ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 157 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر مەتبەئە ھەرىپلىرى توغرىسىدا...
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-19 17:46

ئۇيغۇر مەتبەئە ھەرىپلىرى توغرىسىدا...

                                          ئۇيغۇر مەتبەئە ھەرىپلىرى توغرىسىدا

       جۇڭگۇسۇناس فىرانسوز پىللئوت 1908-يىلى 25 فېبرال فىرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنى دۇنخۇاڭغا باشلاپ كەلگەن.ئۇنىڭ ھەم سەپەرلىرى ئىچىدە فوتوگىراف نوئىت،توفۇگىراف(يەر خەرىتىسىنى سىزغۇچى) ۋايانمۇ بار ئىكەن.ئۇلار دۇنخاڭدىكى مىڭئۆي تاش كېمىرلىرىنىڭ ئورىنى ۋە مۇھىتىنى تەپسىلى ئۆلچەپ-سىزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا غارلارنىڭ ھەممىسىگە نومۇر قويغان.تامدىكى رەسىملەرنى،ھەيكەللەرنى سۈرئەتكە تارىتقان.غاردىكى خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە،تاڭغۇتچە خەتلەرنى ۋە باشقا تىلدىكى لەۋھەلەرنى كۆچۈرۋالغان.دۇنخاڭدىكى تەۋەرۈك كىتابلارنى ساقلايدىغان غارلارغا كىرىپ،كىتابلارنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.پىللوت دۇنخاڭ مىڭئۆي تاشكېمىرلىرىنىڭ شىمالىدىكى 181-غاردىكى تىنىپ كەتكەن قۇملار ئارىسىدىن ئۇيغۇرچە ۋە تاڭغۇتچە نۇرغۇن كىتاب-ھۆججەتلەرنى تاپقان ۋە ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئىلىم تەتقىقاتى ساھەسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى مىخ مەتبەئە ھەرىپلىرىنى تاپقان.
        پىللئوت غەرىبىي دىياردىن يىغىۋالغان نۇرغۇن تەۋەرۈكلەرنى ئېلىپ فىرانسىيگە بارغاندىن كېيىن،قىدىرغۇچىلار توپلىغان كىراب-يازمىلارنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى گېمىي ئاسىيا سەنئەتلىرى موزىيىغا ساقلاشقا بەرگەن.قالغان مۇتلەق كۆپ قىسمىنى فىرانسىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ شەرق بۆلۈمىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.گېمېي ئاسىيا سەنئەتلىرى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ياغاچ مەتبەئە ھەرىپى جەمئىي 960 دانە بولۇپ،ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە ساقلىنىپ تۇرغان ھەممىدىن بۇرۇنقى مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىدۇر.
      كېيىنكى چاغلاردا،دۇنخاڭ تەتقىقاتخانىسىدىكى تەتقىقاتچى پىڭ جىنجاڭ يېتەكچىلىكىدىكى مەخسىس تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر دۇنخۇاڭنىڭ شىمالىي تاش غارلىرىنى ئېرىغداۋېتىپ،يەنە 48 دانە ئۇيغۇر مەتبەئە ھەرپىنى تاپقان.ئۇلار دۇنخۇاڭ تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئاسارە-ئەتىقە ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئالتە دانە ياغاچ ھەرىپ بىلەن قوشۇلۇپ،54 بولغان.شۇنداق بولغاندا ھازىر دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قەدىمىي ياغاچ ئويما ھەرىپلىرى 1014كە يەتكەن.
               مانا بۇ ئۇيغۇر مەتبەئە ھەرىپلىرىدىن ھازىرغىچە دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان ئەڭ دەسلەپكى تەۋەرۈك مەتبەئە ھەرىپلىرى.شۇنداقلا دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان ئەڭ دەسلەپكى ئېلىپبەلىك مەتبەئە ھەرىپلىرىنڭ تەۋەرۈكىدۇر.
              پەلىسەپە دوكتورى ئالىم ياسىن ھوشۇر ب د ت مائارىپ،پەن،مەدەنىيەت تەشكلاتىنىڭ يىپەك يولى تەتقىقاتى بويىچە خرايىما ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن،1995-يىلى فىرانسىيەگە بېرىپ،دۇنخۇاڭدىن فىرانسىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن،ھېلىقى ئۇيغۇر مىخ مەتبەئە ھەرىپلىرىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن.بۇ ھەرىپلەر قاپارىتما شەكلىدە بولۇپ،تەتۈر ئويۇلغان.مۇتلەق كۆپلىرىنىڭ كەڭلىگى 1.3سىمى،ئېگىزلىكى 2.2 سىمى بولۇپ،ئۇزۇنلۇقى ھەرىپ بەلەىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن.ئالىم بۇ ھەرىپلەر بىلەن بېسىلغان خەتنى ئوقۇپ تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن،ئاشۇ ھەرىپلەر ئىپادىلىنىدىغان يېزىق بەلگىلىرىنىڭ ئالتە خىلغا بۆلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان.1.ھەرىپنى بىرلىك قىلغان مەتبەئە ھەرىپلىرى.2.ئىككىدىن ئارتۇق بوغۇمدىن بىرىكتۈرۈلگەن بىرىكمە مەتبەئە ھەرىپلىرى.3.سۆز بىرلىك قىلىنغان مەتبەئە ھەرىپلىرى.4.پېئىل تومۇرىنى بىرلىك قىلغان مەتبەئە ھەرىپلىرى.5.بەتتىكى ئىستون،رامكا،سىزقنى ئىپادىلەيدىغان مەتبەئە ھەرىپلىرى.6.تىنىش بەلگىلەرنى ئىپادىلەيدىغان مەتبەئە بەلگىلىرى.بۇلار ئىچىدە تۆت چېكىتلىكلىرى،ئۈچ چېكىتلىكلىرىمۇ بار ئىكەن.18-ئەسىردە ئۆتكەن غەرىبى ياۋروپالىق شەرىقسۇناس دې گوگونىس <<ھونلار تارىخ>>دېگەن كىتابىنىڭ بىرىنچى باپ،بىرىنچى فاراگىراپىدا مەتبەئەچىلىكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان دېگەن قاراشنى قۇۋەتلىگەن.فىرانسىيەلىك ئالىم زوزوفمۇ <<ئۇيغۇرلار كىتاب بېسىش ئۈچۈن ئويۇلغان ياغاچ تاختىلارنى بىرىنچى بولۇپ قوللاندى>>دېگەن.
فۇ يۇن خۇئەن يازغان <<تارىخ ئوقۇتۇشى>> نىڭ 1-جىلىد 1-سانىغا بېسىلغان <<ئەڭ بالدۇرقى بىرپارچە مەتبەئە بۇيۇمى>> دېگەن ئەسىرىدە ئىدقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا رەسمىي مەتبەئە  ۋە نەشىرياتچىلىق باشلىنىپ 100 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياغاچقا ھەرىپ ئويۇپ بېسىش تېىنىكىسى كەشىپ قىلىنغانلىقى،شۇنىڭدەك سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن بى شىڭ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مىلادىيە 1048-يىلىللىرى تىزما خەت نىڭ باشلىنىش تېىنىكىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
            مەتبەئە تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ئامرېكىلىق ئالىم كارتېر مەتبەئە  بۇيۇملىرى ئارخولوگىيىسىنى خۇلاسىلاپ؛<<...ئەڭ دەسلەپكى مەتبەئەچىلىك مەركىزى جۇڭگۇنىڭ غەرىبىي قىسمىغا جايلاشقان.مەتبەئەچىلىكنىڭ يېڭى تېخنىكىسى ھەم ئاشۇ يەردىن شەرىق ۋە غەرىپكە تارقالغان.ئەڭ بۇرۇنقى ئويما مەتبەئە بۇيۇملىرى مىقدارى ۋە تۈرى ئەڭ كۆپ تېپىلغان يەر جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇرپان بوستانلىقىدۇر>> دەپ يازغان.
          ئىلىمىزنىڭ تارىخچىسى لىي زىشاۋ ئەپەندى؛<< ئېلىپەلىك مىخ ھەرپ قوللۇنۇلغانلىقىنىڭ تارىخىدىن قارىغاندا،دۇنيا بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇنقىلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ>> دەيدۇ.ياڭ فۇشۆمۇ؛<< مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە فىرانسىيە ئېكىسپىدىسىيىچىسى پىللئىوت دۇنخۇاڭدىن تاپقان ئۇيغۇر يېزىقى چۈشۈرۈلگەن نابورلۇق مەتبەئە بۇيۇمىنىڭ دەۋرى ھەققىدە توختالغاندا،1300-يىللىرى دەپ تەھلقل قىلغان.ئەمەلىيەتتە بۇ ئاشۇ مىخ مەتبەئە ھەرپنىڭ ئىشلىتىشتىن قالغانلىقى ۋە پېچەتلىنىپ ساقلانغان يىل چېكىدىن ئىبارەت بولۇپ،بۇنىڭ ئويۇلغان ۋە ئىشلىتىلگەن يىل دەۋرى جەزمەن ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن،ئاددىيسى ۋاڭ جېن 1298 -يىلى ياغاچ نابورلۇق مەتبەئە دە
كىتاب باسقان ۋاقىتتىنمۇ بۇرۇن بولىشى لازىم.ئۇيغۇرلار دۇنيادا نابورلۇق مەتبەئە ھەرپلىرىنى ئەڭ دەسلەپ ئىختىرا قىلغۇچى ۋە ئىشلەنكۈچىلەردۇر>> دەپ يازغان.
             دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇر مەتبەئە ھەرپلىرى توغرىسىدا كار تېر؛<<بۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى نابور يېزىقلىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق>> دېسە،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخ پەنلىرى كاندىداتى مۇنرې ئىرزېن؛<< بۇ خىل ھەرپلەر پۈتكۈل ئالەمدە تېپىلغان مەتبەئە ھەرىپلىرىنىڭ ئەڭ تۇنجىسىدۇر>> دەپ يازغان.
            دېمەك،<< نەق ئارخولوگىيلىك ماتېرياللار ۋە ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،كۆچمە ھەرپلىك نابورنى ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن قوللانغان.ئۇنىڭ ۋاقتى مىلادى 10-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىگە مەنسۈپ دەپ پەرەز قىلىشا بولىدۇ.>> << تۇرپان ۋە دۇنخاڭدىكى بۇددا مىڭئۆيلىرىدىن تېپىلغان ئۇيغۇر يېزىقى شەكلى چۈشۈرۈلگەن نابور شەكىللىك  مەتبەئە ئەۋرىشكىسى ياغاچ ئويما بولۇپ،ئۇنڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەرپەت تارىخىدا يىگانە يادنامە ئىكەنلىكى بىلەن قىممەتلىكتۇر>>

مەنبە؛باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات پايدىلىنىش  قوللانمىسى.
[ بۇ يازمىنىشامال 2013-03-20 13:40قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-19 18:09

ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاقىدار يەنە قانداق يىڭىلىقلار چىقاركىن ؟ ئەمدى خەنزۇچە تارىخلاردا ئىيتىلغان مەتبەئە تىخنىكىسى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتە تۇنجى بولۇپ بارلىققا كەلگەن دىگەن گەپ خاتا بوپتۇدە.
ئاخىرىنى قاچان يوللايسىز شامالكا ؟؟؟؟؟
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3916
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 8 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 8
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2013-05-15
ئاخىرقى: 2013-05-17
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-05-17 13:21

cheap toms 30025

بۇ مەزمۇن يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز