ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 65 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەۋەتىپتۇ ئانام ئىككى نان
kitap   bilim
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1853
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 32 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 32
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2013-03-17
ئاخىرقى: 2013-05-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-17 13:16

ئەۋەتىپتۇ ئانام ئىككى نان

ئەۋەتىپتۇ ئانام ئىككى نان
 

ئەۋەتىپتۇ ئانام ئىككى نان،

ئويغا سالدى ئۇ ئەۋەتكەن نان.

شۇنچە تاتلىق تەملىك تېتىيدۇ،

نىمىشقىدۇر ئانام ياققان نان.

 

شۇنچە يىراق سەھرادا تۇرۇپ،

ئوغلۇڭ ئۈچۈن ئەۋەتىپسەن نان.

ئاناڭ ئۈچۈن نېمە ئەۋەتتىڭ،

دەپ سوردى ۋىجدانىم شۇئان.

 

ئوغلۇم دەيتتى يىمەي يىگۈزۈپ،

ئات بولاتتى مېنى مىنگۈزۈپ.

قاچىسىدىن ئىلغايتتى گۆشنى،

ئۆزى يىمەي ماڭا يىگۈزۈپ.

 

ئەۋەتىپتۇ ئانام ئىككى نان،

مەن ئەۋەتسەم بولاتتى ئاش-نان.

ئوغلۇڭ تۇرۇپ بىرەر قېتىممۇ،

ئەپ بەرمەپتىم بىر خالتا «ئارمان».

 

جۈرئەت نىزام

تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-20, 11:40