شىنجاڭدا 80 مىليارد توننالىق چوڭ تىپتىكى كۆمۈرلىك بايقالدى
ماتىرىيال پايدىلانماسى:شىنجاڭ شېڭيۇەن ھەممە ئىشقا باپ(新疆盛源百事通)تورى
خەنزۇچە ئۇلۇنىش ئادېرسى:
http://bst.xjfl.com/Item/1611.aspxئالدىنقى كۈنى مۇخپىرنىڭ شىنجاڭ كان بايلىقى ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە: ئىككى يىل قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەزكۇر شىركەتنىڭ خادىملىرى چۆچەك رايۇنىدا غايەت زور كۆمۈر كانى بايقىدى، بۇ كاننىڭ ئىسمى خېشىتولوگەي كۆمۈر كېنى. ھازىر مۆلچەرگە قارىغاندا بۇ كۆمۈر كاندا 81 مىليارت توننا كۆمۈر بار ئىكەن. ئەگەر 2011-يىللىق جۇڭگونىڭ كۆمۈر سەرپ قىلىش سەرپىياتى بويىچە ھىسابلىغاندا، بۇ كۆمۈر كاندىكى كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن مەملىكەتنى 20 يىل قامدىيالايدىكەن.
خېشىتولوگەي كۆمۈر كېنى قاراماي شەھىرىنىڭ 90 كىلومىتىر شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونۇم ناھىيىسى، دۆربىلجىن ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى قاتارلىق ئۈچ ناھىيەگە قاراشلىق، شەرىقتىن غەرىپكە بولغان ئۇزۇنلىقى 300 كىلومىتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلىقى 40 كىلومىتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 9000 كۋادىرات كىلومىتىر، بەيياڭ كۆلى قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايۇنى، خېشىتولوگەي كان رايۇنى ۋە تېلەي كان رايۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ رايۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، خېشىتولوگەي كۆمۈر كېنىدىكى كۆمۈر سانائەت، خەلق تۇرمۇشى ۋە گازغا ئايلاندۇرۇلغان كۆمۈر قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىشكە ناھايىتى ماس كىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆمۈ ئىلىكتىر ئىستانسى، كۆمۈر گازى يېقىلغۇسى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ھەمدە ئېچىشقا ناھايىتى قۇلاي بولۇپ، كۆمۈر قاتلىمى ئادەتتە 1-32 گىچە، تاق كۆمۈر قاتلىمىنىڭ قېلىنىلىقىلا 5 مىتىردىن 15 مىتىرغىچە كىلىدىكەن، ئەڭ قېلىن يەرنىڭ قېلىنلىقى 20.66 مېتىر بولۇپ ئون قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىزلىكى بىلەن تەڭ ئىكەن، ھەمدە ماشىنىلاشقان ھالدا كەڭ كۆلەمدە ئېچىشقا ناھايىتى باب كىلىدىكەن.
2008-يىلىدىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇن كان بايلىقى ئىدارىسى تۇققۇزىنچى يەر شارائىتى چوڭ ئەترىتى ۋە خېشىتولوگەي كۆمۈ كېنى بەيياڭ دەرياسى قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايۇنى قاتارلىقلار بىرلىشىپ كۆمۈر بايلىقى ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى، پۈتۈن قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە تەكشۈرۈلگەن يەرنىڭ كۆلىمى 2147 كۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ. 2011-يىلى ئاپتونۇم رايۇن يەر شارائىتى قىدىرىپ تەكشۈرۈش فوندى تۈر خىزمەت باشقۇرۇش مەركىزى ئاپتونۇم رايۇن يەر شارائىتى قىدىرىپ تەكشۈرۈش كۆمۈر بايلىقى ئىزدەش تۈر خىزمىتىنى قوزغاتقان ئىدى، خېشىتولوگەي كۆمۈ كېنى بەيياڭ دەرياسى رايۇنىدىكى تۈر خىزمەت بۇ قېتىملىق تۇنجى ئورۇنلاشتۇرۇلغان 15 تۈر خىزمەتنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، تۇققۇزىنچى چوڭ ئەترەت بۇ تۈر خىزمەتكە مەسئۇل. 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگە كەلگەندە تۇققۇزىنچى چوڭ ئەترەت خېشىتولوگەي رايۇنىدىكى بەش پارچە بىكىتىلگەن يەردىن جەمئىي 1025 دانە ئورەك قازغان.
خېشىتولوگەي كۆمۈر كېنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئالاھىدە خاراكتىرلىك تەكشۈرۈش بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور ئۇتۇققا ئىرىشتى. تۈر خىزمەت باشلانغان شۇ يىلىلا، يەنى 2011-يىلىلا 30 مىليارت توننا كىلىدىغان كۆمۈر زاپىسى بار كاننى بايقىدى.
شىنجاڭ گېولوگىيەلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارەسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا،خوشو تولوقاي كۆمۈرلىگى ئۇزۇنغىچە كۆيۇشچان كۆمۈرنى ئاساس قىلىدىكەن ،قىسمەنلەرى يېپىشقۇسىز ھالەتتەكى كۆمۈر (ئىسسىز كۆمۈر-ت)بولۇپ ،ئىنتايىن ياخشى بولغان سانائەت ئېنىرگىيەسى،خەلق ئىشلىتىدىغان كۆمۈر،گاز چىقىرىشقا ماس كېلىدىغان كۆمۈرلەر ئىكەن،نۆۋەتتە خوشو تولوقاي كۆمۈرلىگىگە جوڭگو ئېلىكتىر سېلىنماسى،شەندوڭ ئېنىرگىيەسى،شۈ كۆمۈرچىلىگى قاتارلىق 20 نەچچە چوڭ كارخانىلار كىرىپ جايلىشىپتۇ،بۇ جۇڭغار شەرقىي كۆمۈرلىگى،ئىلى،تۇرپان-قۇمۇل،كۇچا-باي كۆمۈرلىگىدىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ 5-كۆمۈر بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.
مەنبە:نۇرتورى
كېيىنكى 25 يىلدا يەر شارى كۆمۈر ئىستېمالى %65 ئاشىدۇ
10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى ئۇچۇر: خەلقئارا ئېنېرگىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى 25 يىلدا يەر شارى بويىچە كۆمۈر ئىستېمالى %65 ئاشىدىكەن. 2000- يىلىدىن بۇيان، كۆمۈر ئىستېمالى يىلىغا %4.9 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بارغان؛ نېفىت ئىستېمالى يىلىغا %1.1 لىك سۈرئەت بىلەن، تەبئىي گاز ئىستېمالى يىلىغا %2.8 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بارغان. 2010- يىلىدىلا كۆمۈر ئىشلىتىدىغان كارخانىلار %5.4 كۆپەيگەن، كۆمۈردىن توك چىقىرىش مىقدارى ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %43 تىنى ئىگىلىگەن.
كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بىر قەدەر تېز بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگودا يېڭىدىن قۇرۇلغان كۆمۈر ئىشلىتىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرى كۆپەيگەندىن سىرت، يادرو ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئەندىشە، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇشمۇ كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋەتكەن. يېڭى تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلىنغان.