ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 141 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەھمىيەتلىك ھايات، ئۇنتۇلماس تۆھپە
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-21 17:11

ئەھمىيەتلىك ھايات، ئۇنتۇلماس تۆھپە

ئەھمىيەتلىك ھايات، ئۇنتۇلماس تۆھپە
قۇربان داۋۇت


ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 ـ،  60 ـ، 70 ـ يىللىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسكە ئالىدىغان بولساق، بۈگۈنكى تەرەققىياتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوبلاستىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۈملىدىن زىيالىلار ۋە پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئەمگەك سىڭدۈرگەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز . مەن سۆزلىمەكچى بولغان ياسىنجان قۇربان ئەنە شۇنداق پەن ـ تېخنىكا سېپىدىكى تۆھپىكار ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بىرى .
ياسىنجان قۇربان 1954 ـ  يىلى 7ـ ئايدا ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 7ـ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ سابىق بورتالا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىبات ئىشخانىسىغا تەقسىم  قىلىندى. 2 ـ  يىلى 10ـ ئايدا تەشكىل ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدىنىيەت ـ مائارىپ نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان كىنو قويغۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئەۋەتتى. 1956 ـ يىلى 3ـ ئايدا ئۇ كۇرسنى تاماملاپ ناھىيەلىك مائارىپ ، پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسىغا قاراشلىق 28 ـ كىنو قويۇش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ھەم تېخنىكا يېتەكچىلىكىگە تەيىنلەندى. بۇ يىللاردا كىنو قويۇش ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا يەنە بىردىنبىر تەشۋىقات قورالى بولۇپ، بۇ خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ياسىنجان قۇربان ئۈچ دانە كىنو قويۇش ئاپپاراتى، ئالتە نەپەر كىنو قويغۇچى بىلەن بۇ خىزمەتكە باشچىلاپلا كىرىپ كەتتى. 1958ـ يىلى 9ـ ئايدا ئوبلاستلىق مائارىپ، پەن –تېخنىكا ئىدارىسى ئۇنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن ئۇنى ئوبلاستلىق «قىزىلبايراق›› رېمونت زاۋۇتىنىڭ توك چىقىرىش، توك باشقۇرۇش سېخىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ يېڭى خىزمەت ئورنىغا كېلىپلا ئۇچ خادىم بىلەن ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەپ 400 كىلوۋاتلىق توك چىقىرىش گېنىراتورىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە توك سىملىرىنى يېڭىلاش، سېخ ۋە زاۋۇت قوروسىغا ئېلېكتىر چىرىقى ئورنىتىش، كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونتلاش ئىشلىرىنى ئىشلەپ رېمونت زاۋۇتىنىڭ بىخەتەر توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
1960 ـ يىلى ئوبلاستلىق تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىش شىركىتى ياسىنجان قۇرباننى توك سىمىنى تارتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ياسىنجان قۇربان بۇ يەردە توك بولمىغانلىقتىن ئىشچىلارنىڭ پاختا ئېتىش،تايلاش جەريانىدا قول چىرىقى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شىركەت مەسئۇلىدىن ئەھۋال ئىگىلىدى. شىركەت مەسئۇلى ئۇنىڭغا «ئىككى ئىشچى سەككىز سائەتتە ئاران سەككىز كىلوگىرام  پاختىنىڭ چىگىتىنى ئايرىيدۇ. ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغانلىقتىن سېتىۋېلىنغان چىگىتلىك پاختىنىڭ بىر قىسمى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنماي كۆكىرىپ قېلىۋاتىدۇ.» دەپ جاۋاپ بەردى. ياسىنجان قۇربان بۇنى ئاڭلاپ «ئاددىراق بولسىمۇ توك ئارقىلىق چىگىت ئايرىيدىغان ماشىنا ياساپ چىقسام شىركەتنىڭ زىيىنى ئازايمامدۇ؟» دېگەن ئويغا كەلدى ـ دە، ئويلىغانلىرىنى رەھبەرلىككە ئېيىتقاندا ئۇلارمۇ خوشال بولدى ھەم «ئىسكىلاتىمىزدا چىگىت ئايرىش ماشىنىسىنىڭ بىر يۆگەم ھەرە چىشى ئىشلىتىلمەي تۇرىدۇ.» دېدى. بىر يۆگەم ھەرە چىشى بولغان بىلەن چىگىت ئايرىش ماشىنىسىغا دائىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى يوق ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇ سابىق بورتالا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا بېرىپ تاشكەنت «شەرق ھەقىقىتى» نەشىرىياتى نەشىر قىلغان كېۋەز تېرىقچىلىقى، پاختىنى يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەشكە دائىر ساۋاتلا سۆزلەنگەن ئۇچ كىتابنى تاپتى. بىر ھەپتە كېچىنى – كۈندۈزگە ئۇلاپ كىتاب ـ ماتېرىيال كۆرۇش،قايتا ـ قايتا تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى ئاددى تىپلىق چىگىت ئايرىش ماشىنىسى ياساپ چىقتى. لېكىن بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مەغلۇب بولدى. ئۇچىنچى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە بىر ھەپتە ئىشلىتىش ئارقىلىق ماشىنىنىڭ سۈرئىتى تېز، چېقىقى تۆۋەن، كېتىدىغان ئەمگەك كۇچى ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە سائىتىگە 75 ـ80 كىلوگىرام   پاختىنىڭ چىگىتىنى ئايرىيالايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. نەتىجىدە قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىسكىلاتتا تۇرۇپ قالغان 50 توننا چىگىتلىك پاختا پىششىقلىنىپ،خامئەشيا بېسىلىپ قېلىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىلدى. ئەينى يىللاردا بورتالادا تېخى گېزىت نەشىر قىلىنمىغان بولغاچقا ئۇنىڭ بۇ ئىشى بازار ئىچىدىكى  قارا تاختا گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇلدى.
سابىق ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى رەھبەرلىكى ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر تېخنىك خادىمغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ1961 ـ يىلى 1ـ ئايدا ئۇنى ئۆز قارمىقىدىكى يەرلىك ماللار، يۇڭ، تېرە ـ ئۈچەي، چىگىتلىك پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتىگە باش تېخنىك قىلىپ يۆتكەپ كەلدى. ياسىنجان قۇربان بۇ ئورۇندا پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسىدىن يەنە ئىككىنى  ياساپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى.
