سۇنۇق پىچاق
غۇجامۇھەممەت مۇھەممەت
ئەي مېنى قىينىما،قايىتتىم يىگانە،
مۇھاببەت دۇنيادا ئەڭ چوڭ قەبرىستان.
قەبرىنىڭ ئالدىدا تۇرغىچە يىغلاپ،
شامالغا ئەگىشىپ بولاي سەرگەردان.
قەبرىلەر ئۇچمايدۇ قانات چىقىرىپ،
ھەرقانچە مۇقەددەس بولسىمۇ خىتاب.
پەقەت قان،قىپقىزىل قاندۇر ياكى گۈل،
يۈرەككە سانجىلىپ تۇرغان شۇ پىچاق.
مەن ئۆلسام قۇشلارنى قىلار بەلكى مەست،
گۆرۈمدىن ئاڭلانغا دۇتار ناۋاسى.
كىرلەشكەن كۆڭلۈمنى يىغلاپ پاكلىدىم،
قۇچقاندەك باغلارنى يازنىڭ ھاۋاسى.
شېئىرىدىن چىقىمەن قاتىللىق قىلىپ،
بەزىدە بىر مىسرا ئۈچۈن جان بېرەي.
كىرپىكىم كېچىدە يۇلتۇز سانىدى،
مەن يالغۇز ياشىدىم،ئاھ،يالغۇز ئۆلەي.
ئەي مېنى قىينىما،ئەمدى يىغلىماي،
قۇچاقلاپ تۇرغۇنۇم بولسىمۇ جەسەت.
ئۆلگۈچە ياشاشقا چىدىيالمىدىم،
ئۆلۈم بۇ دۇنياغا ئەمەسكەن زىننەت.
2
چۈشۈمدە يار مېنىڭ قوينۇمدا ئىدى،
ئويغانسام يۈرگۈم كېتىپتۇ سېسىپ.
قۇچاقلاپ ياتقىنىم جىنازام ئىكەن،
چۈشۈمدە توغراقلار كۆيەتتى گۈر-گۈر.
ئويغانسام ھېچ كىشى چالماپتۇ تەمبۇر،
كارۋېتىم چۆللەردەك كېتىپتۇ قۇرۇپ،
مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ياغماپتۇ يامغۇر.
چۈشۈمدە تاملارنى چانىغان ئىدىم،
ئويغانسام كۆرۈنمەس بىر تامچىمۇ قان،
قۇياشنىڭ جەسىتىنى يۈرۈپتۇ يۈدۈپ،
مەڭزىمدە دومىلاپ بىر تامچە ئاسمان.
ئويغانسام...ئويغىنىش ئازاپلىق ئىكەن،
ئەي مېنى قىينىما،ئەمدى ئۇخلىماي،
ھەرقانچە ئۇخلىسام ئۇخلارمان شۇنچە،
دېرىزەم ئالدىدا چاچ تارىسا ئاي!
3
بۇلاققا مەن ئاينى بەردىم،كۆرمىدى،
دەرياغا تاش ئاتتىم،لېكىن بىلمىدى،
ئاچتىم مەن باغرىمنى سەككىز جەننەتتەك،
يەر،ئاسمان كىردى-يۇ،يارىم كىرمىدى.
بىر سايە يىقىلدى تاڭدا قۇياشقا،
بىر كىشى چۈش كۆردى دىل بېرىپ تاشقا.
ھېچ كىشى بىلمىدى،كەتتى ئالەمدىن،
ئۇ دۇنيا باشقا ھەم بۇ دۇنيا باشقا...
بىر قىز بار،تولغان ئۇ سەكسەن ياماققا،
ئوخشايدۇ بىر قەدەھ ئاچچىق ھاراققا.
ئىچتىم،ئاھ،مەست بولدۇم،بىر مىڭ ئالتە يۈز،
يۈرۈكۈم قانمىدى لېكىن تاياققا.
ئاھ،دەردىم،دەردىمەي...ئەمدى مەن كېتەي،
چۆللەرنى كېزىپ مەن شەھىرىمگە يېتەي.
قەلەندەر خورجۇنى ئەمەسمۇ قەلبىم،
شەھىرىمدە مەن ئۇنى كىمگە كۆرسىتەي؟!
4
لېكىن،بۇ بەڭگىنىڭ خىيالى ئەمەس،
ھارۋىكەش تۈنلەردە قامچا قىلغان چاچ.
ئۆلۈكى كوچىدا مۇزلاپ قالغان قىز،
ئاھ،شۇنچە نۇرانە،شۇنچە يالىڭاچ.
قۇياشنىڭ شۆھرىتى،ئاينىڭ ئەخلاقى،
يۇلتۇزنىڭ ھەسرىتى تال-تال،سەرگەردان،
گۇگۇمدا ئۇلغايغان قايغۇ ۋە ئازاب،
قارلىغاچ ئۇۋىسى بۇزۇلغان ئايۋان.
يېرىنى ساتقان ئەر،سېتىلمىغان يەر،
يامغۇرنىڭ ۋەتىنى كەتكەن ھۆل بولۇپ،
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ئوينىغان ئايال،
يېرىمى گۈل بولۇپ،يېرىمى قۇرۇپ...
ئەي،مېنى قىينىساڭ مەيلى،يىغلايمەن،
يىغلىدى ھۈ تارتىپ ھەتتاكى ياشمۇ.
ھەرقانچە يىغلىسام يىغلارمەن شۇنچە،
يېرلار بىر كۈنى سايدىكى تاشمۇ!
مەنبە؛<<مۇقام خۇمارى>>