ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 129 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاياللىق ساڭا خاس ،ماڭا ئەركەكلىك
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-20 11:21

ئاياللىق ساڭا خاس ،ماڭا ئەركەكلىك

ئاياللىق ساڭا خاس ،ماڭا ئەركەكلىك

مامۇت  زايىت

بولدى قىل مەھبۇبە ،سۆزلىمە تەكرار،
ھاي بەرگىن ئاچچىققا ،بول تەمكىن-ئېغىر.
‹‹ئاجرىشىش››دىگەننى ئويلىما زىنھار،
بۇ سۆزدىن بولمىسۇن جۈپ يۈرەك يېغىر.

ھاياتتا شۇ گەپتىن يوق ئارتۇق ئاپەت،
ئۇ-ئىناق تۇرمۇشقا  قەبىھ كۈشەندە.
بۇ سۆزدىن يۈز ئۆرۈپ ئۆيدىن قۇت ئامەت،
بولىدۇ ئىنسانى سۆيگۈ دەپسەندە.

قىلىدۇ مۇشۇ سۆز قىز ۋە ئوغلۇڭنى،
ئاتىسىز-ئانىسىز خار ‹‹يىتىم ئوغلاق››
قىلىدۇ مۇشۇ سۆز پۈتۈن ئۆمرۈڭنى،
پۇشايمان شامىلى ئۇچۇرغان قامغاق.

قىلغانمۇ ئاجرىشىش ئۈچۈن بىز توينى،
ئەمەسمۇ بۇ كۆڭۈل ئىنسان ئىلكىدە.
ئۇزاق يىل بىرلىكتە تۇتۇپ شۇ ئۆينى،
كۆتۈردۇق نى ئېغىر يۈكنى يەلكىدە

بەختلىك تېنچ-ئىناق ئۆتكەن چاغلار كۆپ،
ئىدىغۇ كۆڭۈل شاد،ئۆمرىمىز گۈزەل
‹‹ھەممە ئىش تۈگىدى››دىمە ياش تۆكۈپ،
بولمايدۇ قايسىبىر ئۆي ئىچرە جىدەل؟

ئامراقلار رەنجىشىپ كېتىدۇ ئاسان،
بەك ئاسان ئوت ئالار ئېسىل چاقماقمۇ.
ئۆسەك سۆز تۇغدۇرسا كۆڭۈلدە گۈمان،
گاھ ئېغىر كېلىدۇ بىرەر چاخچاقمۇ.

پەرھات ۋە شېرىندەك بىزنىڭ ئىشقىمىز،
ۋىسالغا ئېرىشكەن ئوقۇلۇپ نىكاھ.
يىلسېرى چىڭىدى سۆيگۈ رىشتىمىز ،
بۇنىڭغا ئەل ۋە يۇرت قوشنىلار گۈۋاھ.

بىلىمەن ئاغرىندىڭ بۈگۈن مېنىڭدىن،
قىلماقتا پۇشايمان قەلبىمنى غەمناك،
كۆرمەيمەن بۇ ئىشنى پەقەت سېنىڭدىن
چىقىدۇ ئىككى قول ئۇرۇلسا چاۋاك.

كەچۈرگىن يېنىكلىك قىپتىمەن ساڭا،
باسمىسۇن مەن سۆيگەن چېھرىڭنى بۇلۇت.
ئەجرىڭ بار،جىق خىزمەت قىلدىڭ سەن ماڭا،
ئالتۇندەك پەرزەنتنى قىلىپ تەۋەللۇت.

تۇرمۇشتا بار ئاپەت ئىچىدە بەخت،
قايغۇنىڭ كەينىدىن كېلىدۇ شادلىق.
ھەممىنى ھەل قىلار ئەپۇچان ۋاقىت،
بولىدۇ كېيىنكى ئۆمرىمىز تاتلىق.

ئورۇنسىز دەتالاش،رەشك ،تەنتەكلىك،
قىلىدۇ ئادەمنى زەبۇن،خارۇ-زار.
ئاياللىق ساڭا خاس ،ماڭا ئەركەكلىك،
يول قويۇش ،ھەمدەملىك بىزگە بولسۇن يار.

‹‹ئاچچىقنى يەڭگەننى باتۇر››دەيدىكەن،
رەنجىمە ئامرىقىم،بۇ بولسۇن ساۋاق.
دىيىشسۇن ئەل بىزنى ‹‹ئامراق -ئەپ››ئىكەن،
ياشايلى بىر ئۆمۈر بەىتلىك ئىناق!...

1988-يىلى 3-ئاي،خوتەن.

‹‹ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەر››ناملىق ئەشئارىدىن


ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-20 11:36

ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن.
ئەرنىڭ پېشىنى تۇتقان ئايال بىلەن ئائىلە گۈللىنىدۇ، ئەرنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتقان ئايال بىلەن ئائىلە گۇمران بولىدۇ.دىگەندەك ئەر-ئەرلىك سالاپىتى، ئايال- ئاياللىق ئىپپىتى بىلەن ياشىغان ئاقىلانە ئىش.
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-20 11:55

ئەر ئەردەك بولسا زەبەردەست،
ئاياللار بولىدۇ ئىپپەتلىك دەششەت............................
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-20 16:30

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
ئەر ئۇچۇن ۋاپادار ئايال چىرايلىق.
ئەجرىدىن ئائىلە پەرزەنىت ئوچۇن،
گۈلىستان باغ قىلغان ئەرلەر شەرەپلىك.
خەلقېم مەن بىلەن