ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 173 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-18 12:59

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

1-ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئىش-ئەمەللىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سوراققا تارتىلىدىغان نەرسە بولسا ناماز .>>.
تەھىلل-اللە مەن مۇسۇلمان دەپ داۋا قىلغان ھەر قانداق ئادەمنى كۈنىگە بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇشنى پەرىز قىلىپ بىكتتى ، ئەمدى ئەتتىگىنى بىر ۋاخ ناماز ئۇقۇپ قۇيۇپ ، جۇمە كۇنلىرى جۇمە ئۇقۇپ قۇيۇپ يۇرىۋىرىدىغان ، ياكى مەلۇم سەۋەبىلەر بىلەن ، بىسىم بىلەن ناماز ئۇقۇمايدىغان ئادەملىرىمىز بار. بۇنداق ئىشلارغا قارتا دىنىمىزدا  - نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئۇقۇشقا قادىر بۇلالمىسا ئولتۇرۇپ ئۇقۇشقا ، ئولتۇرۇپ ئۇقۇشقا قادىر بۇلالمىسا يىتىپ تۇرۇپ ئۇقۇشقا ، پەقەت بۇلالمىسا ئىشارەت بىلەن ناماز ئۇقۇشقا بۇلىدۇ .دەپ كۆرسەتمە بىرلگەن . ......................
ئىشقىلىپ اللە قىيامەت كۇنى بىرنىجى بۇلۇپ بىزلەردىن نامىزىڭنى تۇلۇق ئادا قىلدىڭمۇ دەپ سۈرىسا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىمىزنى ئۇيلاپ قۇيايلى.

2-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم قېرىندىشىغا يۈز – ئابرۇي، ئىناۋىتىنى تۆكۈپ ياكى مال – مۈلۈك جەھەتتىن زۇلۇم قىلىپ سالغان بولسا، ئالتۇن – كۈمۈشلەر بولمىغان، ھېساب – كىتاب، پۇل – مال بىلەن ئېلىنمايدىغان قىيامەت كۈنى ئېلىپ بېرىلىشىدىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادا رازىلىق ئالسۇن، رازى قىلسۇن، قىيامەت كۈنى بولسا، زالىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى قىلغان زۇلۇملىرىنىڭ مىقدارىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ يامان ئەمەللرى، گۇناھلىرى ئېلىنىپ، زالىمنىڭ ئۈستىگە قىلىنىدۇ. (ئەنە شۇ كۈن كېلىشدىن بۇرۇن، رازى قىلىۋېلىڭلار).

تەھلل -بۇ ھەدىسىتن - باشقىلارنىڭ بىرەر موچەنلىك نەرسسى-پۇلى بىزدە قىلىپ قالغان بولسا ، باشقىلارنى بىرەر كاچات ئۇرغان بولساق ،غەيۋەت قىلپ باشقىلارنىڭ يۇزىنى چۈشۈرگەن بولساق شۇ بىرەر مۇچەننى ياكى بىر كاچاتنى ، يۇزىنى چۈشۈرگەندىكى رۇھى ئازابىنى شۇ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ رازى قىلمىساق قىيامەت كۇنى شۇنى مەجبۇرى قايتۇردىغانلىقىمزنى ، قايتۇرغىدەك ياخشى ئەمەللىرىمىز بولمىسا شۇ ھەق ئىگىسىنىڭ گۇناھىنىڭ ئۈستمىزگە يۈكلىنىدىغانلىقىنى بىلۋالالايمىز.

3-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: مىيىت قەبرىگە قويۇلغاندا، ئۇنىڭغا قاپقارا، كۆك كۆز ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ، بىرنى مۇنكەر يەنە بىرنى نەكىير دىيىلىدۇ، بۇ مۇنكەر – نەكىير ئىككى پەرىشتە مۇنداق دەيدۇ: سەن بۇ كىشى(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ ئۇ بەندە ئادىتى بويىچە ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى دەپ گۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ، پەرىشتىلەر بىز سېنىڭ شۇنداق دىيىشىڭنى بۇرۇنلا بىلەتتۇق دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسى 70 گەزدە 70 گەز كەڭرى قىلىنىپ، نۇرلىنىدۇ، ئاندىن ئۇخلا! دىيىلىدۇ، ئۇ مەن قايتىپ ئەھلى بالىلىرىمغا خەۋەر قىلىمەن دەيدۇ، ئۇلار ئۇخلا دىگەندىكىن، يېڭىدىن توي قىلغان، بەخىتلىك كىشى ئۇخلىغاندەك ئۇخلا!، ئۇنى پەقەت ئەھلىدىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئويغۇتىدۇ، ئاللاھ سېنى بۇ جايىڭدىن تېرىلدۈرۈپ قوپارغانغا قەدەر شۇنداق، بەخىتلىك ھالەتتە ئۇخلا! دىيىلىدۇ.
ئەگەر ئۇ كىشى مۇناپىق(كاپىر) بولسا، مەن كىشىلەرنىڭ بىر سۆزىنى دەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ شۇنداق دەپ قويغان، مەن بىلمەيمەن دەيدۇ، ئۇ ئىككى پەرىشتە؛ بىز سېنىڭ شۇنداق دېيىشىڭنى بىلەتتۇق دەيدۇ، ئاندىن زىمىنغا تارايغىن، گىرەلەشكىن دىيىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسىدىن ئىبارەت زىمىن شۇنداق تارىيىدۇكى، قوۋۇرغىلىرى بىر – بىرىگە كىرىشپ كېتىدۇ، ئاللاھ ئۇنى شۇ جايدىن تېرىلدۈرگەنگە، يەنى قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئازابلىنىدۇ.

