ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 342 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 13:58

ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپى

ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپى!!!

مەن 10 نەچچە يىل ئوقوغۇچى 20 نەچچە يىل ئوقۇتقۇچى بۇلدۇم ، موشۇ 40 نەچچە يىلىمغا ھەمرا بۇلغان ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر سالسام ئۇيغۇر
مائارىپى ئۇۋال مائارىپى ئىكەن دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم . 1966- يىلدىن 1976- يىلغىچە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئىلىپ بىرىلدى بۇ چاغدا مائارىپىمىزنىڭ قانداق بۇلغانلىقىنى مەن سۆزلىمىسەممۇ كۆپچىلىك بىلىدۇ . 1970- يىلدىن 1973- يىلغىچە مائارىپنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك دىگەن چاقىرىق بىلەن مەكتەپلەر تاقىۋىتىلىپ ئوقۇتقۇچى ، ئۇقۇغۇچىلار ئېتىزلىققا ھەيدەلدى. 1970- يىلدىن 1980- يىلغىچە ستاللىنىڭ لاتىنچىنى ئومۇملاشتۇرۇش دىگەن بۇيرىقى باشقا مىللەتلەردىن چەتنەپ ئۆتۈپ بوزەك قىلىش ئاسان بۇلغان ئۇيغۇر مائارىپىدا ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلدى ئۇيغۇر مائارىپى يېڭى يېزىق دىگەن يېزىقتا ئۇقۇتۇش ئىلىپ بارىدۇ . 1982- يىلى ئۇيغۇر مائارىپى ئۆز يېزىقىمىزغا قايتتى بۇنىڭ بىلەن 1970- يىلدىن 1980- يىلغىچە بۇلغان 10 يىلدا يېڭى يېزىقتا ئۇقۇغان ئوقۇغۇچىلار ساۋاتسىزلارغا ئايلاندى . ئەسلى يېزىقىمىزغا قايتقان ئەمدىلا بىر ئېزغا چۈشۈش قەدىمىنى باسقان مائارىپىمىزنىڭ رولچىلىرى مائارىپىمىزنى ياپون مائارىپى دىگەن يۆلىنىشگە ھەيدىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلارنى قۇلىنى ئارقىغا قىلىپ ھەيكەلدەك ئولتۇرغۇزۇپ دەرس ئۆتۈش باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىل ئۇقۇتۇش 10 - نەچچە يىل داۋاملاشقاندىن كىيىن مائارىپ رولچىلىرىمىز نىشان خاتا بۇلۇپ قاپتۇ دەپ مائارىپ پاراخۇتىمىزنى ئامىركىغا قاراپ ھەيدى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا بىر نەرسە يىگۈسى كەلسە يەۋەسە بۇلىدىغان ئەركىن ئازادە ئوقۇتۇش يۇلغا قۇيۇلدى بۇ خىل ئوقۇتۇشتا 5 يىلدەك مۇساپە باسقاندىن كىيىن مائارىپ پاراخوتىنىڭ رولچىلىرى مائارىپ پاراخۇتىمىزنى كاناداغا قارىتىپ ھەيدىدى بونىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى گورپىلاشتۇرۇپ ئۇلتۇرغۇزۇپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىلدى كاناداغا قاراپ 2 يىلدەك ماڭغاندا جوڭگۇ ھۆكۈمىتى چاقىرۋىتىپتۇ دىگەن بىر بويرۇق كەلدى!!! شۇنىڭ بىلەن باشقا ئۇقۇتۇشنى تاشلاپ قۇيۇپ قۇش تىل ئوقۇتۇشنى باشلاپ كەتتۇق سۇلچىللىق ئاتا بوۋىسىدىن قېىنىدا مىراس قالغان بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قۇش تىل مائارىپى دىگەننى خەنسۇ تىلى مائارىپى دەپ چۈشىنىۋىلىپ دەرسنى خەنسۇ تىلىدا ئۆتۇشنى باشلىدى يوقۇرغا ياخشىچاق بۇلۇشنى ئويلايدىغان بەزى ئەمەلدارلىرىمىز << دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتسە ياخشى بۇلىدىكەن >> دەپ تەبىي پەن دەرسلىرىنى خەنزۇ تىلىدا چىقىرىش تەلىپىنى ئۇتۇرغا قۇيدى بۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ سەكرەپ ئېلگىرلەش يۈز بىرىپ تەبىي پەن دەرسلىكلىرى خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلدى مائارىپىزنى باشقۇرۋاتقانلارمۇ مەيلى باشلانغۇچتا قۇش تىلدا ئۇقۇغان بۇلسۇن ياكى قۇش تىل ئۇقۇتۇش بويرىقى چۈشۈشتىن ئىلگىرى باشلانغۇچنى پۈتۈرۈپ بۇلغانلار بۇلسۇن تەبىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۇقۇيسەن دىگەن تاياق بىلەن ھەيدەپ ماڭدى شۇنىڭ بىلەن مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش ئەخمىقانلىقى يۈز بەردى بەزى سىنىپلاردا خەنزۇ تىلى دەرسلىكىنى ئۇقۇپ چۈشىنىدىغانلار 4 دەن 1 گىمۇ يەتمىدى ئۇقۇپ چۈشىنىشى 4 دەن 1 گە يەتمىگەن ئۇقۇغۇچى ئەسلىدىنلا ئۈگەنمەك ئىنتايىن قېيىن بۇلغان ماتىماتىكا قاتارلىق تەبىي پەنلەرنى قانداقمۇ چۈشۇنۇپ ماڭالىسۇن ؟؟؟!سۈپەت بۇلۇپمۇ تەبىي پەندىكى سۈپەت ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن تۆۋەن بۇلدى لىكىن تەكشۈرۈش كەلگەندە بۇنى مەلۇم ئامال چارىلەرنى قۇللۇنۇپ بۇنى چاندۇرماي كەلدۇق . مېنىڭچە يۇقۇرقىدەك چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش مايسىنى تارتىپ ئۆستۇرۈش ھەرگىزمۇ ئىلمى تەرەقىيات ئەمەس بەلكى پەقەت يوقۇرغا ياخشىقاق بۇلۇپ ئەمەلىنى ئۆستۈرۈش يۇلىدا قۇلغا كەلتۇرگەن پايدىدىنلا ئىبارەت خالاس . 