ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 142 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: .<<ئاق>> ئىچكەنگە ئاھ دىدىم...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 10:28

.<<ئاق>> ئىچكەنگە ئاھ دىدىم...

تۈنۈگۈن 14:51 چىقىرىشچۈشۈرۈش (25.04 KB)

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئىشتىراكلىرى ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۈيۈك سالىمى بولسۇن!!!
ھۆرمەتلىك تورداشلار تۆۋەندە يازماقچى بولغان ئەسىرىم ئىنساننى تۈپتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ بىخۇتلاشتۇرۇپ كېتىپ بارغان نىجىس « ئاق ھاراق » توغۇرسىدا
شۇڭا « » ئىچىگە ئىپ قويغان سۆزۈم ھاراق مەنىسىدە چۈشەنسەڭلار بولىدۇ . .. قېنى كۆڭۈل ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !!!


« ئاق » ئېچكەنگە ئاھ دىدىم
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
مۇخەممەس


رومكىلارغا تولدۇرۇپ ئىچىپ كەتتىم ئاقنى مەن ،
ھەم ئۆزەمدەك مەس قىلدىم ئىچمىگەننى ساقنى مەن .
دومبالىدىم مەسلىكتە بوينى قاتتىق ياقنى مەن ،
تونالمىدىم ئۆزۈمنى مەسمۇ ياكى ساقمۇ مەن ؟ ،
« ئاق » ئېچكەنگە ئاخىرى پۇشايماندا ئاھ دىدىم .


يۇۋاش ئىدىم ساق چاغدا ،مەس بولۇپ يولۋاس ئاتالدىم ،
ئەل جامائەت ئالدىدا زابوي بولۇپ سانالدىم .
جىدەل تىرىپ مەسلىكتە ساقچىغانغا قامالدىم ،
شۇ ھاراقنىڭ دەستىدىن ئائىلەمدىن ئايرىلىدىم ،
« ئاق» ئېچكەنگە ئاخىرى ئازاپلاردا ئاھ دىدىم .


ھاراق ئىچىپ ۋىجداننى قايرىۋەتتىم يىراققا ،
ئىمانىمنى بىلمەستىن تىگىشۋەتتىم ھاراققا .
يالغۇز ھەمراھ بولدۇممەن دەرىت ، ئازاپ ۋە پىراققا ،
ئوخشاپ قالغاچ گوياكى نۇرى يوق بىر چىراققا ،
« ئاق» ئېچكەنگە ئاخىرى پىنھانلاردا ئاھ دىدىم .


نەپىرەتلەندى مىنىڭدىن شۇ قەدىرلىك ئاناممۇ ،
سەندەك ئوغلۇم يوق دىدى مەندىن تېنىپ داداممۇ .
قارىمىدى يۈزۈمگە شۇندىن بۇيان بالاممۇ ،
دىدى ھەتتا ئايالىم سىز بىر ئەرمۇ ساراڭمۇ ؟ ،
« ئاق »ئېچگەنگە ئاخىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئاھ دىدىم .


ئاڭلىماستىن چوڭلارنىڭ ماڭا بەرگەن ساۋاقنى ،
يۈرۇپتىمەن كۈندە مەس ئېچىپ سىسىق ھاراقنى
پۇل چۈشسىلا يىنىمغا يوقلاپتىمەن قاۋاقنى ،
دۇشمەن چالسا مەنمۇ تەڭ چىلىپتىمەن چاۋاكنى ،
« ئاق »ئېچگەنگە ئاخىرى قاۋاقلاردا ئاھ دىدىم .


ئەمدى تارتاي ئۆزۈمنى ئاشۇ شەيتان يولىدىن ،
ئېچمەي ئەمدى نېجىزنى ئېلىپ دۈشمەن قولىدىن .
نېرى قاچاي شۇ كۆڭۈل شۇ « خۇشاللىق » زورىدىن ،
تارتاي مەڭگۈ ئۆزۈمنى شۇ قاۋاقتىن ، ئورىدىن ،
« ئاق » ئېچمەسكە ئاخىرى قەسەم قېلىپ ياق دىدىم .


ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى

ئاللاھ ھەر بىر بەندىلىرىمىزنى شۇ ھارامدىن يىراق قىلغاي .... ئامىن !!!

چ چ : 1441136189
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-08 20:48

مايمۇننىڭ ئادەم بولمىقى مىڭ يىللىق يىراق،
ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بىر رومكا ھاراق.
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-09 10:14

تامنىڭ يىقىلىشى زەيدىن، ئادەمنىڭ يىقىلىشى مەيدىن.