ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2060 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇپراق قەسىدىلىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 624
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
تۆھپىسى: 11
پۇلى: 23 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 18
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-29
ئاخىرقى: 2011-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-29 17:46

تۇپراق قەسىدىلىرى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-06-06)

             تۇغلۇق
              1
 
تۇغۇلغان بۇ ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر،
ياتارمەن توختىسا ئاتەش نەپەسلەر قەبرىگاھىمدۇر.
 
تومۇردا مەۋج ئۇرۇپ ئاققان قېنىم ئەسلى ئوغۇزخاننىڭ،
بۇنىڭدىن قىلچە شەكلەنمەڭ ئۇلۇغ تەڭرىم گۇۋاھىمدۇر.
 
مەگەركىم كۈلمىسە ئەۋلاد مېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇم يالغان،
دىلىمدا چاڭقىغان ئىستەك قۇياشلىق سۈبھىگاھىمدۇر.
 
بولۇپ شاھىدى تارىخنىڭ بۈگۈن قولغا قەلەم ئالدىم،
يازارمەن بىر ئۇلۇغ داستان قېنىم ئۆچمەس سىياھىمدۇر.
 
ياشاپ ئۈمىدتە ئەي تۇغلۇق ۋاپا لەۋزىڭنى ۋىجدان بىل،
دېگىل: ئىزسىز كېتەر بولسام مېنىڭ پۈتمەس گۇناھىمدۇر.
 
2

 
ئانا تۇپراق، مېنى ھېچ يەر قىلالماس مەھلىيا سەنسىز،
مەگەركىم چاچسىمۇ كۈلگەن قۇياشتەك نۇر-زىيا سەنسىز.
 
يانار ئىشقىڭ ئەبەد ئۆچمەي يۈرەكنىڭ تەكتىدە پىنھان،
يارالماس چۈنكى پەيغەمبەر ۋە يا بىر ئەۋلىيا سەنسىز.
 
ئۆزۈڭسەن جەننىتىم،بەختىم كۈلۈپ ئاچقاي قۇچاق سەندە،
يولۇققان تاجۇ دۆلەتلەر كى بولغاي بورىيا  سەنسىز.
 
سېنىڭدىن ئايرىلار بولسام (ئىلاھا بولمىسۇن ئۇنداق)
بولالماس بارچە مەجۇدلۇق كۆزۈمگە تۇتىيا سەنسىز.
 
بېھىشتەك گۈلئۇزار قوينۇڭ ۋۇجۇدۇمغا بېغىشلار جان،
چاچالماس خۇشپۇراق تۇغلۇق كەبى يۇمران گىيا سەنسىز.
 
3

 
بولمىسا تۇپراق ئەگەر ئىلكىڭدىكى تەن-جان نېمە؟
تەن بىلەن جاننى چېتىپ تۇرغان غۇرۇر- ۋىجدان نېمە؟
 
توختىماستىن سەن ئەبەد ئىشقىڭنى تۆك يامغۇر قىلىپ،
كۈلسە بەختىڭ مەيلىغۇ،ئاھ،بولسا جان قۇربان نېمە؟
 
ئەلمىساقتىن ئۆتتى ئەجدادىڭ ئۇنىڭغا باش قويۇپ،
ئىزلىرىڭ قالسا ئۇنىڭ كەڭ قوينىدا ئارمان نېمە؟
 
يىغلىدىڭ كۆپتىن بېرى جەننەت تىلەپ سەن تەڭرىدن،
تۇرغىنىدا ئۇشبۇ تۇپراق جەننەتۇل رىزۋان نېمە؟
 
تەپتىدىن كۆكسۈڭگە ھەر ۋاق بەرمىسە ئوتلۇق نەپەس،
ئېيت قېنى،تۇغلۇق،ھاياتنىڭ ۋەسلىگە ئىمكان نېمە؟
 
4

 
تۇغۇلغان تۇپرىقىم سەنسىز مېنىڭ بۇ ھۆر ھاياتىم يوق،
ھەمىشە بەرق ئۇرۇپ كۈلگەن ئەقىدە-ئىجتىھاتىم يوق.
 
