تارىختىكى ئەڭ گۈزەل بىر مۇھەببەت قىسسىسى
بۇ ئەلۋەتتە "لەيلى بىلەن قېيس" نىڭ مۇھەببەت قىسسىسىمۇ ئەمەس ياكى "رومېئو بىلەن جوليىت" نىڭ قىسىسىسىمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇلارنىڭ مۇھەببەت قىسسىلىرى توي بىلەن ئاخىرلاشمىغان .
توي دېگەن ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ ئىمتىھانى، ھەقىقى مۇھەببەت تويدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىۋېرىدۇ .ھەتتا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا داۋاملىشىۋېرىدۇ ...
بىز دېگەن ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت قىسسىسىگە كەلسەك، ئۇ بولسىمۇ يولباشچىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى خەدىچىگە بولغان مۇھەببىتىدۇر . مانا بۇ ئاجايىپ مۇھەببەت بولۇپ، ھەزرىتى خەدىچە ۋاپات بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن ساھابىلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا " ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى سىز توي قىلىۋالمامسىز؟ ھازىر يەتتە ئايال بار ، قايسىسىنى خالىسىڭىز شۇلارنىڭ بىرى بىلەن تويىڭىزنى قىلىپ قويساق" دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا " ھەزرىتى (خەدىچە) دىن كېيىن مەن يەنە توي قىلىدىغان كىم بار" دېدى.
ئەگەر اﷲ سۇبھانە ۋەتەئالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كېيىنكى ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشقا بۇيرۇمىغان بولسا ئۇ ئەبەدىي توي قىلمىغان بولاتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھىي كېلىشتىن ئىلگىرى پەقەت ھەزرىتى خەدىچە بىلەن توي قىلغان . ئۇنىڭ كېينكى ئاياللىرى بىلەن توي قىلىش پەقەت ۋەھىي كەلگەندىن كېيىنكى رىسالەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بولغان .
ئۇ خەدىچە ۋاپات بولۇپ ئون تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمىغان. مەككە ئازات بولغان كۈنى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىدۇ، قۇرەيشلەرنىڭمۇ ھەممىسى كېلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۈۋېتىشنى سورايدۇ... دەل شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالام يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر قېرى ئايالغا قارايدۇ ۋە جامائەت ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارشى ئالىدۇ ـ دە، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇ ئايالغا يەكتىكىنى يەرگە سالغاندىن كېيىن ئۇ ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشقا باشلايدۇ...
ھەزرىتى ئائىشە شۇ ۋاقىتتا "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقىتىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەن بۇ قېرى ئايال كىم بولىدۇ؟" دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭغا بۇ ئايال "سەييىدە خەدىچە"نىڭ يېقىن دوستى ئىدى دېيىلىدۇ.
كېيىن سەييىدە ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن" ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى! سىلەر شۇ ۋاقىتتا نېمە توغورلوق سۆزلەشكەنتىڭلار؟" دەپ سورىغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "بىز شۇ ۋاقىتتا "خەدىچە"نىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى توغورلوق سۆزلەشكەن ئىدۇق دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن سەييىدە ئائىشەنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ "سىز ئۇ دۇنياغا كېتىپ بولغان ئۇ قېرىنى تېخىچە ئەسلەۋاتامسىز ؟ اﷲ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن تۇرسا !؟" دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋابەن " اﷲ بىلەن قەسەمكى ماڭا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق كىمكەن ئۇ؟ كىشلەر مېنى قوغلىغان چاغدا ئۇ مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالغان ،كىشىلەر مېنى يالغانغا چىقارغان چاغدا ئۇ مېنى تەستىقلىغان تۇرسا !"دېدى . سەييىدە ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرئاز ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ" ئى اﷲ نىڭ ئەلچىسى مېنى كەچۈرسىلە!"دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "سىز مەندىن كەچۈرۈم سوراشتىن ئىلگىرى "خەدىچە" دىن كەچۈرۈم سوراڭ!" دېدى . بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان.گۈللۇگ تورىدىن(ياخشىلار گۈللۇگى)