ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 204 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەرھۇم رەخىم قاسىم...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 10:12

مەرھۇم رەخىم قاسىم...


ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ژۇرنالىست رەخىم قاسىم چوڭ دادام 2012 _ يىلى 5 _ ئاينىڭ 10 _ كۈنى « پەيشەنبە »كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00 دە كېسەل سەۋەبىدىن 76 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈككە خوشالاشتى. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. ئامىن!
مەرھۇمنىڭ نامىزى2012 _ يىلى 5 _ ئاينىڭ 11 كۈنى جۈمە سائەت 12:30لاردا ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن كوچىسى نوغاي مەسچىتتە(ياڭخاڭ مەسچىت) چۈشۈرىلدى ھەم يەرلىككە قويۇلدى .
رەخىم قاسىم چوڭ دادام 1936 – يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەيرانباغ مەھەلىسىدە تۇغۇلغان. سابىق شىنجاڭ ئىنسىتىتۇتى، بېيجىڭ لۇشۈن ئىنىستىتۇتىت قاتارلىقلاردا ئوقۇغان. 1953 – يىلى خىزمەتكە قاتناشقان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1951 – يىلى «ئالغا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «بىزنىڭ ئىرادە»، «ھاياتقا مەدھىيە»، «چولپان»، «يەر – ئۇلۇغا ئانا»، «يۇلتۇزلۇق كېچە»، «تەڭرىتاغ قەسىدىسى» ناملىق شېئىر – داستانلار توپلىمى ھەمدە نۇرغۇن ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئۇ يەنە مېھنەتكەش، تۆھپىكار ژۇرنالىستلىرىمىزنىڭ بىرسى بولۇپ، «شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى»(ھازىرقى «تارىم») ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» قاتارلىق ژۇرناللاردا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە تەھرىرلىك ۋە ياش كۈچلەرنى تەربىيەلەش جەھەتتە نۇرغۇن كۈچ قوشقان.

مەرھۇم « رەخىم قاسىم » ۋاپاتىغا بىغىشلايمەن !!!!
مەرسىيە

ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى


شۇم خەۋىرىڭ يېتىپ كەلگەچ داڭ قىتىپلا قالدىم تۇرۇپ ،
نىدا قىلدىم يۈرەگىمدىن ئۆلۈمۈڭگە پەريات ئۇرۇپ .
سېنىڭ ئۈچۈن تولا يىغلاپ كۆز ياشلىرىم كەتتى قۇرۇپ ،
« رەخىم قاسىم » دىسە سېنى بارچە ئەللەر كەتكەن تونۇپ ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ مەڭگۈ يېنىپ كەلمەس بولۇپ .


يازغان ئىدىڭ چولپان دەپ شۇ بىر ئۈمۈرلۈك كىتابىڭنى ،
يەرنى ئۇلۇغ ئانا دەپ سەن ئىتقان ئىدىڭ خىتابىڭنى .
ئايرىلغۇسى كەلمەي ئەلنىڭ تەستە كۆتەردى جىنازاڭنى ،
نىدا ئارلاش چۆشۇردى ئەل زار _ زار يىغلاپ نامازىڭنى ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ ئەلەملەرگە شۇنداق قويۇپ .


يىراق ئىدىڭ ئەزەلدىنلا ئۆز _ ئۆزەڭنى ماختاشلاردىن ،
يىراق ئەمەس ئىدىڭ ئەلنىڭ قەلبىدە نۇر بوپ چاقناشلاردىن .
ئامراق ئىدىڭ قېرىنداشقا يىراق تۇرۇپ ياتلاشلاردىن ،
شۇڭا سالام دەيتتى ساڭا ھەر يەر ھەر جاي يۇرتداشلاردىن ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ قېرىنداشنى يالغۇز قويۇپ .



شائىرلىقتا ئەل قەلبىگە نۇرلۇق چىراغ ياققان ئىدىڭ ،
يېزىقچىلىق يولىغا سەن ئۆز جىنىڭنى ئاتقان ئىدىڭ .
شۇ قەلەمكەش يوللىرىدا نى رىيازەت تاتقان ئىدىڭ ،
ھايات نېمە؟ ياشاش نېمە ؟ خىتابىڭدا ئىتقان ئىدىڭ ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ شائىرلىقنى باشلاپ قويۇپ .



