قېچىپتۇ ھەم ئېلىپ قېچىپتۇ...
قاراخان
كىرمەي تېخى ئون ئالتە ياشقا ،
يۈزۈڭنى يەر قىلدىغۇ قىزىڭ.
يانفۇن سايراپ چىقىپ كەتسە قىز،
ئىزدەپ قويماي ئولتۇرغان ئۆزۈڭ.
قېچىپتۇ! دەپ كىردى شۇم خەۋەر،
كەتتى ئانا ئاتتەك چىقىراپ .
ئوق تەككەندەك يۈرەككە پەدەر،
ئېسى كەتتى،بېشى پىقىراپ.
قاچتىمۇ يا ئېلىپ قاچتىمۇ،
جاۋاپ تاپماق قىيىن سۇئالغا.
بۇ دىلوغا مەسئۇل ساقچىمۇ،
جاۋاپ تاپتى ھارغىن زاۋالدا.
قېچىپتۇ ھەم ئېلىپ قېچىپتۇ،
دىدى ساقچى بۇ دىلو تامام.
قىز-ئۇغۇلنى تەستە تېپىپتۇ،
ئىككى قات قىز ئالدىغۇ بەتنام.
يۇلدى ئانا قۇندۇز چېچىنى،
ئاق سۈتۈمنى قىلدىڭغۇ ھارام.
كاچاتلىدى ئاتا ئۆزىنى،
ئىككىمىزمۇ ‹‹قاچقۇن›› دىلئارام؟!...
2013يىلى 1-مارت