ئاغىنەم جالالنىڭ دادىسى تۈگەپ .
ئۇشتىدۇق قارىسىن نەزرىدىن كىيىن .
مۇسبەتتە قىزارغان قارا كۆزلەرگە ،
كۈلكىنى يار قىلىش بولدىغۇ قىيىن .
يارەنلەر "ئۆزلۈك"نى ئاران تېپىشتى ،
ئىككى ئۈچ بوتۇلكا بولغاندا قۇرۇق .
قايغۇدىن مەسىتلىكتە خالاس بولسۇن دەپ ،
جالالغا ھاراقنى ئىچەردۇق ئوشۇق .
ھەممەيلەن جالالغا بىر بىرلەپ تۇتۇپ ،
ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ كۆڭۈل بېرىشتى .
<خۇدانىڭ ئەجىلى سەبرى قىل ئاداش ،
ھەممىگە بار ئۆلۈم> دېگەچ ئىچشتى .
ئاخىرقى رومكىنى مىنكاۋخەن دوستۇم ،
<خوشە> دەپ ئىچكەندە ئىچەرمەي توستۇق .
<تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ ئاندىن ئىچ ئاداش >،
دەپ قويۇپ ئاھ بىزلەر بالانى تاپتۇق .
مەن
شىزەي بىلمەيمەن نېمە دېيىشنى ،
قىينالدى بىچچارە كەتتى قىزىرىپ .
خىجىل بوپ كەتكەنچە دوستىمىز، بىزمۇ
كۈلىمىز ھېلى دەپ تۇردۇق بېزىرىپ .
بوپتۇ دەپ ئاغىنەم كېكەچلەپ دېدى ،
<بارالماي سەت بولدى داداڭ كۆمگەندە .
خۇدايىم بۇيرىسا جېنىم ئاغىنەم ،
ۋاقتىدا بارارمەن ئاناڭ ئۆلگەندە .... >
شۇ دەقىق بەئەينى چاقماق چاققاندەك ،
دەماللىق ئنىكاس يوق قېتىپ قېلىشتۇق .
بىر چاغدا كۈلكىدىن بىقىننى تۇتۇپ ،
سۇپىدا دومىلاپ يېتىپ قېلىشتۇق .
مەسلىكتە كىم بىلدى قاچان تارقىدۇق ،
ئىشقىلىپ ئۇ سورۇن ئۇزىدى تىنىچ ،
ئويلىسام ھەممىمىز كۈلۈپ ياش تۆكتۇق .
ئاققىنى قانداق ياش بىلەلمىدىم ھېچ !....
مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىردەمدىلا يېزىلىپ كەتتى .(بۇ شئېرنى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر يۇمۇرغا بەك كۈلۈپ كېتىپ شئېرى شەكىلدە يېزىپ قويىۋىدىم ،بۈگۈن ئۇچراپ قېلىپ بوزقىرغا يوللاپ قويدۇم .ياقتۇرساڭلار خو دەپ قويۇڭلار كۆڭۈل ئېچىلىپ قالار ،يارىمىسا ئەيىپلەپ يۈرمەي بەلەن بەلەن شئېرلارنى تېپىپ ئوقۇشالا .
رەھمەت )