ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 142 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېڭى يىلدىكى قىممەتلىك ‹‹سوۋغا
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-18 19:01

يېڭى يىلدىكى قىممەتلىك ‹‹سوۋغا

‹‹يېڭى يىلدىكى قىممەتلىك ‹‹سوۋغا

(ئەسلىمە)

قاراخان
بۈگۈن 2013-يىلى 1-يانۋار ئەتىگەن،بەش كۈنلۈك خىزمەت بېسىمىدىن چارچىغان گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ كومپىيوتور ئالدىدا تۇرۇپ كىتاپ جاھازىسىغا تىكىلدىم،قولۇمغا ‹‹يازغۇچى بولماق تەس››دىگەن كىتاپ چىقتى ، ئۇنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئىش ئۈستىلىدە قەلەم تۇتۇپ ئولتۇرغان مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ئىللىق سۈرىتى خۇددى مەندىن ئۇنتۇلغان بىر قەرزنى سۈيلەۋاتقاندەك ئىپادىدە كۆرۈندى،كىتاپنى ئېچىپ ئۈنىڭ ئىچىدىكى ‹‹ياۋروپاغا سەپەر ››دىگەن تېمىغا كۆزۈم چۈشكەندىلا بۇ ‹‹قەرز››يالت قىلىپ كاللامدىن نۇردەك تېزلىكتە ئۆتتى... 1991-يىلنىڭ دەل مۇشۇ كۈنى ئەتىگەندە مائارىپ ئىنىستىتونىڭ تۈن نىسبىگىچە يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ جىمىپ قالغان ياتاق كارىدورىدا بىر تونۇش ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپ تۇيۇقسىز ياتاق ئىشىكى يېنىك چېكىلدى،مەن يېڭىلا سېتىۋالغان ماكارىنكونىڭ ‹‹پىداگوگىك پوئىما ››ناملىق كىتابىنى قاتلاپ قويۇپ ، باشقىلارنى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەس ئاۋازدا ‹‹كىرىڭ››دىدىم،ئىشىك ئېچىلىش بىلەن ئالدىمدا دولىغا قارا سومكا ئاسقان، بېشىغا سېرىق تىۋىتلىق جىگەررەڭ خۇرۇم قۇلاقچا، ئۇچىسىغا قارا خۇرۇم چاپان، تۆۋىنىگە پورەڭ چىبەرقۇتتىن گىلەپە شىم كىيگەن،پۇتىدا قونجۇلۇق قارا ئۆتۈك كىيگەن بەئەينى ‹‹ئۈچ ۋىلايەتئىنقىلاۋى››نىڭ ئوپېتسېرلىرىدەك كىيىنىۋالغان ئاتاقلىق رەسسام، تارىخچى نۇرمۇھەممەت توختى مۇئەللىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەلدى،مەن ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !دەپ قىزغىن كۆرۈشۈپ ئۇنى كارۋاتقا تەكلىپ قىلدىم،شۇ ئەسنادا چاچلىرىنى تەكشى تاراپ ئوڭدىسىغا خىيال سۈرۈپ ياتقان ساۋاقدىشىم ھەم ياتاقدىشىم شائىر ئابدۇرېھىم زۇنۇن( بۇلاقى) ۋە ئۇيقۇسى قاچقان پوسكاملىق تۇرغۇن ئابدۇرېشىت، ۋە خوتەنلىك ئوبۇلقاسىملار ئارقا-ئارقىدىن كارۋاتتىن چۈشۈپ بۇ ئۇستاز بىلەن قېرىنداشلارچە كۆرۈشتى،مەن ئۇلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم،بىز يۈز –كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ بىرلىكتە ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىشتۇق ،دۈئادىن كېيىن نۇرمۇھەممەت مۇئەللىم ھەممىمىزنى يېڭى يىللىق غىزا بىلەن مېھمان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى ،ھەممەيلەن ئۆزرە قويدى،مەن بۇ ئۇزتازنىڭ تەكلىپى بىلەن يانۋارنىڭ ئاچچىق سوغۇقىغا