سۈزۈك زەمزەملىرىڭ ئاقماي تۇرۇپ باغرىمغا دەريادەك،
ساتارىم ئۆكسۈگەي ئۈنسىز چېلىشقا چەببىياتىم يوق.
 
مەگەركىم ئۆزگە بىر يۇرتتا قازانسام شانۇ شۆھرەتلەر،
بىلەرمەن،ئەل ئارا شەكسىز مېنىڭ ھېچ ياخشى ئاتىم يوق.
 
ھىدىڭسىز ئۆتسە گەر ئۆمرۈم ئۇۋاسىز بىناۋا قۇشمەن،
سامادا ئايلىنىپ پەرۋاز قىلىشقا پەر-قاناتىم يوق.
 
دېدى تۇغلۇق:ئانا تۇپراق،ۋۇجۇدۇم لەۋھى بار سەندە،
قەلەمنى دات باسار سەنسىز ئىجادۇ –كەشپىياتىم يوق.
 
5
 
نېمە خىسلەت؟ بېھىشتەك خۇش پۇرايسەن ئەي گۈزەل تۇپراق،
ۋە يا تۆككەنمىدى تەڭرىم ساڭا مېھرىن تۈگەل، تۇپراق؟
 
سېنى ھۆر- پەرىلەر بىرچاغ بۆلۈپ ئالغانمۇ جەننەتتىن؟
چاقار كۆزلەرنى ھەر زەررەڭ بولۇپ ياقۇت-لەھەل، تۇپراق.
 
ئۇچۇملاپ ئىچسە زەمزەم سۇلىرىڭدىن،ئاھ،ياشارغاي جان،
يۈرەككە ئاققىنى سەندىن ناۋاتمۇ يا ھەسەل، تۇپراق؟
 
كۈلۈپ ئارزۇ چىچەك ئاچقاچ سېخى قوينۇڭدا مېھنەتتىن،
ھېدىڭدىن كۈچ ئېلىپ مەڭگۈ ياشايدۇ بارچە ئەل، تۇپراق.
 
ئۈمىدۋار شائىرىڭ تۇغلۇق پۈتەر شەنىڭگە مىڭ داستان،
مانا، ئۇ باشلىدى ئىشقىڭ بىلەن ئوتلۇق غەزەل، تۇپراق.
 
6
 
تېنىم تەكلىماكاندا ئاينىغان توغراققا ئوخشايدۇ،
يۈرەك –باغرىم ئۇنىڭدا ياشنىغان ياپراققا ئوخشايدۇ.
 
مېھىرلىك قوش يۈرەكنىڭ تەپتىدىن ئالەمگە كۆز ئاچتىم،
ھايات چەكسىز، بىراق ئۆمرۈم چېقىن-چاقماققا ئوخشايدۇ.
 
ئۆزۈمدىن بىر قەدەم ھالقىش ئۈچۈن مىڭ يۇلقۇنۇپ چىقسام،
دادام مەزمۇت يۆلەك ــ خانتەڭرىدەك بىر تاغقا ئوخشايدۇ.
 
ئۆگەتتى ئۇ جاھان مەشغۇللىقىدا ئىتىقادتىن دەرس،
ئەقىدە ــ تەكتى ئنسانلىق تۇغى ــ بايراققا ئوخشايدۇ.
 
دېگەن ئۇ بىر كۈنى: «ئوغلۇم، غۇرۇرنى پەر-قانات قىلغىن،
ئۆزىدىن ھالقىماق كۆكتە قانات قاقماققا ئوخشايدۇ.
 
يولۇڭدا ھېچقاچان ئالدانمىغىن ھەشقىپىچەكلەرگە،
ھەقىقەت ئىزلىگەن ئاشىق گۈلى يانتاققا ئوخشايدۇ»...
 
ئجاد-مېھنەت يولىدا گۈل تىزىپ مەن چارچىغان دەمدە،
ئانامنىڭ باغرى گوياكى بېھىشتەك باغقا ئوخشايدۇ.
 
