ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 107 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تىلسىزلارنىڭ سۆزلەشمىلىرى   (ئەبجەش يازمىلار)
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-03-22 22:11

تىلسىزلارنىڭ سۆزلەشمىلىرى   (ئەبجەش يازمىلار)

تىلسىزلارنىڭ سۆزلەشمىلىرى    
                              
                                  (ئەبجەش يازمىلار)   
                                    
                            تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس  
  
       بۈرگە پىتتىن سوراپتۇ:
       -ئىلگىرى پات-پات كۆرۈشۈپ قالاتتۇق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىدارلىشالمىدۇق. نەلەردە يۈرىيسەن، ئۇكىجان؟
       پىت جاۋاپ بېرىپ دەپتۇ:
       -ئىلگىرى يوتقان-كۆرپە، ئىشتان-كۆڭلەكلەرنىڭ ئەستىرىنى ماكان قىلغان چاغلىرىمىزدا پات-پات دىدار كۆرۈشۈپ تۇرغىنىمىز راست. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزمۇ ئادەملەرگە ئەگىشىپ مىسلىسىز تەرەققى قىلىپ، ماكان ئالماشتۇردۇق. يەنى ئادەملەرنىڭ تېنىدىن روھىغا كۆچتۇق. بۇنىڭ بىلەن ھە دېسىلا تۇتۇلۇپ، ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ، خېلى خاتىرجەم بوپقالدۇق.

       بىر پاشا پاشىلارنىڭ ئاقساقىلىدىن سوراپتۇ:
       -ئادەملەر يازغان بىر ماتىرىيالغا قارىسام، « پاشا دۇنيادىكى بىرىنجى قاتىل » دىيىلىپتۇ. بۇ راسمۇ؟
       پاشىلارنىڭ ئاقساقىلى جاۋاپ بېرىپ دەپتۇ:
       -ئادەملەر بىز تارقاتقان بەزگەك كېسىلىدە ئۆلگەنلەرنى ھېسابلاپ شۇنداق دېگىنى بېلەن، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئۇرۇش، خروئىن، ئەيدىز دېگەندەك ئاپەتلەردە ئۆلگەنلەرنى ھېسابلاپ باقسا، دۇنيادىكى بىرىنجى قاتىلنىڭ ئادەملەرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى.

       بىر چىۋىن ئىككىنجى چىۋىنگە دەپتۇ:
       -ئادەملەر بىزنى شەھەردىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن قايتا بېرىپ باقمىدۇق، بۇرادەر. بۈگۈن ئىككىمىز بىر بېرىپ باقمايلىمۇ؟
       ئىككىنجى چىۋىن جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -ئاڭلىسام، ئادەملەر بىزنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن ئۆزلىرى چىۋىنگە ئايلىنىپ رېستۇران، ئاشخانا، ماگىزىن، كوچا-كويلاردا مىژىلداپ يۈرگىدەك. بىز بارساقمۇ قونغادەك جاي تاپالمىغۇدەكمىز، بۇرادەر.

       چايان بالىسى ئانىسىدىن سوراپتۇ:
       -ئادەملەردىن قورقۇپ ئۇۋىمىزدىن چىقالمىغىنىمىزغا خېلى يىللار بوپقالدى، ئانا. قاچانمۇ ئۇۋىمىزدىن چىقىپ تاشقى دۇنيانى كۆرەرمىز؟
       ئانا چايان جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -ئىلگىرى ئادەملەر «زەھەرلىك دەپ بىزدىن قورقاتتى، بالام. مانا ئەمدى ئادەملەرنىڭ تىلى شىكەر بولغىنى بىلەن، دىلى زەھەر ئامبىرىغا ئايلاندى. ھازىر بىز ئادەملەرنى چېقىۋالساقمۇ، ئۇنىڭدىكى زەھەر بىزنىڭكىدىن كۈچلۈك بولغاچقا، يەنىلا بىز ئۆلۈپ قالىمىز.  شۇڭا ئۇۋىمىزدىن چىقمىغىنىمىز تۈزۈك.

