جىنشىيۇ قىزى -ئەلنىڭ كۆزى
قەدىم لەڭتەي ئېتىكىدە بەزمە قۇرغان،
ئىشتا پىشقان بەختى كۈلگەن «جىنشيۇ» ① قىزى.
مېھنىتىدىن دېھقانلارغا گۈللەر سۇنار،
يۈرىكىدە يانغان ئوتلۇق مۇھەببىتى.
ئىتتىپاقلىق ئۇنىڭ دىلدىن چىن سۆيگىنى،
گۈلگە پۈركەش كەڭ يېزىنى تىلەكلىرى.
ئىجىل –ئىناق ھايات قۇرغان ھۆر قىزلارنىڭ،
تالمايدۇ ھېچ چىڭ تۈرۈلگەن بېلەكلىرى.
ئالغا ئۆرلەش ھەر بىر قىزنىڭ ئويلىغىنى،
تەرى بىلەن ياشناپ بارار دالا ـ ئېتىز.
قەدىم لەڭتەي ـ گۈزەل «جېنشيۇ» ئېتىگىدە،
كۆمۈلمەيدۇ ئۇلار سالغان ئەجىرلىك ئىز .
ئەجرى بىلەن گۈلۈستاندۇر توقايلىقلار،
كەپە ئۆيلەر ئېگىز بىنا شەھەرلەشتى.
ئىلىم ـ پەنگە يۈرۈش قىلغاچ ئەشۇ قىزلار،
تىلسىماتلىق تۈگۈنلەرنى تۈگەل يەشتى.
چېچەكلىدى ئارمانلىرىم سەن بىلەن‹‹ئاتا››دەپ چىققاندا ئوماق شۇ تىلىڭ،
يايرىدى ئاتا ۋە ئاناڭ جان قىزىم.
تەمتىرەپ تۇنجى رەت ماڭغانلىرىڭدا،
قەلبىمدە چايقالدى بىر ئوتلۇق سېزىم.
قىزلاردىن كۈلەر ئالەم ، كۈلەر دۇنيا،
ئۇلار چاچار چۈنكى تۈنگە نۇر ـ زىيا.
چىمەنلەرمۇ ئاچتى ساڭا كەڭ قۇچاق،
ئاياللارسىز كۈلەلەمدۇ بۇ دۇنيا ؟
چېچەكلىدى ئارمانلىرىم سەن بىلەن،
پەن كۆكىدە ئۈچسۇن دەيمەن مەن سېنى.
ئۈمىد بىلەن باقار ساڭا كۆزلىرىم،
قەدەم ئالغىن جاسارەتتە سەن قېنى.
① ئاھالىلار ئولتۇراق رايونى