تونىۋالاي ئۆزۈمنى
خەق بوپقالسام مۆجۈزىدەك بىر نەپەس،
ئۆز-ئۆزۈمنى كۆرۈۋالسام قانغۇدەك.
ئۆزۈم زادى قانچىلىك بىر ئادەممەن،
سوراپ يۈرۈپ بىلىۋالسام بولغۇدەك.
بارمۇ مەندە دوستقا سادىق بىر يۈرەك،
بولالامدىم قېرىنداشقا يار-يۆلەك.
تىلەلەمدىم ئەلگە تالىق بىر تىلەك،
يۈرۈگىمدىن سوراپ باقسام بولغۇدەك.
ئانام ئۈچۈن بىرەر پاقلان باقتىممۇ،
ئاتامنى دەپ سايدا ھارۋا تارتتممۇ.
تۈنلىرىدە مەشئەل چىراق ياقتىممۇ،
يۈرۈگىمدىن سوراپ باقسام بولغۇدەك.
بىر تۈپ كۆچەت قويدۇممۇ يوق بويلارغا،
سايە بولسۇن،دەپ توپىلۇق يوللارغا.
ھىچ بولمىسا ئىشلەپ ھارغان قوللارغا،
سۇ قۇيدۇممۇ،ئويلاپ باقسام بولغۇدەك.
قايسى قەۋىم،مىللەتلەرنىڭ قايسىدىن،
ئۆز ئەسلىمنى تاپالامدىم قايتىدىن.
ماڭا تۈۋرۇك قانداق ئىمان،قايسى دىن،
يەنە ئوبدان ئويلاپ باقسام بولغۇدەك.
مەنبە:ئىجادىيىتىم