ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 109 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر كىتاپ بىر ئالەم (باھادىرنامە، جەللات خىنىم)
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-20 11:07

بىر كىتاپ بىر ئالەم (باھادىرنامە، جەللات خىنىم)






ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-يىلى شىنجاڭ سۇ-ئېلېكتىر تېخنىك مەكتىپىنىڭ سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1986-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەكەن دەريا باشقارمىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.

ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە «يۈرىكىم يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمى، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايە توپلىمى، «جانانغا يېزىلغان خەت»، «كاككۇك بالىسى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «سۈكۈتتىكى زېمىن» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، «كۈيلەر خانىشى-ئاماننىساخان»، «ئادالەت ھامىيسى-سەئىدخان» قاتارلىق بالىلار پوۋېستلىرى، «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، «داۋان»، «جاللات خېنىم» (ئىككى توم)، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» (ئالتە توم) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان.

<<جەللات خىنىم>> ھەققىدە سۆھبەت


كۆرۇش:
http://v.youku.com/v_show/id_XNTE1OTE2ODA0.html

«باھادىرنامە» ھەققىدە سۆھبەت


كۆرۇش:
http://v.youku.com/v_show/id_XMzU5NTg1MzMy.html

«باھادىرنامە» رومانى ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدىكى ياش ئىستىداتلىق قەلەم ساھىبى ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ ئىجتىھاتىنىڭ سەمەرىسى بولۇپ، جەمئىي ئالتە توملۇق تارىخىي روماندۇر.
كىتاب باھاسى : ئالتە قىسىم كىتاب 270 يۈەن
•    ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ بۇ ئالتە قىسىملىق تارىخىي رومانى ئۇنىڭ «جاللات خېنىم» رومانىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يەنە بىر قېتىملىق ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرگەن بىر رومانى بولدى.  رومان مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن. روماندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئىككى - ئۈچ يۈز يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى ئاجايىپ ئىستىدات بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك يورۇتۇپ بىرىلگەن. رومان نەشىردىن چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتتە خېلى كۈچلۈك داغىدۇغا قوزغىدى. قەشقەردە 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12 -كۈنى ئىمزالىق سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. جاي – جايلاردا ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىگە «چاي سۇنۇش»، «تون كىيدۈرۈش»لەر ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مەدەنىيەت بوستانى»مۇ ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ روياپقا چىققىنى يۈزىسىدىن يازغۇچىنى زىيارەت قىلىپ ئالاھىدە بىر سان پروگرامما ئىشلىدى. ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسى ئالىم ئەھەت يازغۇچى ياسىنجان سادىق «باھادىرنامە»دە ئىشلەتكەن سۆزنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، تۆۋەندىكىسى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر:
«باھادىرنامە»دە ئىشلىتىلگەن بارلىق سۆز 587,822 بولۇپ، بۇلار ئىچىدە تەكرارلانمىغان سۆز (ھەر خىل تۈرلىنىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا) 32646 ، چاستوتىلىق سۆز: 5120.
مەنبە:تور دۇنياسىدىن
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2013-03-20 11:16قايتا تەھرىرلى ]
خەلقېم مەن بىلەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-20 11:21

بىر كىتاب -بىر ئالەم پروگراممىسىدا ياسىنجان چوغلاننى ھەم ئۇنىڭ كىتابى توغرىسىدا ئوبن سۆھبەتلەشكەن ئەستايىدىل كۆرگەن ئىدىم ، بۇگۇن يەنە بېر قېتىم كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-20 12:57

بۇ پوراگىرامما خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيەت چاڭقاقلىقىنى ھەقىقى قاندۇرالايدۇ.................