نىدا قىلدى كىتاپلىرىڭ مېنى تاشلاپ كەتتىڭغۇ دەپ ،
قەلەملىرىڭ قىلدى نالە مەنسىز مۇراتقا يەتتىڭمۇ دەپ .
شېئىرلىرىڭ ئۇردى پەريات ئەل غىمنى يەيتىڭغۇ دەپ ،
داستانىڭمۇ دىدى ئاخىر يۈرەكنى داغ ئەتتىڭغۇ دەپ ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ قەلەملەرنى تاشلاپ قويۇپ .


ساڭا پەريات ئۇرۇپ يۇلتۇز يورىمىدى تۈنلەردىمۇ ،
سەن كەتكەچكە خۇشپۇراقلار چىچىلمىدى گۈللەردىمۇ .
مۇڭدىشالماي قاپتۇق ھەجەپ سەن كەتمىگەن كۈنلەردىمۇ ،
بىلمەپتىمەن ئەجەل سېنىڭ ئەتراپىڭدا يۈرگەندىمۇ ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سىنىڭ يۇلتۇز كۆزنى ياشلاپ قويۇپ .


ئەمدى بىلسەم شائىرلىقنى ماڭا مىراس قالدۇرۇپسەن ،
يېزىقچىلىق يوللىرىدا قەلىمىمنى ماڭدۇرۇپسەن .
ئەپسۇس ئەمدى ئىلھامىمنى بىر سەن ئۆزۈڭ ھاردۇرۇپسەن ،
مانا ئەمدى ئۆزۈڭ كېتىپ مېنى بەكمۇ چاندۇرۇپسەن ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ مېنى ئەمدى يالغۇز قويۇپ .


سەن بولغاچقا ئاق قالماپتۇ ئىلھاملاردا دەپتىرىممۇ ،
توشماي تۇرۇپ كەتتىڭ ھەجەپ داستان يازغان بەتلىرىممۇ .
روھىڭ بىلەن بىللە ئۇچۇپ كەتتى بۈگۈن كەپتىرىممۇ ،
ساڭا ئىتسام ئەي ئۇستازىم ئاز ئەمەستى دەتلىرىممۇ ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ مېنى يىرىم يولدا قويۇپ .


روھىڭ بىلەن بىللە كەتتى بەلكىم سېنىڭ ئارمانلىرىڭ ،
ئارمىنىڭغا يەتكۈزمىدى ھەجەپمۇ بىر دەرمانلىرىڭ .
ئاخىرلىشىپ بولمىغانتى تېخى سېنىڭ يازغانلىرىڭ ،
بىتاب بولۇپ ياتتى چەتتە قەلەم سۈپەت بازغانلىرىڭ .
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ ئارمانىڭنى بىزگە قويۇپ .


مەرھۇم دىگەن بۇ سۆزلەرگە قولاشمىدى تىللىرىممۇ ،
خۇددى جاھان تەۋرىگەندەك تەۋرەپ كەتتى دىللىرىممۇ .
مەرھۇم دىسەم سالدى كاچان يۈزلىرىمگە قوللىرىممۇ ،
سېنى ئويلاپ مەغرۇر قەدەم باسالمىدى پۇتلۇرۇممۇ ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سىنىڭ بىزنى شۇنداق دەرتكە قويۇپ .


ئەمدى ياسىن ئوقۇماقتىن نە چارە بار ئاللاھىمغا ،
دۇئا بىلەن تاپشۇرۋەتتۇق سېنى ئۇلۇغ خۇدايىمغا .
يۇمۇۋالدىڭ كۆزلىرىڭنى بىزنى ئالماي پەرۋايىڭغا ،
قىزىل گۈللەر ئۈنسۇن دىدۇق سېنىڭ ياتقان دەرگايىڭغا ،
خوشلاشقىنىڭ راستمۇ سېنىڭ مۇسىبەتكە شۇنداق قويۇپ .


ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىگە جەننەتلەرنى تىلەيمەن !!!!

2012 _ يىلى 5 _ ئاينىڭ 14 _ كۈنى يېزىلغان .

غۇلجا
چ چ : 1441136189
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرازى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-7 00:21


دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 10:14

بۇ ئەلرازىنىڭ ئالمىزاردىكى يوللانمىسى