تەھلىل - كۈنىگە نەچچە مىڭ ئادەم ئۈلۈپ تۇرىدۇ . سەۋەب يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ، قاتناش ھادىسدە ئۆلگەن .بۇلاڭچىلىققا ئۆچ ئىلىشقا ئۈچراپ ئۆلگەن. كىسەل بۇلۇپ ئۆلگەن . ئۈزىنى ئۆلتۇرۋىلىشقان.ھەر قانداق ئادەم ھامان بىر كۇنى ئۆلىدۇ ، بەزىللىرى بالدۇر ، بەزىلىرى كىيىن . لىكن ئىتقاد مەسلىسى تۈپەيلىدىن ئادەملەر ھەرخىل ھالەتتە ئۈلىدۇ . بەزىللىرى مۇسۇلمان ھالىتىدە ، بەزىلىرى خىرىستىيان ھالىتىدە بەزىلىرى بۇددىس ھالىتىدە ، بەزىلىرى دىنىسز دەھرى ھالىتدە ئۆلىدۇ. مۇسۇلمان ھالىتىدە ئۆلمەي باشقا ئىتقاتتا ئۆلگەنلەرنىڭ قەبىرىگە قۇيۇلغاندىن كىيىن قانداق ئاقىۋەتكە قالدىغانلىقنى يۇقۇرىدىكى ھەدىستىن بىلۋالالايمىز .

3-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر(قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالىڭاچ، يالاڭ ئاياق، ھەتتا خەتنە قىلىقسىز قوپۇرلىسىلەر.
تەھلىل- بۇ ھەدىس ئىنتايىن ئىنىق چۈشنىشلىك .............

4-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئادەم بالىلىرى يېقىۋاتقان سىلەرنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ئوتۇڭلار، جەھەننەم ئوتىنىڭ 70 پارچىسىنىڭ بىر پارىسىدۇر، 70دىن بىرىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، ئەگەر مۇشۇ ئوت بولسىمۇ ئەلۋەتتە يېتەرلىك، كۇپايە ئىدى دىيىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ھەقىقەتەن دوۋزاخ ئوتى بۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە 69 ھەسسە ئارتۇق قىلىندى. ئاشۇ 69 پارچىنىڭ ھەممىسى، ھەر بىرسى مۇشۇ ئوتنىڭ قىززىق ھارارىتىدەك ھارارەتلىكتۇر. بۇخارى،مۇسلىم، ئەھمەد، بەيھەقى، تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ.
تەھلىل -بۇ ھەدىستىن قۇرئاندا ھەدىستە تىلغا ئىلىنغان دۇزاقنىڭ ئۇتى مۇششۇ بىز ئىشلىتىۋاتقان ئوتتىن 69 ھەسسە قىززىق ئىكەنلىكنى بىلۋالايمىز.


5-جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن جەننەت ئەھلى، جەننەتتە يەيدۇ، ئىچىدۇ، لېكىن، تۈكۈرمەيدۇ، چوڭ – كىچىك تەرەت قىلمايدۇ، بەلغەم تۈكۈرمەيدۇ، بۇرنىدىن نەرسە كەلمەيدۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ تائامىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى بولسا، قورساق تويغاندىكى كىكىرىش ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىپلا تەرلەش بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

6-ئەبۇ سەئىد، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: جەننەت ئەھلىگە بىر جاكارچى مۇنداق نىدا قىلىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ ساق – سالامەت تۇرىسىلەر، كېسەل بولمايسىلەر،ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر، مەڭگۈ ياش، گۈزەل تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر، مەڭگۈ نىئمەتتە لەززەتلىنىسىلەر، ھەرگىز ئازابلانمايسىلەر، غەم – قايغۇ قىلمايسىلەر، يوقسىز بولمايسىلەر. ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزىدا خاتىرلەنگەن .
تەھلىل- بۇ ھەدىسلەر ئىنتايىن ئىنىق چۈشنىشلىك .............

7-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى دوۋزاخ ئەھلىنىڭ ئازابى ئەڭ يەڭگىلرەكى ئەبۇتالىپتۇر، ئۇنىڭغا ئوتتىن ئىككى ئاياق كەيدۇرلىدۇ، شۇ ئىككى ئاياغنىڭ قىززىقلىقىدىن، خۇددى قازان قاينىغاندەك، ئۇنىڭ دىمىغى، مېڭىسى قاينايدۇ،-بۇخارى توپلىغان.
تەھلىل-ماۋۇ ھەدسىتە تىلغا ئىلىنغان ئابۇ تالىپ دىگەن كىشى پەيغەمبىرمىزنىڭ تاغىسى ، بۇ كىشى ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبىرمىز مەككىدە كىشلەرنى ئىسلام دىنغا دەۋەت قىلۋاتقاندا بىر ئۇچۇم ئەرەپ مۇشرىكلىرى ئارمىزدىن -مىللتىمىزدىن پەيغەمبەر چىقىپتۇ ئۇنى مەرھابا دەپ قارشى ئالايلى دىمەسىتىن ئەكسىچە پەيغەمبىرمىزنى ساراڭ ، سىھرىگەر ، شائىر مەجنۇن ، پالچى دەپ ھاقارەتلىگەن ، ئۈينىڭ ئالدىغا نىجاسەتلەرنى تۇكۈپ، ناماز ئۇقۇۋاتسا ياقسىغا ئىسىلىپ ، پەيغەمبرمىزگە ئازىيەت يەتكۈزۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا شۇ چاغدىكى مەككىنىڭ پىشقەدەمى- ئاق ساقىلى بۇلۇش سۈپتى بىلەن جىىيەنى يەنى پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ھىمايە قىلغان ، قۇغدىغان، باشقىلارنىڭ ئازار بىرىشدىن توسقان . گەرچە ئاشۇنداق پەيغەمبىرمىزنى ھىمايە قىلغان قوغدىغان بولسىمۇ ئۈمرىنىڭ ئاغرىغىچە - لائىلاھە ئىللەللا مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا (بىر اللەدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد اللەنىڭ ئەلچىسىدۇر) دىگەن ئىمان كەلمىسنى ئىيتىماي ئىمانسىز ھالاتتە ئۈلۈپ كەتكەن . بۇ كىشى توغرىسىدا پەيغەمبىرمىز  <<ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى دوۋزاخ ئەھلىنىڭ ئازابى ئەڭ يەڭگىلرەكى ئەبۇتالىپتۇر، ئۇنىڭغا ئوتتىن ئىككى ئاياق كەيدۇرلىدۇ، شۇ ئىككى ئاياغنىڭ قىززىقلىقىدىن، خۇددى قازان قاينىغاندەك، ئۇنىڭ دىمىغى، مېڭىسى قاينايدۇ،->> دىگەن . ......
ئىسلامغا دىنغا مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلماي ئۆلگەن كىشى مۇشۇنداق ئازابلانسا  قۇرئان ئۇقۇغاننى ، ساقال قۇيغاننى ، يۇزىنى ياپقاننى چاققان ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇرۇپ سۇقۇپ زۇلۇم سالىدىغان مۇناپىق زالىملار قانداق ئازاپلىنار؟


مەنبە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ۋە  ۋولفماننىڭ  يازمىسى.(توردىشىمىز ۋولف ماننىڭ ‹‹باغداش تورى››دىكى يوللانمىسى
[ بۇ يازمىنىqarxan 2013-03-18 18:44قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-18 13:13

ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن،مۇستاپانىڭ يولىدىن چىقمىغان ئىنسان نەقەدەر بەخىتلىك ھە!!!!!!!!
لىكىن بىز ھازىر شۇنداق بىر ھالەتتە تۇرىۋاتىمىزكى،بىزدە ئىشىنىشتىن قايمۇقۇش ئىغىرراق ئىكەن.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-18 15:59

بىر تال قىچا چاغلىق ياخشىلىق قىلغۇچى زىيان تارتمايدۇ............
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-19 00:49

قەلبىڭلار مېھرى -مۇھەببەتكە ،ۋۇجۇدۇڭلار ھەققە تايانمىغىچە ھىچكىم خۇدانىڭ نۇرلۇق جامالىنى كۆرىمەن دېمىسۇن ! لېكىن خۇدا ئەنە شۇنداق ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گۈزەل پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا ...