ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 163 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قېينئانا كېلىن مۇناسىۋىتىنى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 10:35

قېينئانا كېلىن مۇناسىۋىتىنى

قېينانا-كېلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى





قېينانا-كېلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا ئىشنى كېلىندىن باشلاش كېرەك. ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا تولىمۇ مۇھىم. قېينانا-كېلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا تورغا چىقىپ ماتېرىيال تەكشۈرۈشىڭىزنىڭ ، مەخسۇس تەربىيىلەش سىنىپلىرىغا قاتنىشىپ پۇلىڭىزنى بۇزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا تۆۋەندىكى بىر نەچچە قانۇنىيەتنى بىلىۋالسىڭىزلا كۇپايە. چۈنكى بۇ قانۇنىيەتلەر تۇرمۇشىڭىزنىڭ خاتىرجەم ئۆتىشىگە، قېينانا –كېلىن مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.





1. تەسىرنى ياخشى قىلىش قانۇنىيىتى: چىرايى سەت كېلىنلەر ھامان قېينانىسى بىلەن كۆرۈشۈشتىن قورقىدۇ،شۇڭا سىز ھامان ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى كۆپرەك ئىپادىلەپ قېينانىڭىزغا سەت چىرايىڭىزنى بايقاشتىن بۇرۇن باشقىلاردا كەم ئۇچرايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇپ،مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا قېينانىڭىز سىزدىن قۇسۇر تاپالماي قالىدۇ. ئەگەر قېينانىڭىز سىزدىن يەنە داۋاملىق قۇسۇر تاپسا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشلاڭ.






2. مۇھىم نۇقتىسىغا دىققەت قىلىش قانۇنىيىتى:كېلىن قېينانىنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن چوقۇم قېينانىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىدىغان نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. چوقۇم قېينانىسى ياخشى كۆرمەيدىغان، بەك مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىدە قارار چىقىرىدىغان ۋاقىتلاردا قېينانىڭىزنىڭ پىكرىنى قوللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ھەرگىزمۇ بىۋاسىتە رەت قىلماڭ. ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا،كوچا ئايلانغاندا،ئائىلىدە باشقا ئىشلارنى قىلغاندا قېينانىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرۇڭ.










3. سۆز-ھەرىكەتكە دىققەت قىلىش قانۇنىيىتى: كېلىن قېينانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن چوقۇم سۆز-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشى لازىم، بۇنداق دېگەنلىك ھەرگىزمۇ سىزنى گەپ قىلماي ئولتۇرۇڭ دېگەنلىك ئەمەس، چوڭلارنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك سۆز ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەڭ. كۆپىنچە ھاللاردا سىزنىڭ ئويلىماي دەپ قويغان بىر نەچچە ئېغىز سۆزىڭىز ئائىلىدىكى جەڭنى قوزغايدىغان پىلتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى چوڭلار ياشلارنىڭ بىۋاسىتە سۆز قىلىش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدۇ،شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىكىنى پاراكەندە قىلماي دېسىڭىز قېينانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە بەك ئەھمىيەت بېرىڭ.





4. تەسىرلەندۈرۈش قانۇنىيىتى:جاھاندا باشقىلارنىڭ شاپائىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن نومۇس ئىش يوق، ئائىلىدە قېينانىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ياكى گەپ تەرگىشىپ قېلىپ ئوتتۇراڭلاردىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپ قالسا،قېينانىڭىزنىڭ كۆڭلى خۇش بولىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ، بولۇپمۇ ئۇنى تەسىرلەندۈرۈڭ، ھەرگىز يالغاندىن ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرماڭ، چوقۇم ھەقىقىي سۆز- ھەرىكىتىڭىز بىلەن قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈپ سىزنىڭ خاتا قىلغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈڭ. قېينانىڭىز ئاغرىپ قالسا چوقۇم قىزىدىن ئۆتە ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئېرىڭىزدەك ياخشى ئوغۇلنى تۇغۇپ چوڭ قىلىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.





5. باشقىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش قانۇنىيىتى: ھەمىشە پوزىتسىيە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ. قېينانىڭىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا قېينانىڭىزنىڭ تۇغقانلىرىغا ئۆزىڭىزنىڭ تۇغقانلىرىدەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ. شۇنداق قىلغاندىلا قېينانىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يۈزى يورۇق بولىدۇ، قېينانىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىزنى قورقماي ماختىيالايدۇ.





6. ئېغىزدا راست دېگەن بىلەن كۆڭلىدە قايىل بولماسلىق قانۇنىيىتى: توي قىلىپ كىرگەندىن كېيىن قېينانىڭىزنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقىدىن ئالدىراپ ئاچچىقلانماڭ، چۈنكى سىز ھامان بۇ ئۆيگە كېلىن دېگەن نام بىلەن كىرگەن، شۇڭا ھەممە ئائىلىلەردە سىزنى قىزىمىز دەپ ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلسىمۇ بىراق كۆڭلىدە يەنىلا كېلىن دەپ قارايدۇ،شۇڭا دەماللىقتا ئۇ ئائىلىگە سىڭىپ كىرىپ كېتىمەن دېگىنىڭىز مۇمكىن ئەمەس، ئىشلارنى ئاستا-ئاستا قىلىڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى كېلىنلىك ئورنىڭىزنى ئاستا- ئاستا قىزىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇڭ. ئۆيدە باشقا قېرىنداش بالىلار ئۇرۇشۇپ قالسا ھەرگىز ئوتتۇرىغا چۈشۈپ سېنىڭ خاتا،سېنىڭ توغرا دەپ ئايرىپ بەرمەڭ،ئۇلارغا ئىككىلا تەرەپتىن ياخشى بولىدىغان سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىڭ.





