كەتمەكچىمەن
ئابدۇللا ئارىپوۋ
ياخشى قال ئەي دىلبىرىم دىلدا قەدەر كەتمەكچىمەن،
ئىشقى ئارا ئەندى ھالىم زىرۇ-زەۋەر كەتمەكچىمەن.
نە ئىشەنچە،نە چۈشەنچە،نە كۆڭۈلدىن گەپنى ئاچ،
بارچىسىدىن ئۈشبۇ كۈن يوقتۇر سەمەر كەتمەكچىمەن.
مەن قۇياش يۈزلۈگۈم دەپ تۈن-كېچەلەر بەردىم يۈرەك،
ئاقىۋەت ئاتقاندا تاڭ، قاندۇر جىگەر كەتمەكچىمەن.
نەچچە كۈنلەر ئۆتتى لېكىن سورىمىدىڭ ھالىمنى بىر ،
ئاخىرىدا ھال سوراپ كەلسەڭ مەگەر كەتمەكچىمەن.
كەلگىنىمدە ئېيتقان ئىدىڭ بۇ يىگىت كانى زەزەر،
كەتمىگىمدە ئاخىرى ئېيت بارمۇ زەرەر كەتمەكچىمەن.
بىلمىدىم، ھېچ بارمىكىن ئەسلى دەردىمگە شىپا،
خەستە بۇ ئابدۇللادىن ئالغىن خەۋەر كەتمەكچىمەن.
‹‹نەزەربېك››يوللانمىسى ،‹‹پېقىر››تەرجىمىسى...
ئۇيقۇدىكى قىز
مۇھەممەت يۈسۈپ(ئۆزبېك)
قارا يەرگە قويۇپ باش،
بىر قىزبالا ئۇخلايدۇ.
كۆزلىرىگە تولۇپ ياش ،
ھۆر قىزبالا ئۇخلايدۇ.
ياتار قۇرۇپ دەرمانى،
مەڭگۈ ئۇخلار گۈلسۇرۇخ.
كۆڭلىدە كۆپ ئارمىنى ،
قوينىدا كۆپ ئەزگۈلۈك.
بۇ دۈنيادا سېنىڭدەك،
قىز يوق تېخى تۇر سىڭلىم.
ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك،
توي قىلىمىز يۈر سىڭلىم.
ئاي يۈزۈڭگە بىر نەپەس ،
ھەرىر رومال ئورايسەن.
گۈلدەك يېنىپ مۇقەددەس،
چىمىلدىققا كىرەرسەن.
مەنبە ‹‹نەزەربېك يوللانمىسى››
تەرجىمىدە ‹‹پېقىر››....
[ بۇ يازمىنىqarxan 2013-03-19 17:04قايتا تەھرىرلىدى ]