ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5829 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: مۇكاپات  تارقىتىش مۇراسىم   كۆرۈنۈشلىرى
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
تۆھپىسى: 155
پۇلى: 903 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 211
ياخشى باھا: 482
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-05-27
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-04 17:22

مۇكاپات  تارقىتىش مۇراسىم   كۆرۈنۈشلىرى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھون دىن مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر غا يۆتكەلدى(2011-08-28)
‹‹بوزقىر بالىلار ئەسەرلىرى مۇكاپاتى››نىڭ نەتىجىسىنى تورداشلار يېزىپ بولدى ،مەن ئەمدى مۇكاپات  تارقىتىش نەق مەيدان خاتىرە سۈرەتلىرىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم .ھوزۇرلايغايسىزلەر .
رىياسەتچى ئاكىمىز قىسقا ئەمما مەزمۇنلۇق سۆزلەر بىلەن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق پائالىيەت جەريانلىرى خۇلاسىلىدى .
بوزقىر مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا ۋەكالىتەن بوزقىر ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلماقتا .
مۇنبەر باشلىقى مېنى يالغۇز تارتماپتۇ دەپ قالمىسۇن دەپ 5دىيوملۇق قىلىپ تارتىپ قويدۇم . ئىككى ئايدىن بۇيان مۇشۇ  پائالىيەت ئۈچۈن  چېپىپ پالاقشىپ يۈردى .
سۈرەتتە رىياسەتچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرئاپتورلىرى تىزىمىنى  ئېلان قىلماقتا (يانداشما سۈرەت :مۇكاپات تۈرى كۆپ ،چۈشۈپ قالمىسۇن ئاداش ،ھەممىسىنى بىرمۇ بىر ئوقى )
ۋىيىتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتتيى ،مېنىڭ ئىسمىم چىقمايۋاتىدا ،نېمەبولۇپ كەتكەندۇ ،سەل ساقلاپ باقاي....
 مەنمۇ ئەسەر يازغان بولسام ،مۇنەۋۋەر ئەسەر بولسىمۇ باھالىنىپ ئىۋۇ قىزىل تاشلىق رومانلاردىن بىرگە ئېرىشەتتىم ئەمەسمۇ ،پۇرسەت .تىرىشچانلارغا ،ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ دېگېنى ھەق ئىكەن جۇمۇ مۇئەللىمنىڭ .(چاقچاق)
قايسى بىر ناخشىچى تاماشىبىنلارغا :سىلەر قولۇڭلاردىن قان چىققۇدەك چاۋاپ چېلىپ رىغبەت بەرسەڭلار ،بىزمۇ جان چىققۇدەك ناخشا ئوقۇيمىز .دەپتىكەنتۇق .
مانا ھەر بىر مۇكاپاتلانغۇچى ئېلان قىلىنغىنىدا ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاكلار چېلىپ تەبرىكلەشتى ،خۇشھال بولۇشتى .
مۇكاپات بويۇملىرى تارقىتىلماقتا
ئوڭ تەرەپتىكى ئىرپان كىتاپ:
ئەسلى بۇ بالىلارغىمۇ  نەق پۇل بەرمەي 200 كويلۇقتىن  كىتاپلا بېرىدىغان ئىشتى دە .ھەي ،بوپتۇ ئاستا ئاستا ،ئاستا ئاستىدىن دەپتىكەن .كېلەر قېتىملىقىنى كۈتىلى .....
مۇنبەر باشلىقى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى تارقاقماقتا .
سول تەرەپ :ئاپلا ،مۇشۇنداق قىلىشمىساق بولىتى جۇما ،قولام باماتىدا مېنىتتتتتتتتتتتتتتتتتڭ ماۋۇ پۇلنى ئېلشقا .
ئارقا سول تەرەپ  تىرەنكام  مۇنبەر باشلىىقىغا قاراپ :ما بوزقىر ئۇكام مەخسۇس يىغىنلاردا مۇكاپات تارقاتسا بولامدۇ نېمە ،سەھنىلىكى باركىنا بۇنىڭ !   
توختىسىلا ئۇكام ،مۇكاپاتنى ئېلىپلا قاچمىسىلا ، رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قىلىۋالىلى مانداق  ،كىيىنچە يوغان يوغان رومان  كىتاپلارنى يازىدىغان  كاتتا شائىر بولاپ كەتسىلە "سىز  بىلەن بوزقىردا سۆھبەت "دەپ فىلىم ئىشلەپ مۇنبەرنى ئاۋات قىلىدىغان گەپ ئەمەسما  ...
رىياسەتچى ئاكىمىزنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن قىزغىن چاۋاكلار ئىچىدە  ئاپتور 1-لىككە ئېرىشكەن ئەسىرىنى يىغىن ئەھلىگە ئوقۇپ بەرمەكتە .
