پويىزنىڭ ئاشخانىسىدا غىزالىنىۋاتقان يولۇچى مۇلازىمغا دەپتۇ؛
-قارىمامسىز بۇ كالا گۆشىنىڭ قاتتىقلىقىغا،ئون مىنۇت چايناپمۇ يۇمشىتالمىدىم.
- ھېچقىسى يوق ئەپەندىم،پويىز مەنزىلگە ئۈچ سائەت كېچىكىپ بارىدىغان بولدى.خاتىرجەم چايناۋېرىڭ.
خاتالىشىش
ناھايىتى ئاچچىغى كەلگەن دادا كەپسىز ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ دەپتۇ؛
-قوشنىلارنىڭ بالىسىنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ ئىششىتىۋىتىپسەن،تېخى ئۇنى خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن دەپسەن،بۇ راستما؟
- راست دادا،ئەسلىدە ئۇنىڭ بۇرۇنىغا ئۇرماقچى ئىدىم!
ئەقىللىق ئوقۇغۇچى
تارىخ ئوقۇتقۇچىسى شوخ بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ؛
-1809-يىلى قانداق تارىخى ۋەقە يۈز بەرگەن؟
-ئامىركىنىڭ مەشھۇر زۇڭتۇڭى ئابراھام لىنكولىن تۇغۇلغان.
-ياخشى ئۇنداقتا 1819-يىلى چۇ؟
-لىنكولىن ئون ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن.