نورۇز كەلدى، بەرىكەت كەلدى
نورۇز كەلدى بەرىكەت ئېلىپ تەبىئەتكە،
تولدى ھەممە باھار بىلەن جاسارەتكە.
دېھقان ئاكا ئېتىزلاردا ئىش باشلىدى.
ئىشلىمەكتە يىللىق ھوسۇل تاپاۋەتكە.
ھەممە ياق نەغمە بىلەن قايناق بۇ جاي،
قولدىن قولغا نورۇز ئېشى، سۇنۇلدى چاي.
يېشىل مەخمەل كۆز يەتكۈسىز يايلاقلاردا،
قىيغېتىپ سەكرىشىدۇ قوزىچاق، تاي.
ياش، قىران چەۋەندازلار دۇلدۇل بىلەن،
ئوغلاق تارتىپ بەيگىلەردە ئېلىشماقتا،
پالۋانلارمۇ پۇتا باغلاپ نەرە تارتىپ،
خۇش كۈلۈپ مەيدانلاردا چېلىشماقتا.
قىز-چوكان تەپكۈچ تىپىپ، بىچە ئويناپ،
چاچلىرىنى قىرىق ئۈرۈپ يۈرىشىدۇ.
ھەر يىلقىدەك نۇرۇز ئېشى ئىچىپ ھەممە،
شاد، ئىناق ھۇزۇرلۇنۇپ كۈلۈشىدۇ.
2013-يىل 20-مارت