 ما بالا راس بەلەن يېزىپتۇ جۇما .قاراڭ  يىغىن ئەھلىنىڭ  دېققەت بىلەن ئاڭلاشلىرىغا .تېخى نەچچىسى  تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن چىراي
توۋا ،ما بالىلار راستىنلا قىپقىزىل پۇللارنى تارقىتىۋاتىدا ،ئېسىت ، "جېكنىڭ شئېر يېزىش قانۇنى"غا سېلىپلا شئېردىن بىرنى يېزىپلا بالام يۈكسەلجاننىڭ نامىدا ئېلان قىلسام ،ھەممىسى ئۆز بالىلار بولغاندىن كىيىن ئاغزىنى مايلاپلا....ھەي ...
شۇنداق قىلىپ يىغىن تۈگىدى ،يىغىندىن كىيىن يىراق يېقىندىن كەلگەن ئەھلى جامائەت  بىلەن بىر ۋاق ئاددى غىزاغا داخىل بولدۇق .مۇنبەر باشلىقى ئۆزى ئاش تارقاتماقتا .
سەھرالىخ ئاكىمىز :جاراڭلىق ئاۋازدا -يولداشلار تىرىشايلى ،يولداشلار ئىچەيلى ........
ئاكا ،رەسىمگە تارتمىڭا بولدى ،1-لىككە ئېرىشىپ ھاياجانلىنىپ كېتىپ جىق يەپ ساپتىمەن .ئەسلىغۇ تامىقىم ئازتى بولمىسا :
_يە ئۇكام يە ،ھازىر ۋەزىيەت ياخشى ،تۇرمۇش پاراۋان  بىز سەندەك   ھەۋەسكار  قاپىيە بولۇپ  يېزىپ يۈرگەن چاغلاردا نەدە بۇنداق تور ،مۇسابىقە ،مۇكاپات دەيسەن ،شۇ يېزىپ يېزىپ ئۆزىمىزدىن باشقا بىرى كۆرمەي ھازىر يەر ئاستى ئۆيلەردە ئىشكاپلاردا تۇرمامدۇ توپا بېسىپ  .شۇڭا ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئوقۇ ،ياز .ئوقۇيلى ،يازايلى . سەن بىز كەتسەك شۇ يازمىلار قالىدۇ .شۇڭا تىرىشىپ ،بىلىمىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىش ،تىرىشايلى !
شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر  باھالاش پائالىيىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك تامام بولدى .مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان مۇنبەر باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ياردەمگە تەييار دوس-يارەنلىرىگە ،ئەسەرلەرنى رەتلىگەن ،باھالاشقا قاتناشقان .قىسقىسى مۇشۇ پائالىيەتكە بىر تامچە تەر ئاققۇزغان بارلىقىڭلارغا رەھمەت .ئەلبەتتە كېرەكلىكتە مۇسابىقە دېگەندە تاللاش ۋە تاللىنىش ،شاللىنىش بولىدۇ .لىكىن قاتناشقاننىڭ ئۆزى غەلبە ،ئۆزى نەتىجە .بۇ جەرياندا ۋە مۇسابىقە ئاخىردا قىسمەن گەپ سۆزلەر ،كۆڭۈل رەنجىشلىرى،نازۇككىنە ئاغرىنىشلار بولۇنىشى تەبىئى ئەھۋال . ئۈمۈدۈم شۇكى ناۋادا شۇنداق بولسا بىر بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىلى ،كەچۈرەيلى ،ھەممىمىز ئىنساندۇمىزكى خاتالىقتىن خالىي بولالمايدىغان !
ھەم داۋاملىق تىرىشايلى ،يازالايدىغانلىرىمىز يېزىپ تۇرىلى ،ئوقۇيالىغانلىرىمىز بولسا ئىلھام بەخىشلەر بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىلى ،سېخى قوللۇق بايلىرىمىز ،كارخانىچى سودىگەر ئاكىلىمىز مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلى .قىسقىسى "ئىرادىمىز چىقسۇن گۆرىدىن "دېگەن شئېرنىڭ باشلانمىسى بولغان :
قول تۇتۇشۇپ باسايلى ئالغا ،
مىللەت ،ۋەتەن خەلقىمىز ئۈچۈن "دېگەندەك ،يۇقارقى رەسىمدىكى  پورەكلەپ ئېچىلغان ئەشۇ قىزىل گۈللەردەك  خۇشپۇراقلار چاچايلى .
---------------------------------------
ئىشلەتكەن ئاپاراتىم ئادەتتىكى ئاپارات بولغىنى ئۈچۈن سۈرەتلەر نىڭ سۈپىتى سەل ناچار بولۇپ قاپتۇ ،ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىپ  كۇنۇپكا تەۋرەتكۈچى  شەھرى بورتالادىن ۋاپادارىم912
چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 331
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 71 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 71
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-06-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-04 17:52

تازا كەپتۇ ،ھى.ھى...ھى....
دوستلىشىش
زىمىستان
ئىتقات+ئىشەنىچ+ئىرادە=غەلبىلىك ھايات
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 535
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 59 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 43
ياخشى باھا: 59
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-17
ئاخىرقى: 2011-12-27
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-04 20:13

بەلەن تېما بوپتۇ ،ھارمىغايلا!
دوستلىشىش
ئۇيغۇرقىزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 21 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 21
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2011-10-04
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 01:12

ئايپالتىنى بۇدو ئۇچىراتقاندا خىلى چاقچاققا قىتىۋالدىكەنمىز دە .
دوستلىشىش
نەۋرىزە
تۆھپىكار باغۋەن
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 37
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 138 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 88
توردا: 23(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-10-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 11:04

مۇبارەك بولسۇن!!!! سىلەرگە ھەر ۋاقىت ئۇتۇق تىللەيمەن!!!! مۇۋاپىقىيەت قوڭغىرىقى داۋاملىق جاراڭلاپ تۇرسۇن!!!!!
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
تۆھپىسى: 155
پۇلى: 903 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 211
ياخشى باھا: 482
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-05-27
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 12:15

چوڭلارنى چاقچاققا قاتقىلى بولمىدى ،شۇڭا 'ئايپالتا' قۇربانلىق بولدى .
چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
دوستلىشىش
قۇمبۇلاق
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 150 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 33
ياخشى باھا: 140
توردا: 35(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2011-10-05
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 14:40

بوزقىر ئەپەندى ، ئەسلى شەمشەر 1975 ئىكەنغۇ ؟ رەسىمدىن تونۇۋالدىم ، بۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇنجى تورداشلار ئۇچرىشىشىدا مېھمان بولغىنىم ئېسىمدە ....
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۇتۇقلۇق بوپتۇ ، بۇمۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىڭلىققا ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغىدەك .....
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
تۆھپىسى: 26
پۇلى: 287 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 42
ياخشى باھا: 252
توردا: 59(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-07-09
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 15:48

شۇنداق بۇ قىتىمقى پائالىيەت ناھايتى ئۇتۇغلۇق بوپتۇ،ئەمما بىر ئارمىنىم،ئۇيغۇر قىزى سىڭلىمىزنى شۇنداق كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى،ئەمما كىچكىپ قالغىنىمغا خىلى بەك ئۆكۈندۈم.جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دىھقانچىلىق مەيداندىن كەلگەن غۇنچىلارنىڭ كىچكىپ قىلىپ،ئارانلا ئۆز مۇكاپاتىنى ئىلىشقا ئۈلگۈرگۈنىگە قاراپ،«شۇنچە يەردىن كىلىپ،يەنە مۇكاپاتنى ئىلىپلا قايتىدىغان بولدى»دەپ،تولىمۇ كۆڭلۈم يىرىم بولغان، كىيىنكى زىياپەتنى ئاڭلاپ،بوز قىر ئەپەندىدىن تولىمۇ مىنەتدار بولدۇم،شۇنچە ۋاقىت مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن جاپا تارتىپ،يەنە شۇ كۈندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تولىمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغىندىن بەكلا خۇرسەن بولدۇم،بارلىق بوز قىردىكى مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن ھەسسىسىنى قاتقان مۇنبەرداشلارغا يەنە بىر قىتىم تەشەككۇر ئىيتىمەن.
دوستلىشىش
سەھرالىق
پىداكار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 192 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 192
توردا: 71(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-04-05
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 16:40

سەھرالىق خېلى ئېنىق كۆرۇنۇپتۇ جۇما،چوڭلانىڭ خوشقىلىشقا خېلى ئېپى بار ۋاپادارىم912نىڭ.
دوستلىشىش
ئاگرانوم
خىيال ماڭا ھەمرادۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 651
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
تۆھپىسى: 10
پۇلى: 70 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 23
ياخشى باھا: 70
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-05
ئاخىرقى: 2012-08-08
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 16:46

ئەگەردە مىنىڭ ئەسەرلەرىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا ، مەنۇ بۆرتالاغا بېرىپ مۇكاپەت ئالىمەن دەپ يۇرمەي يەنە..... چاخچاق