ئاننا ئەخماتوۋا شېئىرىلىرى
نۇرمەھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى
ئوتلۇق ھېسيات يالقۇنلاپ يەتكەندە چەككە
ئوتلۇق ھېسيات يالقۇنلاپ يەتكەندە چەككە،
كۈچىيەر قارغىش ئۆز-ئارا ئازار.
ئىككىمىز تېخىچە يۈرىيمىز بىلمەي،
زېمىننىڭ بولغىنى بىز ئۈچۈن بەك تار.
نەپرەتلىك ئەسلىمىدىن دىللار سەك پارە،
روھى ئازاب ساقايماس جاراھەت ھامان.
سورايمەن تۈنلىرى ئۆزەمدىن تەكرار؛
<<ئاھ،دوستلىرىم نەدىدۇ،كەتكەندۇ قايان؟>>
ياڭرىسىمۇ كۈيلۈرۈم شۇنچىلىك جۇشقۇن،
تۇمانلارنى بۆسۈپ تامام كۆرسۈتۈپ چىدام.
ئەيىبلەش،تەندە تىكىلگەن كۆزلەر،
كۆكرىكىمگە تىغ ئۇرار بەرمەستىن ئارام.
دەرىزەمگە ئاسمىدىم پەردە
دەرىزەمگە ئاسمىدىم پەردە،
تاشلا نەزەر خانەمگە بىمالال!
سەن يۈرگەچكە ئەتراپتا ئايلىنىپ،
ۋۇجۇدۇمنى ھاياجان ئەيلىدى قامال.
قىلىسەن سەن مېنى بەڭۋاش ئەركە ئاي،
يا ئەككىلىسەن مەڭگۈلۈك ئازاب.
قالىمەن سەن ئۈچۈن ئەمدى ئۇيقۇسىز،
زېرىكىش ئىلكىدە يولۇڭغا قاراپ.
چىقار ئاتاش كەبى ئىسسىق شامال
چىقار ئاتەش كەبىي ئىسسىق شامال،
كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا كۆيدى قول-بېلەك.
چەكسىز ئاسمان يالتىرايدۇ ئۈستۈمدە،
گويا سۈرتۈلگەن سۈزۈك ئەينەكتەك.
ھالسىرغان سەبدە گۈللىرى،
تارتىدۇ ئەتراپقا يېقىمسىز پۇراق.
كاراپوس دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىدا،
چۈمىلىلەر ئالدىراش چاپىدۇ ھەريان.
كۆلچەكتىكى كۈمۈش نۇرلار تەۋرىنەر لەرزان،
تۇرمۇش يېڭىچە ئەركىن قىلماقتا داۋام.
بۈگۈن ئۇچىرشارمەن چۈشۈمدە كىمگە،
ئاسما كارۋاتتا ئالغاچ تىنىچ ئارام.
ھەمرالىرىم يىراقتىن توۋلايدۇ تىنماي
ھەمراھلىرىم يىراقتىن توۋلايدۇ تىنماي،
يارلانغان بىر تۇرنا غاقىلدار غېرىپ.
ئالتۇن راڭ كۈزنىڭ نۇرىغا چۆمۈپ،
بىپايان دالىلار ياتار ئېزىلىپ.
ئاڭلىدىم قاناتلار شاۋقۇنى چىقارغاننى،
كارۋىتىمدا يېتىپ يالغۇز، كېسەلچان.
بۇ ئاۋازلار كېلىپ چەكسىز كۆك قەھرىدىن،
تاغ-دالا،ئورمانلارغا سىڭار خىيالچان.
كەلدى پەيتى قاققىن پەر-قانات،
يىراق دالا، دەرياغا قاراپ.
ئېيتالمايسان ئەمدى سەن ناخشا،
ئاجىز قولۇڭ سۈرتەلمەس ھەتتا،
سۈزۈك يېشىڭ تۇرسۇمۇ چاقناپ.
مەنبە؛<<بورتالا گېزىتى>>
[ بۇ يازمىنىشامال 2013-03-18 17:02قايتا تەھرىرلىدى ]