ھەسرىتا! قالدى تىلىمدا جانغا دەرمان نانلىرىڭ ،
سۇندى دىل ، سۇندى قانات ، ئاقسىدى ئارمانلىرىم.
ئەيلىدى سەۋدا مېنى بىتۇيۇق ھېجران – ئازاپ ،
ئاقتى كۆزدىن ياش ئەمەس ، بەلكى زەرداپ قانلرىم .
ئۆتتى ئۆمرۈڭ مىڭ مۇشەققەت ئىلكىدە سەندەل بولۇپ ،
بىر قېتىم ئاچماي چېچەك ، سولدى گۈل- بوستانلىرىڭ .
ئايرىلىپ قالدى ئاداققا ئەركە باققان قىز- ئوغۇل ،
ئەركىلىكتىن نە ئەسەر؟ ئۆچتى ئۈن - خەندانلىرىم .
كىرپىكىڭ قاقماي كېچە كۈتسەڭ قوزاڭنى تاڭغىچە ،
« سەلتەنەت» ئىزدەپ كوچادىن يۈردى كور -نادانلىرىڭ .
مېھىرى – شەپقەت ئاپىتىدىن ئاينىغان دان – مايسىنىڭ ،
بەرگىگە بال ، رەڭ ، تۈگۈل سىڭدى كارامەت قانلىرىڭ .
ئانا دەپ چىقتى تىلىم ، ئانا دەپ چقىسۇن جىنىم ،
ئانا دەپ قىستىم بويۇن ، ۋايسىدى ۋىجدانلىرىم...
يوق ئىكەن سەندىن ئۇلۇغ غەمگۇزارىم ، دىلكىشم ،
ئەلۋىدا دەپ قالدى قاقشاپ ئاجىزە – مەردانىلىرىڭ .
بولدى قەدرىڭ مەن ئۈچۈن بىر ئىلاھى ئىمتىھان ،
ئانىسىز ياتقان گېلەمدە بولدى يېغىر يانلىرىم .
ئارمىنىڭنى ئارمىنىمغا تۇتىيا ، تۇغ قىلمىسام ،
ئانىجانىم ئاق سۈتۈڭگە ئەرزىمەس قۇربانلىرىم .