قارىماي ياتاقتىن چىقتىم،تەبىئەت بىرىنچى ‹‹چىللە››نىڭ ئىزغىرىن گۈل چېيىنى ئىككىنچى ‹‹چىللە››گە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولغاچقا ئىككى كۆزىمىزدىن باشقا يەرلەر سوغۇققا بوزەك بولماقتا ئىدى،مۇئەللىم ياتاق تۇرمۇشى،يىمەك-ئىچمەك ۋە خىراجەت يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىمنى سورىدى ھەم مېنى ئاتاقلىق بىر ئەدىپنىڭ ھوزۇرىغا ئاپىرىدىغانلىغىنى ئېيتتى ،مەن خۇددى بىر ئەۋلىيا بىلەن كۆرۈشكىلى بارىدىغاندەك خوشھال بولۇپ كەتتىم،بىز كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ دۆڭ كۆۋرۈكتە چۈشۈپ قالدۇق ،ھەم ئۆي لەغمىنىدىن بىردىن يەپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاپتونوم رايۇنلۇق رادىئو تېلىۋىزىيە ئىدارىسى ئالدىدىن ئۆتتۈق ،ھەم چىغىر يوللار بىلەن ،يولنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتۈپ ئاپپاق قارنى غاچىلدىتىپ دەسسىگىنىمىزچە قەۋرىستانلىققا بېرىپ قالدۇق،ئادەملەرنىڭ ئەڭ بېخىلى قەۋرە يېنىدىن ئۆتكەندە دۇئا بەرمىگەنلەر دىگەن ھەدىسنىڭ روھى بويىچە بۇ يەردە توختاپ دۇئا قىلماقچى بولدۇق،ئۇيەردىكى كونا- يېڭى، گۈمبەزلىك- گۈمبەزسىز قەۋرىلەرنىڭ گويا تەبىئەت قارىلىق تۇتقاندەك ئاق قار ئاستىدا سۈكۇكۈنات ئىچىدە ياتقان ھالىنى كۆرۈپ ،بۇ ئاخىرەت يۇرتىغا ئۇھسىنىپ تىكىلدۇق ،ئۇستاز ئالدىمدا مېڭىپ تۆت تام بىلەن قوپۇرۇلغان بىر گۈمبەزلىك قەبرىنى كۆرسىتىپ بۇ كىمنىڭ قەبرىسى بىلەمسىز دىدى ،مەن ئۇنىڭ تاملىرىغا يېزىلغان سانسىز ئىمزالارغا قاراپ تۇرغىنىمدا بۇ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىسى مەرھۇم ‹‹خوجىنىياز ھاجى››نىڭ قەۋرىسى دىدى، مەن بىر قىسىم بايلارنىڭ ھەيۋەتلىك ياسالغان قەبرىسى ئالدىدا تولىمۇ چېنىپ قالغان بۇ قەۋرىنىڭ ئاشۇ كىشىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەندەك ئۇنىڭغا يەنە سىنچىلاپ قاراپ ،قەبرىنى بىر ئايلىنىپ چىقتىم. بۇ يەردە يەنە شارىپقان ۋە باشقا نام شەرىپى يوچۇن كىشىلەرنىڭمۇ قەۋرىسى بارلىقىنى ئۇزتازىم توختىماي سۆزلەيتى،مەن بىلىدىغان ئايەتلىرىم بىلەن ئىچىمدە ئۇلارغا ئاتاپ دۈئا قىلدىم.كېتەيلى دىدىممەن،بۇ كۆڭۈلسىز مەنزىرىدىن ئىچىم سىقىلىپ،نىمىشقا؟، بىز تېخى سىزگە ۋەدە قىلغان زاتنىڭ ئۆيىگە بارمىدۇققۇ؟ بۇ چاغدا كۈن قىيام بولغان بولۇپ قاتتىق سوغۇققا قارىماي كۈچلۈك قۇياش نۇرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى،كۈمۈشتەك قاردىن قايقان ئەكسى نۇر كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى. ئۇنداقتا شۇ يەرگىلا بارايلى دىدىممەن ئىچىمدىكى سىقىلىشنى بېسىپ ،بىز يەنە يولغا چىقىپ ئوڭ تەرەپتىكى ئىسلام ئىنىستىتونىڭ ئەنئەنىۋى ، زامانىۋى پاسۇندا سېلىنغان مەدرىس مەسچىتلىرىنى ،قورالىرىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن يولنىڭ جەنۇبى قاسنىقىغا ئۆتۈپ ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر قوراسىغا كىردۇق،ئۇستازىم مېنى ئارقىغا سېلىپ ئۇدۇل ماڭغان پېتى بىر بىنانىڭ قوڭغۇرۇقىنى باستى،ئىشىك ئېچىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بىر ئايال بىزنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى ،زوردۇن سابىركام بارمىدۇ؟ شۇ چاغدىلا مەن قىسقا دەقىقىدە زىيارەت قىلىدىغان ئادىمىمىزنىڭ راستىنلا ‹‹ئەۋلىيا››سۈپەت يازغۇچىمىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈم، كىرىڭلار ئۇ كىشى ئۆيدە بار ،شۇ ئارىدا مەرھۇمنىڭ بىر نەۋرىسى چاقماق تېزلىكىدە بوۋىسىغا ‹‹مېھمان كەلدى››بوۋا ‹‹مېھمان كەلدى›،دەپ چۇقىرىدى. ئۆيدىن يەڭگىل كۈلكە كۆتۈرۈلدى،بىز ئەدەپ بىلەن ئاياغلىرىمىزنى سېلىپ سول تەرەپتىكى كۆرسەتكەن ھوجرىغا ئەسسالامۇئەلەيكۇم! دەپ كىرىپ كەلدۇق،مەرھۇم بىلەن تەڭ يېنىدىكى يەنە بىر سالاپەتلىك ئەرمۇ قوزغۇلۇپ سالىمىمىز ئىلىك ئېلىندى،ئولتۇرۇپ ‹‹ۋەما ئەرسەلناكە ئىللا رەھمەتەل لىل ئالەمىيىن ››دەپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشۈپ ئېسەنلىك سوراشتۇق .يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن زوردۇنكا ! بۇ مېنىڭ مائارىپ ئىنىستىتونىڭ تىل ئەدەبىيات كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچۇم بولىدۇ،سىلەرنىڭ سۆھبىتىڭلارغا دەخلى قىلىپ قويمىغاندۇق-ھە؟ ياق-ياق ،ياخشى مېھمان ئاش ئۈستىگە سىلەردەك مېھماننىڭ مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈننى تاللاپ كەلمىكى خەيرلىك ئىش ئەمەسمۇ ،مانا بۇ مېنىڭ باجام تالانتلىق كومپوزىتور ياسىن مۇخپۇل بولىدۇ،مەن بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن يېڭى يىل قىزىلمۇ،كۆكمۇ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى دەپ مۇڭدىشىپ ئولتۇردۈق- دىدى ئۇ، ئۆتكۈر كۆزلىرىنى بىزگە يۈگۈرتكەچ كۈلۈپ قويۇپ،بايا ئۇ شىرە ئاستىغا قويۇپ قويغان، پۇرىقى ئۆينى بىر ئالغان قىزىل ماركىلىق‹‹ئىلى داچۈ››ھارىقىنى شىرەنىڭ ئۈستىگەچىقاردى ۋە بىزنى كۆرۈپ كۈلدانغا پاتۇرۇپ قويغان ‹‹قىزىل دەريا››ماركىلىق پاپىروسنىڭ ئورنىغا يەنە بىرنى ئالدىراپ تۇتاشتۇرۇپ، ...قولۇڭلار تازىمۇ؟ تازا بولسا قېنى مەززەگە باققاچ پاراڭلىشايلى دەپ قولىمىزغا چوكا تەڭلىدى ،پىيالىمىزگە چايمۇ قۇيدۇردى، ئارقىدىنلا بىر رۇمكىدىن بېلىق كۆزى قىلىپ ئىككىمىزگە بىردىن تەڭلىدى،مەن قاتتىق ئۆزرە قويۇپ تۇرىۋالدىم،ئىشىكنى ئاچقاندىلا پۇرىقىدىن مەست بولغان كۆڭلۇمنىڭ بىر رۇمكىنى گۈپلا قىلىپ كۆتىرىۋەتكۈسى بولسىمۇ نىمىشقىكىن بۇ ئۇلۇغ ئۇستاز ۋە ئەدىپلەرگە بولغان چەكسىز ھۆرمەت،بالا نەپسىمدىن كېچىشكە غالىپ كەلدى، ...