ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 609 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10 خىل ئۈنۈمى
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئائىلەمنى سۆيمەن!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 24
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 182 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 182
توردا: 84(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-02-23
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-06 22:13

ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10 خىل ئۈنۈمى

ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە.

  1. ھەسەل ناھايتى مۇقىم ماددا بولۇپ، ياخشى ساقلىغاندا نەچچە يۈز يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئوزۇقلۇقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ.

  2. ھەسەل يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا يىغىلىپ قالغان ياغنى ئازايتىدۇ.

  3. ھەسەل بىردىنبىر تەبئىي تاتلىق تېتىتقۇ ھېسابلىنىدۇ.

  4. ھەسەل ئايرىپ ئېلىنغان شېكەر ياكى ساخاروزىدەك ئاشقازاندا ئېچىمايدۇ، شۇڭا ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بولمايدۇ.

  5. ھەسەل قەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي مولېكۇلالىق شەكىل بولغاچقا، داۋاملىق پارچىلانمايدۇ. ئۇ كىچىك ئۈچەي ئارقىلىق بىۋاستە قانغا ئۆتىدۇ، شېكەر ساخاروزىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسلە پەيدا قىلمايدۇ.

  6. ھەسەل ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى خورىتىدىغان ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە، ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار.

  7. ھەسەل كۆيۈكنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ماددا . ھەسەل ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، كۆيگەن جاينى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم تارتۇق قالدۇرمايدۇ.

  8. ئالىملار ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپنى بايقىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىر خىل رېئاكتىپ ھەسەل تەركىبىدىلا بولغاچقا، ھەسەلنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايتى ياخشى.

  9. ھەسەل ئىچكۈزۈش بالىلارنىڭ يۆتىلىنى داۋالاشتىكى بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

  10 . چېنىقىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئازراق ھەسەل ئىستېمال قىلىۋەتسە، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ھەسەل ئىستېمال قىلمىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولىدۇ .

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
دوستلىشىش
ئاگرانوم
خىيال ماڭا ھەمرادۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 651
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
تۆھپىسى: 10
پۇلى: 70 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 23
ياخشى باھا: 70
توردا: 7(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-05
ئاخىرقى: 2011-07-05
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 12:42

بۇ تىمىنى بەك ياخشى يولاپسىز سىڭلىم، مەنمۇ ھەسەلنى دائىم ئىستىمال قىلغۇچى تۇرۇپ، ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلۇم توغرا بولماپتىكەن، ئەمدى بىلدىم كۆپ تەشەككۈر سىزگە.