       بالا قۇشقاچ ئانىسىدىن سوراپتۇ:
       -مومامدىن ئاڭلىسام، ئىلگىرى قۇشقاچلار توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ كېلىپ بىر دەرەخكە قونسا، بىر تال شاخمۇ ئاق قالمايدىكەنتۇق. مانا ئەمدى پۈتكۈل ئورماندا بىر نەچچىمىزلا قېلىپ، تولىمۇ غېرىبسىنىپ قالدۇق، ئانا. قاچانمۇ يەنە توپ-توپ بولۇپ ياشارمىز؟
       ئانا قۇشقاچ جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -بۇ، ئادەملەرگە باغلىق، بالام. ئەسلىدە بىز ئادەملەرنىڭ دوستى ئىدۇق. ئادەملەر تېرىغان زەل-زىرائەت، گۈل-گىياھلارغا قۇرۇت چۈشكىدەك بولسا، دەرھال جەڭگە ئاتلىنىپ ئادەملەرگە ياردەم قىلاتتۇق. ئەمما ئادەملەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە سەل قاراپ، زىيانداش قۇرۇتلارنى يوقىتىشتا زەھەرلىك دورىلارغىلا تاياندى. بۇنىڭ بىلەن مۇھىت بۇلغىنىپ، جان-جانىۋارلارنىڭ نەسلى قۇرۇشقا يۈزلەندى. مانا ئەمدى ئادەملەرنىڭ ئۆزىمۇ بۇلغانغان مۇھىتتىن زەھەرلىنىپ راك دەپ ئاتىلىدىغان ساقايماس كېسەلگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدىغان بولدى. ھەي ئىسىت! ئادەملەر ئۆزىگىمۇ قىلدى، بىزگىمۇ قىلدى.

       باچكا ئانا كەپتەردىن سوراپتۇ:
       -ئادەملەر نىمە ئۈچۈن بىزنى تىنچلىق سىمۋولى قىلىپ تاللايدۇ، ئانا؟
        ئانا كەپتەر جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -چۈنكى بىز ئۆزىمىزدىن كۈچلۈك بولغان لاچىن-قارچىغىلارغا يەم بولساقمۇ، ئۆزىمىزەىن ئاجىز بولغان قۇشقاچ-تورغايلارنى ئەسلا بوزەك قىلمايمىز بالام.

       چۈجە مېكياندىن سوراپتۇ:
       -ئانا بىزنىڭمۇ باشقا قۇشلارغا ئوخشاش قانىتىمىز تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۇلاردەك ئۇچالمايمىز؟
       مېكيان جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -بۇ ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت، بالام. ئادەملەر ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئەسىرلەپ كاتەكتىن چىقارمىغاچقا،قاناتنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، ئاخىر ئۇچۇشقا ئەسقاتمايدىغان بوپقالغان.  

       قوزا ئانىسىدىن سوراپتۇ:
       -ئادەملەر ئەجەپ ئوبدان ئىكەن-ھە، ئانا. ئۇلار ئۆزلىرى جاپا تارتسىمۇ ئوت-چۆپ، يەم-بوغۇز نى ئۆكسۈتمەي بىزنى باقىدىكەن.
       ساغلىق جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -ئادەملەرنىڭ بىزنى بېقىشتىكى مەقسىتىنى كېيىن بىلىپ قالىسەن، نادان قوزام.
       -ئەمىسە نېمىشقا ھازىر دەپ بەرمەيسەن؟
       -سېنى ئازاپلاشنى خالىمايمەن، قوزام. قۇربانلىق ئۈچۈن بېقىلىدىغىنىڭنى بىلىپ ياشىغىنىڭدىن كۆرە، بىلمەي ياشىساڭ، ئازابىڭ ئازراق بولىدۇ.  