7. چوڭلارغا كۆيۈنۈش قانۇنىيىتى: ئادەتتە قېينانا –كېلىن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تولىمۇ كىچىك ئىشلاردىن كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، سىز كىچىك بولغاندىن كېيىن خاتالىقىڭىزنى بالدۇر ئېتىراپ قىلىپ، چوڭلارغا كۆيۈنۈڭ. قېينانىڭىزغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە مېھرىبانلىقىڭىزنى يەتكۈزۈڭ. مېنىڭچە ئۇ چوقۇم سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىزدىن تەسىرلىنىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ ئانىدە.





8. ئېغىر-بېسىق بولۇش قانۇنىيىتى: ئەگەر سىز بەك تاللايدىغان قېينانىغا ئۇچراپ قالسىڭىز چوقۇم سەۋر-تاقەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ، ئەگەر بەك كۆڭلىڭىزگە كەلسە«يوتقان ئىچىدە يىڭنە ساقلاش» پرىنسىپى بويىچە بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈدەك گەپ قىلىش ياكى ئىش ھەرىكەتلىرىڭىزدىن قېينانىڭىزنىڭ بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىزلا كۇپايە ،ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلماڭ. تەن يارىسى ساقايغان بىلەن دىل يارىسىنى ساقايتىش بەك تەس.






9. ئىتتىپاقلىشىش قانۇنىيىتى: قائىدە ئۇقمايدىغان بەك جاھىل قېينانىغا يولۇقۇپ قالغان بولسىڭىز ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ، بۇ قانۇنىيەتكە دىققەت قىلسىڭىزلا ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ياخشى چىقىشىپ ئۆتەلەيسىز. چۈنكى بۇنداق قۇسۇرچى قېينانىلار سىز بەك ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز سىزنى بىرەر مەقسىتى بارمىكىن دەيدۇ، كۆڭلىڭىزنى ياخشى قىلسىڭىز،ھىيلىگەر دەيدۇ. بۇنداق قېينانا ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىسىڭىزمۇ كار قىلمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارنى ئۆزىڭىزنىڭ يېنىڭىزغا تارتىپ ئىتتىپاقلىشىۋېلىڭ، قېينانىڭىز يالغۇز قالغان ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىدۇ.





10. ئۆي ئايرىش قانۇنىيىتى: ھەرقانچە ياخشى قېينانا بولسىمۇ لېكىن يەنىلا قېيىنئانا-كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلاردىن خالى بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىشمۇ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى.



دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 10:36

نازۇك تورداشنىڭ ئالمىزاردىكى يوللانمىسى....
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-08 18:10

قېينئانا بىلەن كېلىن مۇناسىۋىتىدە ئەڭ ياخشىسى ئۆز -ئارا ھۆرمەت قىلىش ، ئۆزىنى ئۆزگىنى قەدىرلەش روھى بولسىلا ، بولۇپمۇ كېلىن كىچىك بولغاندىكىن چوڭلارنى ھۆرمەت قېلىپ ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك كۆيۈنۈپ ئۆتسىلا مېنىڭچە ئانچە چوڭ ئىش يوق. چوڭلارنىڭ ئېشىنى قېلىش ئاتا- بوۋىمىزدىن قالغان مىراس ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارغا كۆيۈنگەندىلا ئۇلارنىڭمۇ ئىززەت قېلىشىگە مۇيەسسەر بولالايمىز.ھۆرۇننىڭ بېلى بوش ، ئايللارنىڭ ئاغزى دىگەندەك سۆز گۈزەللىكىگە دىققەت قىلغاندىلا ئۇلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ، ئادەمنىڭ قاتتىق يېرىمۇ، ئەڭ يۇمشاق يېرىمۇ يۈرەك ئەمەسمۇ.ئاتا-ئانىسىنى خورلىغاننى بالىسى خارلايدۇ، ياراتقۇچى ئاللاھمۇ كەچۈرمەيدۇ.ئۇلارنىڭ ساۋابىنى ئېلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى ئاياللار، چوڭلارنىڭ دۇئاسىنى ئالساق بىزمۇ بەختلىك ئۆتەلەيمىز، چۈنكى بىزمۇ قەينى ئانا ھەم ئاتا بولىمىز ئەمەسمۇ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-08 19:32

تىمتاس بارىكاللا ئەقلىڭىزگە، ئاللا سىزنى ئىككى دۈنيا مەرتىۋىلىك قىلسۇن؟
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-09 09:59

ئاللاھ تېلىگىڭىزدەك قىلغاي، رەخمەت سىزگە.