتەك،
ئۇيقۇ باغرىغا ئالغۇچە.
ھەي،ھەي بالىلىق يىللار...
توپا كېچىپ ئويناپ،ئۆگزىدە يېتىپ
چوڭ بولساق دەپ كۆزىمىز تۆت بولغان.
يىللار ھۆرپىيىپ كەلدى كۆز ئالايتىپ،
غۇر-غۇر شامال يىپەك قاناتلىق.
بۇ دۇنيادا شۇندىن بىر ئارام.
يەتتە قات كۆرپىدە يوق بۇنداق ھوزۇر،
چۆل ھاۋاسى ئىلاھىي ئىنئام.
بوران
كەلدى بوران گۈلدۈرلەپ ئۇچۇپ،
كۈچلىنىپ،
ئايلىنىپ،
قاپلىشىپ،
توپا يىغىپ.
تۇلۇن ئايغا ئوخشاپ قالدى كۈن.
دەل-دەرەخلەر ھەريان لىڭشىپ.
ئېتىز ئارا پاختەك دانلىماس،
تۇرۇپ-تۇرۇپ ۋىچىرلار قۇشقاچ.
غورىلار يەرگە تۆكۈلۈپ تىنماس،
زۇۋاندا يوق قارانچۇق،
كۆز ئېچىپ بولماس.
يوللار ئېتىك،
قوغۇنلار يوق بۇ دەمدە،
ئېرىقلارنىڭ ئىزناسى ھەمدە.
ھازىر ئاتا
ھازىر ئاتا دېگەن پالگاننى،
بىلىدۇ دىغارلىق چوڭدىن-كىچىگى،
ئۆمرى ئۆتكەن چۆلتاغقا قاتناپ،
ئۇندا چاي بولغان چېچىكى.
ھايات شامى ئۆچەي دېگەندە،
بالىلىرىغا قىلىپ ئىلتىجا؛
_ مېنى ئەپچىقىڭلار بارخان ئۈستىگە،
ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرىۋالاي چۆلتاغنى،_ دېگەن
ئاندىن رازى بولۇپ جان تەسلىمگە.
مەنبە؛<<شىنجاڭ ياشلىرى>>2012.9