1950- يىلدىن 1960 - يىلغىچە ئارلىقتا يىزا ئىگىلىكتە سانائەتتە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش بۇلۇپ بۇ چاغدا نورغۇن ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلى ھەسسىلەپ ئۆسكەن، كىيىن ئەمەلىي تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىلىپ ئەمەلدارلار پايدىلانغان چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ، مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشتىن خەلىقنىڭ ئىنتايىن چوڭ زىيان تارتقانلىقى سانائەتتە ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئىلگىرلەش ئەمەس دەل ئەكسىچە چىكىنىش بۇلغانلىقى ئېنىقلانغانىدى لىكىن شۇ چاغدىكى سانائەت يىزا ئىگىلىكىدە يۈز بەرگەن چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشلەرنىڭ ۋارسلىرى ئەمدى قالايمىقان قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپىنى قاپتۇ دەپ ئەمدى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشنى ھازىر ئۇيغۇر مائارىپىغا تەدبىقلاۋاتىدۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ، مائارىپ شۇناسلىرى ، ئۇقۇتقۇچى زىيالىلار ، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئىنتايىن ھوشيار مۇئالىمىدە بۇلۇشى كىرەك مائارىپتا زىيان تارتىش يىزا ئېگىلىكدە ياكى سانائەتتە زىيان تارتىشقا پەقەتلام ئۇخشىمايدۇ كىيىن ئەستەھپۇرۇللا !!! دەپ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئۇرنىغا كەلمەيدۇ
ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كىرەك ؟؟؟ ماڭار يۇلىنى تاپالماي ئۇكياننىڭ قاق ئۇتۇرسىدا ماياكسىز لەپەڭشىپ قالغان ۋە چۈكۈش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئىبارىدىن بۇ يۇلچى پاراخۇتىنىڭ رۇلىغا مەھكەم ئىسىپ قۇيۇلغان ئاتالمىش رەھبەرلەرگە مۇنداق بىر نەچچە ئېغىز ئاددى مەسلىھەتىم بار . ئەي رەھبەرلەر !!! ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەپ تەرەپكە ھەيدەۋەمەڭلار ! چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت پاراخۇتۇڭلار ئەمەس بۇ دىگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپى ! سىلەر ئەمدى ساياھەتنى تۇختۇتۇپ پاراخۇتنى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە ھەيدەپ كىلىپ پاراخۇتتىن چۈشۈپ تۆگىلەرگە مېنىىپ ئۆز ئانا زىمىنىمىزنى بىر ئايلىنىپ چىقىڭلار !!! شۇنداق قىلغىنىڭلاردىلا دۇنيانى ئايلىنىپ تاپالمىغان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھەقىقىي يۆلىنىشىنى تىپىپ ئول ئاساسىدىن باشلاپ پۇختا خىزمەت قىلالايسىلەر ھازىر مائارىپنى دۇنياغا يۆزلەندۇرىمىز دەپ جار سىلىپ قۇرۇلتاي يىغىنلاردا تۇختىماي ۋالاقلاۋاتىسلەر يۇ بىردەم ئۇنداق مائارىپنى بىردەم مۇنداق مائارىپنى دوراپ يۈرسەك تېخىچە ئۆزىنى تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداقمۇ دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بۇلسۇن . بۇ خۇددى نىسىگە بەرسەڭ پۈتۈن دۇنيانى سىتىۋالىمەن دىگەندەك گەپ ئەمەسمۇ ؟ بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەسلى ماھايىتىنى تاپايلى ۋە ئۆز يۇرتىمىز ۋە ۋەتىنىمىزگە يۈزلەندۈرەيلى !ئۇمۇملاشتۇرايلى ! ئاندىن ئەتراپىمىزغا ئاندىن دۇنياغا يۈزلەندۇرۈشنى ئۇيلىشايلى
سۆزۈمنى خۇلاسىلىسام : ئۇيغۇر مائارىپى ۋەتىنىمىزدە ياشاۋاتقان 56 گۈلنىڭ ئىچىدىكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى ! بىز ئۇيغۇرلار بۇ مائارىپنىڭ ئىگىسى ! شۇڭا ھەربىر ئۇيغۇر پۇخراسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ۋە مىللەتلىرىگە تەلمۇرۇش نەتىجىسىدە ئۆز خاسلىقىنى يۇقۇتۇپ تۇنۇلسىز بىچارە ئۇۋالچىلىقتا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىغا كۈڭۈل بۆلەيلى



تېما تەستىقلىغۇچى  پارتىيە ئوغلىنىڭ باغداشتىكى يوللانمىسى  : kokturuk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-28, 02:33
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 17:07

  ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى ھەق گەپلەر...بۇنداق ئىشلارغا مەنمۇ شاھىت بولغۇچىلارنىڭ
بىرى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئالدىدا نومۇس قىلماقتىمەن.............
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-10-09 22:35قايتا تەھرىرلىدى ]