ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا چارلاپ يۈرمەكتە
يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكا سېپى مالايسىيا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشمە مەشىق قىلغان. مەشىقتە، مالايسىيا دېڭىز ئارمىيەسى ئىككى ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكا بىلەن سەپ تۈزۈپ قاتنىغان، ھەمدە ئىككى دانە سۇ- 30 ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 27- پاراخوت ئايروپىلانى زەربە بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ F/A-18تىپلىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن سەپ تۈزۈپ، ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچقان.
سۈرەتتە: مالايسىيانىڭ سۇ-30 ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ F/A-18تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن سەپ تۈزۈپ، ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچماقتا.
سۈرەتتە: مالايسىيا دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي پاراخوتى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىسى بىلەن سەپ تۈزۈپ قاتنىماقتا.
سۈرەتتە: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىسى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزدا چارلاپ يۈرمەكتە
مەنبە:نۇر تورى(سۇرەتلەر قىسقارتىلدى)