1962 ـ يىلى 5ـ ئايدا يەرلىك ماللار، يۇڭ، تېرە ـ ئۈچەي،پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتى سابىق بورتالا ناھىيەلىك تەمىنات ـ سودا كوپىراتىغا قوشىۋېتىلدى. ياسىنجانمۇ  ئۆزى لايىھەلەپ ياسىغان ھېلىقى ئۇچ دانە پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسىنى ئېلىپ يېڭى ئورۇنغاكېلىپ ئىشقا چۈشتى. ئەينى يىللاردا ئۈسكۈنىلەر كونا، ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن پاختا چىگىتىدىن ماي تارتىش بۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا چىگىتىمۇ كېرەكسىز بۇيۇم قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىناتتى.شىركەت قوروسىدىكى قىزىپ پۇراپ كەتكەن دۆۋە ـ دۆۋە چىگىتلەرگە قاراپ ئىچى سېرىلغان ياسىنجان قۇربان «چىگىتتىن ماي چىقىرىپ ئىستىمال قىلغىلى بولماسمۇ؟» دىگەنلەرنى ئويلاپ ئويلىغانلىرىنى كوپىراتىپ رەھبەرلىكىگە ئېيتىۋىدى، ئۇلار سىناپ بېقىشنى قوللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سابىق بورتالا ناھىيەلىك ئاشلىق ـ ماي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشلىتىلمەي تۇرۇۋاتقان بىر دانە ماي پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسكۇنىسىنى سېتىۋالدى ـ دە، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تۇنجى قېتىمدا   بەش توننىدىن ئارتۇق چىگىت مېيى ئىشلەپچىقارغان بولسىمۇ ئۆلچەمگە توشماي بېسىلىپ قالدى.ياسىنجان قۇربان بۇ مايدىن سوپۇن ياسىۋىدى، سۇپەت ئۆلچىمىگە يېتىپ، بازاردىكى سوپۇن قىس بولۇش جىدددىلىكى كۆرۈنەرلىك ھالدا پەسەيدى.
ياسىنجان قۇربان بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسىگە قارىتا داۋاملىق تۈردە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، 1962ـ يىلى 11ـ ئايدا سۇزۇكلۇك دەرىجىسى %90 تىن يۇقىرى بولغان چىلان رەڭ ماينى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى ھەمدە 1968ـ يىلى 12ـ ئايغا قەدەر مۇشۇ خىل مايدىنلا 67 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ پايدا ياراتتى .چىگىت شاكىلىدا مال بېقىش سىنىقىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ ، ماگىزىنغا سېلىنغان كىر سوپۇننىڭ ھەر دانىسى 36 پۇڭدىن، چىگىت شاكىلىنىڭ ھەر كىلوگىرامى ئۈچ پۇڭدىن سېتىلدى. 1969 ـ يىلدىن باشلاپ سابىق بورتالا ناھىيەسىدە مايلىق گازىر تېرىش كەڭ يولغا قويۇلغاندا ياسىنجان قۇربان گازىردىن ماي چىقىرىش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ1979 ـ يىلىغىچە گازىر مېيىدىن زاۋۇتقا 12 مىڭ يۈەن ساپ پايدا يارىتىپ بەردى. يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ياسىنجان تېخىمۇ زور غەيرەتكە كېلىپ بىر ئاي ئىچىدە تۆت قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق 40 چىشلىق تاماكا غولىنى تالقانداش ماشىنىسىنى ياساپ 1964 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسكىلاتتا بېسىلىپ كۆكۈرۈپ قېلىشقا ئاز قالغان 68 توننا تاماكا غولىنى تالقانداپ تاماكا ئىشلەپچىقاردى.بۇلاردىن باشقا يەنە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېرىم ئاپتوماتىك پاختا تورلاش ماشىنىسىدىن بىر نەچچىنى ياساپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئىش ئۇنۇمىنى ئىلگىرىكىدىن بەش ھەسسە ئاشۇردى.
1982ـ يىلى سابىق بورتالا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۇمىتى كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياسىنجان قۇرباننى ناھىيەلىك پاختا ـ كەندىر شىركىتىنىڭ دېرىكتورلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ شىركەتكە كەلگەندىن كېيىن ئىشچىلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش،ئۇسكۇنىلەرنى رېمونت قىلىش، تولۇقلاش، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۇزۇمىنى مۇكەممەللەشتۇرۈش، توك يوللىرىنى يېڭىلاش، چىگىت ئايرىش، تايلاش ماشىنىسى، ئۆلچەش ئەسۋاپلىرىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، 1988ـ يىلىغىچە شىركەت 5254 توننا ساپ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ،مەھسۇلات قىممىتىنى 1مىليون 278مىڭ 900يۇەنگە يەتكۈزدى. ئورۇندالغان ساپ پايدا 1983 ـ يىلىدىكىدىن 5.6ھەسسە  ئېشىپ، تايلانغان پاختىلارنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىندى.
قايسى بىر پەيلاسوپ «ئۆلۇپ جەسىدىڭ چىرىگەندە كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالماي دېسەڭ كىشىلەر ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتاب ياز ياكى باشقىلار كىتاب قىلىپ يازغۇدەك ئىشلارنى قىل» دەپتىكەن. گەرچە ياسىنجان قۇربان باشقىلار ئوقۇشقا ئەرزىگىدەك كىتاب يازمىغان بولسىمۇ، خىزمەتكە قەدەم قويغاندىن تاكى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر ،ئاددىراق بولسىمۇ بىر كىتاب بولغۇدەك ئىشلارنى قىلىپ خەلقنىڭ زور ھۆرمىتىگە نائىل بولدى.خىزمەتكە قاتناشقان 42 يىل جەريانىدا، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۇمىتى، سابىق بورتالا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۇمىتى، ئوبلاستلىق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن 25 قېتىم «ئىلغار خىزمەتچى»، «ئىلغار ئىشلەپچىقارغۇچى»، «تېخنىكا يېڭىلاش ماھىرى»، «ئۈلگىلىك كارخانا دېرىكتورى»دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.سەككىز قېتىم مۇكاپات دەرىجە مۇئاشى قوشۇپ بېرىلدى.1984ـ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مەدەنىيەتلىك پاختا سېتىۋىلىش كارخانىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار شەخس»، 1985ـ يىلى «شىنجاڭدا 30يىل ئىشلىگەن تۆھپىكار پەن ـ تېخنىكا خادىمى» ،1986ـ يىلى ئوبلاست بويىچە «مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى»بولۇپ باھالاندى. بىر قارار بورتالا شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، بىر قارار ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، بورتالا شەھىرى ۋە ئوبلاستىمىزنىڭ چوڭ ـ چوڭ سىياسىي ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىغا ئىشتىراك قىلىندى .
قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ ـ ئارمانلارنى پۈككەن بۇ ئەزىمەت 1992ـ يىلى دەم ئېلىشقا چىقىپ ،  2008 ـ يىلى 72يېشىدا ۋاپات بولدى.بورتالادىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇنىڭ شانلىق تۆھبىسىنى مەڭگۈ ئۇنتىمايدۇ !

«بورتالا گېزىتى » 2012- يىل 12-ئاينىڭ 10- كۈنى
تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-21, 23:58
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 282
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە282دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 1318 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 128
ياخشى باھا: 399
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-22 08:23

خۇدا ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن ،ئامىن .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-22 10:01

ياسىنكام  رەھمەتلىك  ياغاچتا ئايروپىلان ياساپ ئۇچۇرۇشتىنمۇ  يانمايدىغان ،_ 72خىل ئۆنەرنىڭ ئەھلى ئىدى............................
دوستلىشىش
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 217
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
تۆھپىسى: 99
پۇلى: 418 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 201
ياخشى باھا: 418
توردا: 92(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-18
ئاخىرقى: 2013-05-17
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-22 17:20

      ياسىنجان قۇربان (ياسىنجان تېخنىك) دىيارىمىز كىشىللىرىگە ئەڭ تونۇش بولغان «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» ھەقىقى ئىختىزاس ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىش ئىزلىرى ھازىر تىللاردا زىكىر قىلىنىپ كېلىنمەكتە .
      مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي . ئامىن....
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-25 14:23

مەرھۇم ياخشى ئادەم ئىكەن ، ئاللاھ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلغاندۇ ئىنشائاللاھ.
خەلقېم مەن بىلەن