سورۇن دىگەندە ئۇلپەتنىڭ چوڭ كىچىكى يوق ،بوسۇغىدىن چىققاندا پەدىشەپنى تېپىۋالغۇلۇق،بىر رومكا ئىچىپ قويسىڭىزغۇ بولاتتى، دىسىمۇ تەكەللۇپ بىلەن رەت قىلدىم،ئۇلار ئۆزئارا بىرنەچچە رومكىدىن خۇش كەتتى قىلىشىپ ئېسىل قورۇمىلارغا مېنى ئېلىڭ بېقىڭ دىيىشىپ تېگىش قىلىشتى،مەن ئۇنىڭ گرانىت تاشتەك بەستىگە،يۇقۇرى گرادۇسلۇق كۆزەينەك ئاستىدا ئىششىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان بىر جۇپ كۆزلىرىگە قارىدىم ،ئۇنىڭ قولىدىكى بامبۇك چوكا كۆزۈمگە بىر جۇپ پولات قەلەمدەك كۆرۈندى،يېنىدىكى كەم سۆز ،پاقىراق چاچلىق ،سىپايە قىياپەتلىك بۇ زاتنىڭ ‹‹ئازغۇن››‹‹قارا كۆز››‹‹بوغدا ئاتا›› قاتارلىق داڭلىق ناخشا-كۈيلەرنىڭ مۇئەللىپى ئىكەنلىكىگە قاراپ بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسدا بولدۇم ،ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى سالماق، ۋەزىنلىك،مەنىلىك داۋاملىشىۋاتاتتى ،قېنى ئاۋۋال تائام ئاندىن كالام دىدى زوردۇنكام ئارىدا يەنە گەپ قىستۇرۇپ ،بۇنداق كەيپىياتنى پۇرسەت دەپ بىلگەن نۇرمۇھەممەت مۇئەللىم قارا سومكىدىن دەرھال سىزما ۋە فوتو رەسىملىرىنى چىقىرىپ :‹‹ سىزنى ئۈچ ۋىلايەتكە دائىر ئەسەر يېزىش بىلەن ئالدىراش دەپ ئاڭلىدىم،شۇڭا مەندە بىرنەچچە پارچە ئۇچ ۋىلايەتكە دائىر سىزما رەسىم بار ئىدى ، ئۇنى مۇقاۋا رەسىمى قىلىپ ئىشلىتىشىڭىزگە مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئۇنى سىزگە يېڭى يىللىق سوۋغا قىلاي››دىدى،زوردۇنكام ياخشى گەپكەن ‹‹سوۋغا دىگەننى خىزىرمۇ قوبۇل قىلىپتىكەن››دەپ قولىغا ئەپچىللىك بىلەن رەسىملەرنى ئالدى،ماۋۇ ‹‹ئاشۇ يىللاردا ››دىگەن ئەسىرىم يەنى 1945-يىلدىكى ‹‹ئاقسۇدىن چېكىنىش››ۋەقەسى،ماۋۇ شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلنىڭ رەسىمى،ماۋۇچۇ؟ دىدى مەرھۇم زوردۇنكام قىزغىن كىرىشىپ ۋە‹‹فرونۇتتىن قايتقاندا››دىگەن رەسىمگە جىددى تىكىلىپ ،بۇمۇ ئىنقىلاپ دەۋرىدىكى مۇھەببەت قىسسىسى تەسۋىرلەنگەن رەسىم دىدى ،مۇئەللىم ھوزۇرلانغان ھالدا،مانا ماۋۇ پارتىلىتىش ماھىرى ‹‹توختى بومبا›› ماۋۇ كۈرەش قەھىرمانى ‹‹زىخرۇللام››ماۋۇ‹‹قاينام ئۆركىشى››....مەرھۇم زوردۇنكام گويا قىممەتلىك ئاخباراتقا ئېرىشكەن ھەربى گېنىرالدەك ، ياخشى،ناھىيىتى ياخشى بۇ سىزمىلار مېنىڭ ‹‹كەچكۈز››دىگەن(‹‹ئانا يۇرت››نى دىمەكچى بولسا كېرەك) رومانىمغا مۇقاۋا رەسىم بولغۇدەك دەۋەتتى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا،ھەم شىرەدىكى يىمەكلىكنى سەل ئىتتىرىۋېتىپ رەسىملەرنى بىرمۇ –بىر يېيىپ كۆرۈشكە باشلىدى،كۆرۈپ بولغانلىرىنى بىر تەرەپتە قىزىقىپ ئولتۇرغان ياسىن مۇخپۇل ئاكىنىڭ تەڭلەپ تۇرغان قولىغا بېرەتتى.سىز مۇشۇ كەسپنىڭ ئەھلىمۇ؟ شۇنداق دىدى مۇئەللىم ئىشەنچ بىلەن،ياسىن مۇخپۇل ئاكا كۆرۈپ بولغان رەسىملەرنى ئۈن-تۈنسىز مۇئەللىمگە قايتۇرۇپ بېرەتتى ئۇمۇ ‹‹فرونۇتتىن قايتقاندا››دىگەن رەسىمگە بىر ھازا قاراپ ئۇنى بېرىشكە قىيمىغاندەك مۇئەللىمگە تەڭلىدى،مەن سىزنى پىكىر بېرىپ باقامدىكىن دىگەن ئۈمۈتتە بولىۋاتىمەن؟،بولىدۇ دىدى ياسىن مۇخپۇل ئاكا باشقىلارنىڭ ئىجازىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەسىرىگە پىكىر بايان قىلش ياخشى پەزىلەت ئەمەس دىدى، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن،سىز تەلەپ قىلغان ئىكەنسىز ،مەن ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي،بۇ رەسىمدىكى ئەر قەھىرماننىڭ باش ،بويۇن،گەۋدە قىسمىغا ئازراق ئىش قوشۇڭ،ئۇنىڭ ماۋۇ قورال تۇتقان قولىغا قاراڭ بۇ قول ئۇنىڭ قولى ئەمەستەك يۇمران، سىلىق، سېمىز چىقىپ قاپتۇ ،.... دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نۇرمۇھەممەت مۇئەللىم تەسىرلىنىپ بۇ گەپنى ماڭا تۇردى سامساق ئاكىمۇ شۇنداق دىگەن ،سېنىڭ بۇ ئەسكىرىڭنىڭ قولى پومىششىكنىڭ قولىغا ئوخشاپ قاپتۇ،‹‹ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىرى ساپلا كەتمەن ،گۈرجەك،ئاراتۇتقان ،ئورغاق پالتا تۇتقان قوللار ئىدى ›› ئۇلارنىڭ قوللىرى نەدىمۇ بايۋەتچىنىڭ قولىغا ئوخشىسۇن دەپ .........،دىمەك سىزمۇ شۇ گەپنى قىلدىڭىز، ئاقىللارنىڭ قەلبى ئىككى بولسىمۇ ئارزۇ نىشانى بىركەن ،رەھمەت،رەھمەت يەنە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز،يېنىدىكى ماۋۇ ئايال قەھىرماننىڭ دىدى ياسىن مۇخپۇل ئاكا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، چاچلىرى ئىسپانكىغا پاتمىغاندىن سىرت،بويۇن ۋە كۆكرەك قىسمىدا قىسمەن بىماسلىق بار ،يەنە...يەنە بولدىلا بۇ تەرەپلەردىن قايتا ئىزدىنىپ كۆرەرسىز بۇ بەك ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن .ئەسىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا تىلەكداشمەن دەپ كەمتەرلىك بىلەن سۆزىنى ئۇزىۋەتتى ئۇ بىر ئىشتىن ئېھتىيات قىلغاندەك...،شۇ ئارىدا پاراڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان مەرھۇم زوردۇنكام ئۆزىنىڭ بۇ كومپوزىتور باجىسىنىڭ رەسساملىقتىنمۇ خەۋىرى بارلىقىدىن پەخىرلەنگەندەك مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ رەسىملەر ئىچىدىكى ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن رەسىمنى قولىغا ئالدى،ۋە مۇنداق دىدى: مەن ياۋروپادىكى زىيارىتىمدە گېرمانىيەلىك بىر مۇخبىر ‹‹ئىنقىلاۋى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە ››توختالغان لېكسىيەمدە مەندىن مۇنداق بىر قىيىن سۇئالنى سوراپ قالدى ‹‹ سىز ئېيتقان ئىنقىلاۋى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە يىللارغا جاۋاپ ناملىق شېئىرىدىن ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ شائىرى ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلدىم،سىزنىڭ ئىنقىلاۋى شائىر دىگىنىڭىز نىمىسى ،ھەقىقى شائىرنىڭ ۋەتىنى ئىنسانىيەتكە ئورتاق ،ئۇنىڭ ۋەتەن مىللەت، چېگرىسى بولمايدۇ،خۇددى پوتئېردەك››مەن بۇ چۈشەنچىگە قايىل بولغاندەك ئۆتۈپ كەتتىم ،كۆڭلۈمدە بىزنىڭ داھىمىز ئۇنىڭغا 1956-يىلى ‹‹ئىنقىلاۋى،ۋەتەنپەرۋەر شائىر ››دەپ يۇقۇرى باھانى بەرگەن ،شۇڭا مەنمۇ داھىنىڭ سۆزى ھەم ئۆزۈمنىڭ ئىزدىنىشى بويىچە شۇنداق ئاتىدىم دىمەكچى بولدۇميۇ،بۇ خەلقئارا سورۇندا ئۆزىمىزنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈشنى خالىمىغان ئىدىم....