ئاجايىپكەن تور دېگەن
تۇرسۇنجان ئەمەت ( قوشاقچى )
زامانىمىز ئۈچۇر دەۋرى ، راست ئىكەن ،
تورغا چىقىپ تۇرساڭ ئەجەپ ياخشىكەن .
يېڭى ئۇچۇر ، يېڭى دوستلار كۆپ ئىكەن ،
بەزى تېخى شوخ قىزلارمۇ بار ئىكەن ،
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن تور دېگەن .
ئۇچۇر كۆرۈپ ئولتۇرغانتىم بىر كۈنى ،
تىت - تىت قىلغان ئاۋاز بۆلدى زىھنىمنى .
بىر چېكىپلا لىپىلدىغان كۆزنەكنى ،
قوشىۋالدىم QQرىمغا بىر قىزنى ،
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن تور دېگەن .
ياخشىمۇسىزدىن باشلانغانتى پارىڭىمىز ،
تاڭ ئاتقۇچە تۈگىمەپتۇ گېپىمىز .
كامىرادا ئېنىق تۇرسا جامالىمىز ،
كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتۇق ھەر ئىككىمىز ،
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن تور دېگەن .
شۇندىن بۇيان تورغا بولۇپ مەستانە ،
قىز ئىشقىدا بولۇپ قالدىم دىۋانە ،
كۆرەلمىسەم، كۆڭلۈم بولۇپ غەمخانە ،
ئۆز - ئۆزۈمنى سېزىپ قالدىم يىگانە ،
توۋا دەيمەن ئاجايىپكەن تور دېگەن .
ئەمەل قىلىپ ۋەدىمىزگە ئىككىمىز ،
كۆرۈشۈشكە ئاجرىتىلدى ۋاقتىمىز ،
كۆرۈشكەندە بەكمۇ تاتلىق كېپىمىز ،
ئەھمىيەتلىك ئۆتتى دېدۇق شەنبىمىز ،
توۋا دەيمەن ئاجايىپكەن تور دېگەن .
شۇندىن بۇيان ھەر شەنبىدە كۆرۈشۈپ ،
تاڭسىخانا ، رېستۇراندا سۆرۈشۈپ ،
بەزى پىنھان ، قاراڭغۇدا سۆيۈشۈپ ،
ئەر - خوتۇندەك بولۇپ قاپتۇق كۆيۈشۈپ ،
توۋا دەيمەن ، ئاجايىپكەن تور دېگەن .
بىر شەنبىسى كۆرۈشكەندە چاتاق چىقتى ،
ھەيران قالدىم تۇلۇمدىن ھەم توقماق چىقتى ،
قىز دەپ يۈرسەم بۇ توردىشىم جۇۋان چىقتى ،
مەن يولدىشى دەپ بىرىدىن زۇۋان چىقتى ،
رېستۇراندا جەڭگە - جىدەل چوقان چىقتى ،
مۇش - پەشۋادا ئېغىزىمدىن قىيان چىقتى ،
رەسۋا بولدۇق، بىز توغۇرلۇق ئېلان چىقتى ،
توۋا دەيمەن ، چاتاق ئىكەن تور دېگەن .
مەنبە : ئىجادىيىتىم