دېدى ئۇ بىر كۈنى مەڭزىمگە مەڭزىنى يېقىپ: «ئوغلۇم،
قوزامدۇرسەن، ئانا تۇپراق گۈزەل يايلاققا ئوخشايدۇ.
 
ئانا تۇپراق ئەقىدە-ئىتىقاد، پاك سۆيگۈنىڭ كانى،
ئۇنى ھىس قىلمىغانلار  چۆلدىكى قامغاققا ئوخشايدۇ».
......
دادام بىرلە ئانامنىڭ سۆزلىرى تۇرمۇش مىزانىمدۇر،
ئۇنىڭسىز قىسمىتىم لەيلەپ يۈرەر توزغاققا ئوخشايدۇ.
 
شۇڭا تۇغلۇق، جاكا قىلغىن: غۇرۇر-ۋىجدان ماڭا بايراق،
ۋۇجۇد، چېھرىم قۇياش سۆيگەن ئانا تۇپراققا ئوخشايدۇ.
 
7
 
سۆيۈملۈك بۇ ئانا تۇپراق مۇقەددەس ئەسلى زاتىمدۇر،
تەبەسسۇم جىلۋىسى نۇرلۇق ئەقىدە-ئىتىقادىمدۇر.
 
قەدىم تارىخقا جان بەرگەن بوۋامنىڭ روھى خانتەڭرى
ئىسىل ئۆرنەك ماڭا ھەردەم غۇرۇر-ۋىجدان ھىماتىمدۇر.
 
قۇياش سۆيگەن قىيالاردىن ئېقىپ چۈشكەن سۈزۈك سۇلار
ئۇلۇغ ئەلنىڭ مۇقامى-راك، ناۋا ھەم چەببىياتىمدۇر.
 
قەدىم تەكلىماكانغا كۈي تۆكۈپ ئۆركەشلىگەن دەريا
ئاقار گويا  خىزىرنىڭ سوۋغىسى-ئابىھاياتىمدۇر.
 
پايانسىز مېھرى ئايلاندى ئەجەپ ئوتلۇق نەپەسلەرگە،
ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغان چېغىم، شەكسىز، ماماتىمدۇر.
 
ئەقىدە- ئىتىقادنى تۇغ قىلىپ ئەۋلادقا يول باشلاپ،
نادانلىقلارغا ئوت ئاچماق ئۆمۈرلۈك ئىجتىھاتىمدۇر.
 
ھەقىقەت ئىشقىدا سۇمرۇغقا ئايلانغان چېغىڭ، تۇغلۇق،
ئانا تۇپراق ھىدى پەرۋاز قىلىشقا پەر-قاناتىمدۇر.
 
8
 
ئانا تۇپراقتىن يارالغاندۇر ئەزىز تەن-جانىمىز،
ھەم تومۇرلاردا ئېقىپ تۇرغان قىزىل، پاك قانىمىز.
 
ئۇندا بولغاچ تەل-تولۇق سەككىز بېھىشنىڭ نېئمىتى،
ئۆكسىمەي كەلدى ھامان تەندىن قۇۋەت-دەرمانىمىز.
 
گۈل-گۈلىستان باغلىرىدىن ئالمىساق ئوتلۇق نەپەس،
ئاھ،قۇرۇپ قالماسمىدى بىزنىڭ ئۆمۈر  بوستانىمىز؟
 
مېھرى ئاتەش قوينىدا ئۆستۈرمىسە ئۇ پەپىلەپ،
كۆكلىمەس ئوتلۇق يۈرەكلەردە غۇرۇر-ۋىجدانىمىز.
 
پاك ئەقىدە ئويغىتار دىلدا ئۇنىڭ ھەر جىلۋىسى،
ئۇنتۇساق ئاچماس چېچەك ھېچبىر گۈزەل ئارمانىمىز.
 
ئايرىلىپ قالساق ئەگەر (ياق-ياق،خۇدايىم ساقلىسۇن)
بولمىغاي يەر شارىدا مەڭگۈ ياشاش ئىمكانىمىز.
 