سۆبەت پەللىگە چىققان ئىدى... مەن بۇ ئۇلۇغ ئەدىپنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنتۇلغۇسىز بىر يېڭى يىلنىڭ ۋە يېڭى ھەقىقەتنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇپ دانىشمەنلەر سۆھبىتىنىڭ پۇتۈن ئالەمنى كېزىپ چىققان بىلەن باراۋەر قىممىتىنى تونۇپ ،ئۇستازىم بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا قىيمىغان ،ئەمما قائىدە ئىززەت يۈزىسىدىن  ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ھالدا بوسۇغىسىدىن يىراقلاشتۇق...،كۈچلۈك ھاراق ،قىزغىن قارشى ئېلىنىش ۋە تەسىرلىك ،مەنىلىك سۆھبەت ئۇستازىمنى لىرىك تەبىئەتتە چايقىغان بولسا كېرەك ،ئىلھامىنى باسالماي يولدا توختىماي سۆزلەپ كەتتى،قاراڭ ئۇكام بىزدە ئىنسانىيەتكە مەنسۇپ بولغۇدەك شائىرلىرىمىز بار ئىكەن ،مەن مۇشۇ كەمگىچە بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتمەپتىمەن،قەلبىمدە ‹‹قاينام ئۆركىشى››گە بولغان ھۆرمەت ۋە چۈشەنچە ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى،ئۇنىڭ ئوبرازىنى چوقۇم قايتا يارىتىمەن،ئۇنى گىگانت قەھىرمان شائىر قىلىپ سۈرەتلەيمەن...بىز ئايىغى چىقماس پاراڭلارغا ئەسرا بولۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا قانداق كېلىپ قالغىنىمىزنى سەزمەي قالدۇق. مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى،2000-يىلى ئۇنىڭ ‹‹ئانا يۇرت ››(ئەسلى‹‹ ئانا يەر››)ناملىق (بەلكىم مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئېيتقان ‹‹ كەچكۈز›› دىگەن رومانى شۇ بولسا كېرەك) رومانى نەشىردىن چىقتى،ئۇنىڭ 2-قىسىم مۇقاۋىسىغا ئۇستازنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم زوردۇن سابىر ئاكىغا قىلغان يېڭى يىللىق قىممەتلىك سوۋغىسى بولمىش‹‹ئاشۇ يىللاردا››دىگەن رەسىمى مۇقاۋا قىلىپ ئىشلەنگەن ئىدى.يەنە مەرھۇم سوپاخۇن سوۋۇرۇپنىڭ ‹‹مەن كەچكەن كېچىكلەر››دىگەن تارىخى ئەسلىمىسىگىمۇ مۇقاۋا رەسىم قىلىپ ئىشلەندى.كېيىن ئۇنىڭ ‹‹فرونۇتتىن قايتقاندا ››دىگەن ئەسىرى مەرھۇم تۇردى سامساق ۋە ياسىن مۇخپۇل ئاكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قايتا سىزىلىپ ئابدۇراھمان قاھھار ئاكىنىڭ ‹‹كەچۇر مېنى نازاكەت ››دىگەن پوۋېستلار توپلىمىغا ۋە ئەسلى نۇسخىسى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ ‹‹قانلىق ئىز ››رومانىغا مۇقاۋا رەسىمى قىلىپ ئىشلەندى. 1992-يىلى نۇرمۇھەممەت مۇئەللىم ‹‹قاينام ئۆكىشى››دىگەن رەسىمنى شۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ‹‹خىيالچان تىلەك››كە ئۆزگەرتىپ قايتا ئىشلەپ چىقتى،ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ئۇنى مەكتەپ نىڭ ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ››ئېلىپ بېرىشتىكى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزدى،بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى جىڭ ناھىيىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھارماس ئاخباراتچىسى مەرھۇم ئېرغالى دۈيسەكە ‹‹بورتالا گېزىتى››گە تەپسىلى خەۋەر قىلىپ تونۇشتۇردى. شۇندىن كېيىن بورتالا ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە-بازار مەكتەپلىرىدە ‹‹لۇتپۇللا مۇتەللىپنى›› خاتىرلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

2012-يىلى 1-يانۋار

[ بۇ يازمىنىqarxan 2013-05-27 18:26قايتا تەھرىرلىدى ]
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-19 00:24

سىلەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغاندەك ھېسياتقا كەپ قالدىم . ھارمىغايسىز ...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-05-26 15:27


كۈمۈش تەردىن قولغا كەلگەن ئىپتىخارلىق نەتىجە
   
(دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك رېفىر مەرھۇم زىبىبۇللا يۇنۇسنىڭ قىسقىچە ئىش- ئىزلىرى)

     غەربى جۇڭغاردىكى مەرىپەت بۆشۈكى 2000-يىلى7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆزىنىڭ قابىل بىر ئوقۇتقۇچىسىدن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالدى.دۆلەتيولى 312-لېنىيەنىڭ 4765-بۆلىگىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئېغىر قاتناش ۋەقەسىھاياتىنىڭ 38-پەلەمپىيىدە قىرانىغا يەتكەن بۇ ئەزىمەتنى رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ كەتتى،مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا تەييارلانغان تەزىيە نۇتقى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۈنسىز كۆزيېشى بىلەن توختاپ قالدى ،ناھىييىلىك مائارىپ ئىدارىسى ،بازارلىق مائىرىپ بۆلۈمى-گۈرۇپپسىىدىكى،يەرلىك پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم رەھبەرلەرمۇ بۇ مېيىت نامىزىدائۆزىنىڭ ھازا كۈيىنى يوشۇرۇپ قالامىدى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىبەردى.‹‹قېرىنداش ئۆلۈمى قىزىل قىيامەت›› دەپ ھەممە ئۆزىنىڭ بۇ چىۋەر ،‹‹بەشتەياخشى››*ئوغلانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىغىنى مەيۈسلۈك بىلەن پىچىرلىشاتتى،مانا بۇقايغۇلۇق قىسمەتكە ھەش-پەش دىگۈچە 23يىل بولۇپتۇ،ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى ئۇھايات ۋاقتىدا شەرەپ مىدالى بىلەن چۈشكەن بۇ ۋاپادار ئەر،غەمگۈزار ئاتىنىڭ رامكىدىكىسۈرىتىگە قاراش بىلەن چارەك ئەسىرنى سېغىنشتا ئۆتكۈزدى.ئۇنى يالغۇز بىر ئائىلەكىشىلىرى ئەمەس پۈتۈن يۇرتتىكى چوڭ-كىچىكنىڭ ھەممىسى سېغىنىدۇ ۋە چوڭقۇر يادئېتىدۇ.
-داۋامى باش بەتتە...
[ بۇ يازمىنىqarxan 2013-05-27 18:28قايتا تەھرىرلىدى ]
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-05-27 18:19

مەرت ئەزمەت كەتتىكى خالاپ بىر ئاللا،
ئىزلىرى ئۆچمەيدۇ يورۇپ ھەر تاڭلا...................................   [