       تەخەي ئېشەكتىن سوراپتۇ:
       -ئادەملەر  بىزنى ھەمىشە: «دۆت ئېشەك» دەيدىكەن، ئانا. بىز راستىنلا دۆتمۇ؟
       ئېشەك جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -دەل ئۇنىڭ ئەكسى، بالام. بىز پۇتىمىز سېپىلىپ كەتكەن كۆۋرۈكنى مەڭگۈ ئەستە تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئۆتمەيمىز. بىراق ئادەملەر قانلىق ساۋاقلارنىمۇ بىردەمدە ئۇنتۇپ، بىر خىل خاتالىقنى تەكرار-تەكرار سادىر قىلىدۇ. بۇ گەپلەرنى يەنە ئادەملەرگە دەپ يۈرمە، بالام. چۈنكى ئادەملەر ئۆز خاتالىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ دۆتلىكى.

       مۇزاي ئېنەكتىن سوراپتۇ:
       -ئادەملەر ئۆز بالاڭ، مەن ئۈگەي بالاڭمۇ ئانا؟
       ئېنەك موزايدىن قايتۇرۇپ سوراپتۇ:
       -بۇ  نېمە دېگىنىڭ، بالام؟ قانداق بولۇپ بۇنداق خېيالغا كەپ قالدىڭ؟
       -قارىسام، ھەر كۈنى سۈتىڭنىڭ كۆپ قىسمىنى ئادەملەرگە بېرىپ، ئازغىنا بىر قىسمىنى ماڭا بېرىدىكەنسەن. شۇنىڭغا قاراپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم، ئانا.
       -مېنىڭچە بولسىغۇ سۈتىمنىڭ ھەممىسىنى ساڭىلا بەرگۈم بار، بالام. لېكىن ئۇنداق قىلسام ئادەملەر مېنى ئۇرىدۇ، شۇ.
       -مەنغۇ كىچىك، ئادەملەرگە تېخى كۈچۈم يەتمەيدۇ. لېكىن دادام بىلەن ئىككىڭلار شۇنچە كۈچتۈڭگۈر، ئۇچلۇق مۈڭگۈزىڭلار تۇرۇپ، ئادەملەردىن قورققىنىڭلار نېمىسى؟
       -ئويلاشنىغۇ توغرا ئويلاپسەن، بالام. مۈڭگۈز ئەسلىدە بىزنىڭ قوغدىنىش قورالىمىز بولسىمۇ، ئاتا-بوۋىمىز كۆندۈرۈلۈشكە باشلىغان چاغدىلا ئادەملەر دەل ئاشۇ مۈڭگۈزىمىزدىن باغلىۋالغانىكەن. مانا ئەمدى مۈڭگۈزىمىزنىڭ قوغداش رولى يوقاپ، بىز باغلىنىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاچقا، ھەممىمىز ئاشۇ مۈڭگۈز دېگەن نەرسىدىن بېزار بولىدىغان بوپقالدۇق.

       ياۋا غاز چۈجىسى ئانىسىدىن سوراپتۇ:
       -ھەر يىلى كۈزدە ئىسسىق جايلارغا كۆچۈپ، باھاردا يەنە قايتىپ قىينىلىپ يۈرگىچە، بىزمۇ ئادەملەردىن ئۈگىنىپ ئۆي سېلىپ، مۇدھىش قىشنى شۇ ئىسسىق ئۆيدە ئۆتكۈزسەك بولمامدۇ، ئانا؟
       ئانا غاز جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -بىز بۇ خىل كۆچۈشنى دەل ئادەملەردىن ئۈگەنگەن، بالام. ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز كۈزدە كۆچۈپ كەتكەن بىلەن، ئەتىيازدا يەنە قايتىپ كېلىمىز. مۇھىتقا پەقەت بۇزغۇنچىلىق قىلمايمىز. بىراق دىققەت قىلساڭ، ئادەملەرنىڭ شۇ تاپتا يەر شارىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كۆچۈپ، بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۈگىتىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ بولغاندىن كېيىن، مانا ئەمدى يەر شارىنى تاشلاپ، مارىسقا كۆچۈشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، بالام.

       بوتىلاق ئانىسىدىن سوراپتۇ:
       -نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ قارىسىنى كۆرسەكلا قاچىمىز، ئانا؟
       ئانا تۆگە(ھىڭگان) جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -ئادەملەر بەكمۇ نامەرد كېلىدۇ، بالام. ئەسلىدە ئۇلار بىزگە رەھمەت ئېيتىشى، بىزنى ئاسرىشى لازىم ئىدى. چۈنكى ماشىنا، پويىز، ئايروپىلان دېگەندەك نەرسىلەر يوق چاغدا، بىز ئادەملەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى كۆتۈرۈپ، دۆلەت بىلەن دۆلەت، ھەتتا قىتئە بىلەن قىتئەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ «چۆل كېمىسى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن. ئۇ چاغدىكى «چۆل كېمىسى» دېگەن بۇ نام، ھازىرقى «ئالەم كېمىسى» دېگەنگە باراۋەر ئىدى. ئەمما ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئادەملەر ھەممىنى ئۇنتۇپ، بىزنى ئاسراش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۆرگەنلا يېرىدە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ يەيدىغان بولدى. نەسلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن يىراق تۇرمىساق بولمايدۇ، بالام.

       بۈركۈت چۈجىسى ئانىسىدىن سوراپتۇ:
       -سەن ئۇچۇپ كەتكىلى نەۋاخ، ئانا. يەنە ھېچ نەرسە تۇتالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەپسەنغۇ؟
       ئانا بۈركۈت جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -ئادەملەر جانلىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتكىلى تۇردى، بالام. جانلىقلارنىلا ئەمەس، دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ، ئورمانلارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتەي دېدى. يېشىللىق يوقاپ قاقاسلىققا ئايلىنىۋاتقان زىمىندا نە ئۇچار قۇش، نە كىيىك-توشقانلار كۆرۈنمەيدۇ.
       -بىرەر چاشقان بولسىمۇ مەيلىتى، ئانا. قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى.
       -يەنە بىر ئاز چىدىغىن، بالام. يىراقتا بىر ئوۋچى كېلىۋاتىدۇ. ناۋادا ئوۋ تاپالماي ئاچلىقتىن ئۆلسە ئۇنىڭ گۆشىنى يەرمىز.

       ئارسلان ئانا شىردىن سوراپتۇ:
       -بىز پۈتكۈل ھايۋانات دۇنياسىنىڭ پادىشاھى تۇرۇغلۇق، ئادەمدىن نېمىشقا قورقۇپ قاچىمىز، ئانا؟
       ئانا شىر جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -سەن تېخى كىچىك بولغاچقا بىلمەيسەن، بالام. ئادەملەر بەكمۇ قۇۋ-ھىيلىگەر، نامەرت كېلىدۇ. ئۇلار تېخى بۇ خىل ھىيلە-مىكىرنى «ئەقىل-پاراسەت»دەپ ئاتاپ، ئۆزىنىڭ «ئەقىل-پاراسەتلىكى» دىن پەخىرلىنىدۇ. ناۋادا يەكمۇيەك ئېلىشساق ئادەملەر بىزگە تەڭ كېلەلمىگىنى بىلەن، ئۇلار ھىيلە-مىكىرگە تايىنىپ، ھەرخىل زامانىۋى قوراللار بىلەن بىزنى بىراقلا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن يىراق تۇرمىساق نەسلىمىز قۇرۇيدۇ، بالام.