ئەجرىنى ئاقلاشقا،تۇغلۇق،قىل شىجائەت،زور شەرەپ،
            بولسا، ئەۋلادلارغا جانلىق دەرس-ھايات داستانىمىز.

                        "بەشكېرەم مائارىپ تورى"دىن
[ چۆل~ئوغلىتەرىپىدىن2011-05-30 23:33قايتا تەھرىرلەند ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 31
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 547 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 517
توردا: 54(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-08-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-03 00:32

ئۇلۇغ بىر داستاننى مۇشۇ چاققىچە ئوقۇمىغىنىمغا ئۆكۈنىمەن. تېما ئىگىسىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم !!!
ئۆرلە ۋەتەن!
assalamu aleykum
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 718
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 13 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 13
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-07-02
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 02:42

يىغلىدىڭ كۆپتىن بېرى جەننەت تىلەپ سەن تەڭرىدن،
تۇرغىنىدا ئۇشبۇ تۇپراق جەننەتۇل رىزۋان نېمە؟        muxu  misraga  kaganda   sal kizzih kanlik  kilip koygandak kilamsiz kandah, 
assalamu aleykum
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 718
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 13 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 13
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-07-02
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 03:11

يىغلىدىڭ كۆپتىن بېرى جەننەت تىلەپ سەن تەڭرىدن،
تۇرغىنىدا ئۇشبۇ تۇپراق جەننەتۇل رىزۋان نېمە؟
MAN  BIR  ADDI OKURMAN BOLSAMMU  XA IRNING BU MISRALIRIDA SAL KIZZIH KANLIK KILIP KOYGANLIGINI KORGANDAK KILIMAN, INSAN HAMAN HATALIHTIN HALI AMAS  MENING BU  KATTA  TEMILARGA TUZTIX BARGUDAK SALAHIYTIMMU YOH IDI, AMMA BU MISRA  AKIYDA BILAN MUNASIBATLIK BOLGANLIGI UQUN AHSAKALLIH KILIP KOYDUM  TOGRA KOZ KARISAH  DAYMAN  ,DIMAK  BU  HAKTA JANNATTIN WAZ KEQIP KATMISAKMU   BAXKA BIR NARSILARNI XIPI KALTURSAKMIKIN DAYMAN ,TOWANQILIK BILAN APU SORAYMAN PITNA BOP KALMISUN TORDAXLA
assalamu aleykum
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 718
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 13 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 13
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-07-02
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 03:20

قەدىم تەكلىماكانغا كۈي تۆكۈپ ئۆركەشلىگەن دەريا
ئاقار گويا  خىزىرنىڭ سوۋغىسى-ئابىھاياتىمدۇر.
  KIMNING SOGISI KIMNING NIMITI??????????SOGA IGISI ALMIXIP KALGANMU KANDAH
دوستلىشىش
سەھراقىزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 53
توردا: 19(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-10
ئاخىرقى: 2012-11-01
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 01:04

aptur toprak wa suni  madhilap-jannat ham abi hayatka ohxatkan ,bu apturning xahsi hesyatikan ,akidiga tasir yatkuzalmaydu
دوستلىشىش
سەھراقىزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 53
توردا: 19(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-10
ئاخىرقى: 2012-11-01
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 01:16

بىز توپراقتىن بىنا بولغان( اللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن)يەنە بارار جايىمىزمۇ شۇ توپراق.
بىز توپراقتىن بەھىر ئېلىپ ياشايمىز ھەم ئاخىرى ئايلىنىدىغىنىمىزمۇ يەنە شۇ توپراق.  
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-13 10:47

ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق
كەتسە ئۇ كەلمەيدۇ ئەبەدىل بىراق
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىلگۈل
ۋەياكى شۇمبۇيا ۋەياكى يانتاق .

-س.ئەزىزى
دەرىجە: 禁止发言
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1570
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 25 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 16
ياخشى باھا: 25
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-04-01
ئاخىرقى: 2012-05-15
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-01 03:43

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى