ئازابلىق كۆزنەكلەر
(قوش تىل ئوقۇتۇش جەريانىدا )
مەن دەرس ئاڭلاش خاتىرەمنى ۋاراقلاۋىتىپ ، چىندىل 1–باشلانغۇچ مەكتىۋىدە 2009–يىلى 11–ئاينىڭ 24–كۈنى دەرىس ئاڭلاش جەريانىدا ، دەپتىرىمگە يېزىپ قويغان مۇنداق بىر ئابزاس سۆزۈمگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
« مەن بۈگۈن تەييارلىق سىنىپتا قوش تىل ئوقۇتۇش بويىچە بىر سائەتلىك دەرىس ئاڭلاپ بۇ بىر سائەتلىك دەرستە ئۆزۈمنى تولىمۇ ئازابلىق ھېس قىلدىم چۈنكى ئانىسىنىڭ باغرىدىن ئەمدى ئايرىلىپ تۇنجى مەكتەپ يۈزى كۆرگەن بۇ سەبىي سەھرا باللىرىغا غەيرى بىر تىلدا دەرس ئۆتۈش ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن ئۇلارنى قىيناش ۋە ئازابلاشتىن باشقا ئۈنۈم بەرمەيۋاتىدۇ ، ئوقۇغۇچىلارمۇ تولىمۇ زېرىكىشلىق ھېس قىلىپ مۇئەللىم تالاغا قاچان چىقىمىز دەپ سوراۋاتىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى ، جاپالىق ئۇپۇرىشى ، سەرىپ ئەتكەن ۋاقىت ، ئاشۇ زېرەكلىك كۆزىدىن چىقىپ تۇرغان ئەمما تېڭىرقاشتىن مۆلدۈرلەۋاتقان بۇ بالىلار تەرەققىياتىغا قىممەت ئاتا قىلامۇ ياكى قىسمەت–» .
ئەينى ۋاقىتتا يېزىپ قويغان بۇ ئەمەلىي خاتىرەم ، يېقىندا مەكتەپلەر « قوش تىل » ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلدىن ساۋادىنى چىقىرىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى يۈتىۋالغان ئاچچىقلىرىم ۋە بۇ قېتىمقى چىندىل مەركىزى مەكتەپ ئاتا–ئانىلار يىغىندىن كېيىنكى ئاتا–ئانىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسلىق سۇئاللىرى بىلەن قوشۇلۇپ مېنى قايتا ئازابلىدى .
ئاتا–ئانىلار يىغىنىدىن كېيىن ئىشخانامغا چىقىپ ئولتۇرسام، مەكتىۋىمىز ئىككىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بىلەن شۇ « قوش تىل » سىنىپ مۇدىرى مېنى ئۆز ئىشخانىسىغا چىقىشىمنى ئۆتۈنۈپ تېلفۇن قىپتۇ ، مەن چىقتىم ، قارىسام 11 نەپەر ئاتا– ئانا بۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىددىي تالاش-تارتش قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ ، مەن كىرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى « بۇ ئاتا–ئانىلار سىنىپىمىزدىكى ھازىرغا قەدەر ساۋادى چىقمىغان ۋە دەرىستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئاتا–ئانىلىلىرى ، ئارىمىزدا ئازىراق ئىختىلاپ بولىۋاتىدۇ ، شۇڭا سىز تەتقىقات ئىشخانىسىدا بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ ۋە ئاتا– ئانىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ » دىدى. مەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھالەت سەۋەبىنى ئاتا–ئانىلارنىڭ ئالدىدا چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇدۇم.
ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ « بۇ ئوقۇغۇچىلار ئەسلى بىرىنجى يىللىقنى قايتىلاپ ئوقۇشقا تىگىشلىك ئوقۇغۇچىلار ئىدى ، ئىلتىماس قىلسام مەكتەپ ئۇنىمىدى ، ھازىر بىز تېكىست ئوقۇتۇش باسقۇچىدا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادى چىقمىغاچقا تېخىمۇ بىلەلمەيۋاتىدۇ، بىرىنجى يىللىقتا ھەقىقەتەن بۇ ئوقۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ بولالمىدىم ، ئاتا– ئانىلارمۇ ماسلاشمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا –تىلنى ھەپتىسىگە ئاران 3 سائەت ئۆتتۇق ، بۇرۇن 11 سائەت ئۆتەتتۇق ، ھازىرمۇ ئايرىم يېتەكلەش ئېلىپ بارساممۇ ئوخشاش ، ۋاقىت بەك قىس ، سىنىپىمزدا 50 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ، ئۇلارنىڭمۇ دائىملىق ئىشلىرى ماڭا قاراپ تۇرىدۇ ، ئەتتىگەن كېلىپ كەش قايتىپ بەك جاپا تارتىۋاتىمەن ، مېنىڭمۇ ئۆيۈم ۋە باللىرىم بار » دېدى.
خەنزۇ تىل ئوقۇتقۇچىسى پىكىر قىلىپ « ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن زېرىكتىمۇ ؟ قىلچە ئۆگۈنۈشكە قىزىقمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسنىڭ سالمىقى بەك ئېغىر ، بۇ ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە خەت ئەمەس ، ( پىڭيىنىمۇ ) بىلمەيدۇ ، نەتىجىسى نۆل ، قاراڭلار بۇ كىتاپقا ، بىرەر ھەرىپ ( پىڭيىن) بارمىكىن ، بۇ بالىلار يا يەسلى كۆرمىگەن بالىلار تۇرسا ، مەنمۇ بۇ سىنپقا بۇ مەۋسۇم دەرسكە كىردىم ، ماڭىمۇ نىمە ئامال » دېدى .
مەن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئاتا –ئانىلارغا يۈزلەندىم ، ئاتا–ئانىلار نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي بىردەم ئۆز ئارا غۇلغۇلا قىلىپ ئاخىرىدا ئاچچىقىدا بۇ پىكىرنى قىلدى . « بىز باللىرىمزنى ئۈچ يىل بولدى مەكتەپكە ئەۋەتىپ بېرىۋاتىمىزغۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ يا ئۇيغۇر تىلىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا ساۋادى بولمىسا ، بۇلارنىڭ ئۈچ يىللىق ۋاقتى بىكار كەتتىمۇ ؟ بىز بۇ بالىلارنى بىر يەردىن تېپىۋالمىدۇق ، مەسئۇلىيەت كىمدە ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە ؟ بىز ئەرىز قىلىمىز » .
مەن يۇقارقى پىكىر سۇئاللارغا نىسبەتەن نىمە دىيىشىمنى ۋە مەسئۇلىيەتنى كىمگە ئارتىپ پىكىر قىلىشىمنى بىلەلمەي « قوش تىل ئوقۇتۇشى »ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىىسدا ئازىراق ئومۇملاشتۇرۇپ پىكىر قىلىپ ئۇلارنى مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسغا باشلىدىم.
شۇ ئەسنادا بىر ئاتا– ئانا ماڭا قاراپ « مۇئەللىم مېنىڭ بۇ بالام بۇرۇن خېلى شوخ ۋە چېچەن ئىدى، ھازىر بىر ( ھاڭقاتۇش )بولۇپ قالدى ( ھاڭقاتۇش–) » دېدى .
مەن ئاڭلىمىغان بۇ جانلىق ئېغىز تىلى ( ھاڭقاتۇش ) نىڭ مەنىسىنى دەماللىققا نەق چۈشۈنەلمەي كۆز ئالدىمغا شەھەرلىك 7–ئوتتۇرا مەكتەپ «قوش تىل» ئىككىنجى يىللىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ھازىرغا قەدەر تولۇق ساۋادى چىقمىغاننىڭ ئۈستىگە ، ئاۋۇ «تەكىر » بىلەن « يەكەنداز » نى ئەپ كېلىۋەت دېسە نىمە –ھە دەپ ئاسمانغا قاراپ تۇرىدىغان تۇغقىنىمزنىڭ بىر ئوغلى سۈرەتلەندى ، شۇنداقلا ئۆز بالىسىنىڭ ھازىرقى مائارىپ تەربىيىسى باسقۇچىدىكى ھالىتىنى ، سۈپىتىنى ، تەرەققىياتىنى بۇنداق جانلىق تىل ( ھاڭقاتۇش ) بىلەن سۈپەتلىگەن بۇ دېھقان سۆزى ماڭا ئاچچىق تۇيۇلدى .
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم ، تەۋەلىكىمىز ۋە يېزا –كەنت مەكتەپلەردىكى «قوش تىل ئوقۇتۇش» جەرياندا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ئۈستىدىكى ئىنكاسلار ، پىكىر تەكلىپلەر ، يازغان دوكىلاتلار ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ تا ھازىرغا قەدەر تۈزۈتۈلمەي كېلىۋاتقان بىۋاستە بىر قاتار مەسىللەرنى قاتلاممۇ –قاتلام ئىنكاس قىلىشتىن قورقماي ، ھەقنى سۆزلەپ ، ھەقنى ياقىلايدىغان ئېتقادلىق مائارىپچىللىرىمىز ، باشقۇرغۇچىللىرىمىز كۆپەيسە ،ھوقۇق –مەنپەئەت ، ھوقۇق سېتىۋېلىش ،ئۆسۈش تاماسىدىكى ئازغۇنلار ئازايسا ھەتتا مائارىپ سېپىدىن سۈپۈرۈلسە سەر خىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تېخىمۇ زورايسا ، ئىتتىپاقلاشسا بۈگۈنكىدەك ئۆز باللىرىمىزنى ئۆز ئېغىزىمىز بىلەن ( ھاڭقاتۇش) دەپ سۈپەتلەرمىزمىدۇق .
ئېغىر خۇرسۇنۇپ ، ئۆپكەم ئەلەمدىن ئۆرلىگەندەك بولۇپ ئىچىمدە ئۆزۈمنى قېتىپ كىمەلەرنىدۇر تىللىدىم ، خىيالىمدا بىر كىملەر بىلەن سوقاشتىم ، پۇخانىمدىن چىقتىم ، خىيالدىن بوشۇنۇپ يەنە شۇ ،ئاتا –ئانىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسلىق سۇئاللىرى «باللىرىمىزنىڭ ساۋادى چىقماسلىق بۇ ھالەت سەۋەبنىڭ مەسئۇلىيىتى كىمدە ؟» مېنى ئېچىندۇرۋاتىدۇ – ........................