ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 267 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زاماندىكى كۆچۇش دولقۇنى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-18 13:31

ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زاماندىكى كۆچۇش دولقۇنى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تاشقى دۇنيادا ماكانلىشىپ قېلىش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئەڭ قەدىمقى ۋاقىتلارنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەت يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن سۆز باشلىغىنىمىزدا تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت مەملىكەتلەرگە كۆچۈش دولقۇنىنى ئالتە قېتىمغا ئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن.

(1) تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار 1759-1760-يىللىرىدا جاۋ خۇي باشچىلىقىدىكى مەنچىڭ قوشۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ فېئوداللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىش جەريانىدا قەشقەرىيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىلىرى مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، قوشنا پەرغانە ۋادىسى، يەتتە سۇ ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ بېرىپ ماكانلاشقان ئىدى. ئەنە شۇ يىللاردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مەملىكەتلەرگە بولۇپمۇ، قوشنا تۇپراقلارغا كۆچۈپ كېتىپ ماكانلىشىپ قېلىشى ھېچ توختىمىدى.

(2)ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇن 19-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدىكى جاھانگىر غوجىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغانغا توغرا كەلگەن بولۇپ، 1825-1830-يىللىرىدا زور ساندىكى قەشقەرىيە ئاھالىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا كەتتى.

(3)ئۈچىنچى قېتىملىق دولقۇن 19-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. مەلۇمكى، 1864-1865-يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى. ئىلگىرى كېيىن كۇچار قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. ئەمما، 1865-يىلىدىن ئېتىبارەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ياقۇپ بەگنىڭ باشلامچىلىقىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە كىردى. زو زوڭتاڭ 1877-1878-يىللىرى قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرغاندا، يەنە بىر قېتىملىق كۆچۈش دولقۇنى قوزغالدى. بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتا قەشقىرىيىگە كەلگەن چار پادىشاھ ئەلچىسى گېنېرال كروپاتكىن ۋە باشقىلار ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ.1881-يىلى ”جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتانىمىسى“ ئىمزالىنىپ، رۇسىيە 10 يىل بېسىۋالغان ئىلى مەنچىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇلغاندا، ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 50 مىڭ ، تۇڭگانلاردىن 5 مىڭ ئەتراپىدا كىشى مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، كوللېكتىپ ھالدا يەتتە سۇغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى. بۇ ھەقتە ئىلى خەلقى ئارىسىدا ئاتاقلىق ”كۆچ-كۆچ “ ناخشىسىمۇ پەيدا بولغان بولۇپ، خەلق ئۇنى تېخى ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى يوق.

(4)ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 4- قېتىملىق كۆچۈشى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولۇپ، بۇ چاغدىكى كۆچۈشنىڭ خاراكتېرىدا ئازراق پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ مەزگىلدە ياڭ زېڭشىڭ قاتارلىق مىلىتارىستلار ئۇيغۇر يەرلىرىنى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوشنا ئەللەردىن كۆپ ئارقىدا قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ نادان قالدۇرۇپ باشقۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا ھەر جەھەتتىن قالاق قالدۇرۇلغان ئىدى. بۇ چاغدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدىن ھەر يىلى ياز ئايلىرىدا قوشنا پەرغانە ۋادىسىغا ۋە يەتتە سۇغا بېرىپ، تۈرلۈك مەدىكارچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشتى. بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەملىرى يىراق ياۋروپا شەھەرلىرى ھەتتا موسكۋا، سانكىتپېتىربۇرگقىچە يېتىپ بېرىپ، مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى شۇ جايلاردىكى زاۋود، كارخانا قاتارلىق جايلاردا قارا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار رۇسىيە تۇپراقلىرىدا ماكانلىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ ياقلاردا قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنقىلابلارغا قاتنىشىشى، شۇنىڭدەك يەنە ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ بارسا، مىللىتارستلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىشى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان قالاق ۋە مۇستەبىت تۈزۈمنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقى ھەم يەرلىكلەر بىلەن ئۆي-ئوچاقلىق بولۇش ھەم باشقىلاردۇر.

(5) ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا قوزغالغان بولۇپ، جۇڭگو رەسمى مەلۇماتلىرىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكى سۆزلەنسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ك گ ب ئورگىنىنىڭ بىر قىرغىز پولكوۋنىكى ك گ ب ھۆججەتلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، 1955-يۇلىدىن 1963-يىلىغچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساننى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىكەن.

(6)ئۇيغۇرلارنىڭ 6-قېتىملىق چەت مەملىكەتلەردە ماكانلىشىشى دولقۇنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنىپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۇ قېتىمقى دولقۇن ئىلگىرىكىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىدەك ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈشتەك ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مەملىكەتلەرگە، شىمالىي ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىدى. ھازىر ياۋروپانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىگە بارسىڭىز ئۇيغۇرنىڭ دۇتار ئاۋازىدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق ۋە مەغرۇر ئاۋازلىرىنى ئاڭلىيالايسىز، ھېچقاچان ئۇيغۇرنىڭ ئايىغى تەگمىگەن بۇ زېمىنلەردىكى كىشىلەر تەكلىماكاندىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ قارا كۆزلۈك ئىنسانلار توپىغا ھېسداشلىق ئارىلاشقان مېھرىبانلىقلىرىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر كىشىلىك ئۆز نېنىنى ئۆزلىرى تاپالايدىغان ئىقتىدارىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارغا پۇرسەتلەر يارىتىپ بەردى.
ئەلۋەتتە، بۇ يېڭى دولقۇننى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ تەركىبى تۈرلۈك بولۇپ، بۇ دولقۇن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن تەكىلاماكانغا دۈملەنگەن روھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تونۇشلۇق بولمىغان غەرب دۇنياسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ دولقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان تەكلىماكانغا قاپسىلىپ قالغان ئاۋازىنى يىراق شىمالىي مۇز ئوكيادىن تارتىپ، ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان بويلىرىغىچە يەتكۈزۈشتە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۆچىرىلمەس بەتلىرىنى ياراتتى ۋە ياراتماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۆچۈش دولقۇنلىرىدا ئىلگىرىكى ئۈچ قېتىملىق دولقۇننىڭ ۋەكىللىرى ھېسابلانغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزى بارغان يەرلەردىكى ئاساسلىق خەلقلەرگە سىڭىپ تۈگىدى. ئەمما، ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پەرغانە ۋادىسىنىڭ نۇرغۇن شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلىرىغا بارسىڭىز، ئۆزىنى ئۆزبەك دەپ ئاتاپ، ئاللىقاچان مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتكەن كۆپلىگەن ئەشۇ دولقۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى سۆھبەتلەر جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پەخىرلىنىش بىلەن يادلىغاننى ئۇچرىتىسىز. ئەمما، كېيىنكى كۆچۈش دولقۇنلىرىنى تەشكىل قىلغۇچىلار بولسائا، ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالدى ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن تىرىشماقتا.
ئەلۋەتتە، غەرب مەملىكەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش، ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈش، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئاڭدىن تەربىيە بېرىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇ يەردە مەزكۇر تېما ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىشنى مۇددىئا قىلمايمەن. ئومۇمەن، دېمەكچى بولغىنىم، بايانىمدىكى باش قەھرىمان مۇرات ئەشۇ كېيىنكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار دولقۇنىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سانسىزلىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ياكى بوۋىلىرى تېخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ۋەتەندىن كۆچۈپ چىققان بولغاچقا، ئۇلار قويۇق، ئۇيغۇر مىللىي پۇرىقى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشكە، ئاتا-ئانىسى ۋە ياكى بوۋىلىرىنىڭ كىچىكىدىن سىڭدۈرگەن ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسى بىلەن ئوزۇقلىنىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.
كۈچلۈك رۇس سىياسى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى كۆچۈپ چىققان يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىمۇ يوق قىلالامىغان بولۇپ، قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۆزلىرىنى ”يەرلىك ”لەر دەپ ئاتايدىغان بۇ گۇرۇپپىمۇ ئوخشاشلا ھېچ قاچان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن تانمىغان ئىدى. سوۋېتلەر يىمىرىلگەندىن كېيىن بولسا، ئۇلاردىكى ئانا ۋەتەن تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىلىرى ئۆزگىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى “ سوۋېت ئۇيغۇرلىرى“ دەپ پەخىرلىنىدىغان تۇيغۇسىنىڭ ئورنىغا “ ئۇيغۇر“لۇق روھىنى دەسسەتتى. ئۇلاردا ئۆزلىرىنى ئانا ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاش، ئانا ۋەتەننى سۆيۈش، ئانا تىلنى سۆيۈش چۈشەنچىلىرى كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. ئۇلاردىكى بۇرۇنقىدەك ئۆزلىرىنى 50-60-يىللاردا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىك، ۋە ئېسىل قىسىمى يەنى“ سوۋېت ئۇيغۇرلىرى“ دەپ قارايدىغان سۈنىيلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يوق بولۇشى بىلەن يوقالدى. 90-يىللاردا كۈچىيىشكە باشلىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقىلارنىڭ مىللىي كىملىك ھەم مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى تەبىئىي ھالدا، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. نەتىجىدە، دۇنيا يۈزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ياشىغان يەرلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ“ ھەممىسىنىڭ تەقدىرى بىر، ھەممىسى بىر ئۇيغۇر، “ دەيدىغان چۈشەنچىلەر ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
دېمەكچى بولغىنىم، دۇنيانىڭ نەرىگە بارسىڭىز، ئۇيغۇرنىڭ ئۆز كىملىكى ئۈچۈن ئورتاق كۈرۈشىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ئىدىيىلىرىنىڭ بارغانسىرى ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك بىر گەۋدىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇيغۇرلاردىكى ئانا ۋەتەن، ئانا تىل، ئانا مەدەنىيەت ئىدىيىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىي ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن يىغلاش ھەم بەدەل تۆلەش خائىشىنى پەيدا قىلدى.

مەنبە:نەبىجان تۇرسۇننىڭ <<مۇرات ناسىروف ۋە مەن>> ناملىق ماقالىسىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-18 13:56

چاپىنىنى دولغا سېلىپ.دەتتىكام -دەپ يۇرتتىن باشقا جايلارغا  كەتكەن قېېرىنداشلىرىمىز ھامان يۇرتىغا قايىتىپ كېلەلەيدۇ...چۈنكى ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ -ئەمەسمۇ ؟!
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-19 00:41

شامالكاااااااااااااااااااااااااااااااااااا بامۇ سىزيا ؟

ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن بولىدۇ .