       ئانا لەھەڭ بالىلىرىغا بۇيرۇق قىپتۇ:
       -بالىلىرىم، ئادەملەر ئۆز ماكانى بولغان قۇرۇقلۇقنى بۇلغاپ بولۇپ، مانا ئەمدى بىز ياشايدىغان دېڭىز-ئوكيانلارنىمۇ بۇلغاشقا باشلىدى. بىز بۇ يەرنىڭ گېگانتلىرى تۇرۇپ كارىمىز بولمىسا، باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كارى بولمايدۇ. شۇڭا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك. تەييار بولۇڭلار!
       -مانا بىز تەييار، ئانا. بىراق قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟
       -ھەممىمىز قىرغاققا چىقىپ قۇربان بولىمىز.
       -نېمىشقا باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىنكاس قايتۇرماي، قۇربان بولۇشنىلا تاللايمىز، ئانا؟
       -بىز ئۈچۈن باشقا تاللاش يولى يوق، بالىلىرىم. قېنى ئۆزۈڭلار ئويلاپ بېقىڭلار: بىز نارازىلىق بىلدۈرسەك، ئادەملەر سكزىمىزنى ئۇقامدۇ؟ ئۇققان تەقدىردىمۇ تەلىپىمىزگە ماقۇل بولامدۇ؟ تارىختىن بۇيان ئۇلار بىزنى مىڭلاپ-ئونمىڭلاپ ئۆلتۈرسە ھېچ گەپ يوق، لېكىن بىز بىرەر ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ قويساق، «قاتىل لەھەڭ» دەپ ئاتىلىپ، يۈزلەپ-مىڭلاپ قىرىپ تاشلاشقا ئۇچراپ كەلدۇق. بۇ يەردە  ھېچقانداق ئىنكاسسىز ياشىساقمۇ، بۇلغىنىشتىن بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىمىز. ئۇنىڭدىن كۆرە قىرغاققا چىقىپ قۇربان بولۇپ، ئادەملەر ئارىسىدىكى ئاقىللارنى تەسىرلەندۈرەلىسەك، بەلكىم ئانا ماكانىمىزنىڭ بۇلغىنىشىنى توسۇپ قالارمىز. دېمەك، بىزگە بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى يوق. قېنى ئەمىسە، قىرغاققا قاراپ ئالغا!

       بالا شەيتان ئانىسىدىن سوراپتۇ:
       -نېمە بولدۇڭ، ئانا. بېشىڭنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەن، مىجەزىڭ يوقمۇ؟
       ئانا شەيتان جاۋاپ بېرىپتۇ:
       -ئالداش مۇسابىقىسىدە ئىنسانلارغا ئۇتتۇرۇپ قويدۇم، بالام. شۇنىڭغا ئۆكۈنۈۋاتىمەن.
       -مەن ئىشەنمەيمەن. ئەلمىساقتىن بۇيان بىز ئىنسانلارنى ئالداپ، ئېزىقتۇرۇپ كېلىۋاتساق، سەن ئۇتتۇرۇپ قويغىدەك قانداق مۇسابىقە ئىكەن ئۇ؟
       -ئالداشنىڭ يېڭى تۈرلىرى مۇسابىقىسى ئىدى، بالام. باشقا تۈرلەردە تەڭلەشكەن بولساممۇ، بىراق «ئۆز-ئۆزىنى ئالداش» تۈرىدە ئىنسانلاردىن يېڭىلىپ قالدىم.
       -بۇ قانداق گەپ ئەمدى، ئالداشنىڭ شۇنداقمۇ  تۈرى بارمىكەن تېخى؟
       -ئىنسانلار يېقىندىن بۇيان شۇنداق بىر تۈرنى كەشپ قىلىپ، باشقىلارنى ئالداشتىن باشقا ئۆزىنى ئۆزى ئالداشقا باشلاپتۇ، بالام.
       -ئەمىسە، چاتاق بوپتۇ. ئالداش قوش قەۋەتلىشىپ كەتسە، قىيامەتنىڭ قەدىمى تېزلىشىدۇ. ئىنسانلار ئۆزىگىمۇ قىپتۇ، بىزگىمۇ قىپتۇ...  
      
      ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى
مىسرانىمدىن كۆچۇرۇلدى.
خەلقېم مەن بىلەن