ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 126 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەسىدە (قاراخان)
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1560
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
تۆھپىسى: 225
پۇلى: 2160 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 430
ياخشى باھا: 2040
توردا: 486(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-04-24 11:33

قەسىدە (قاراخان)


قەسىدە )قاراخان)
ئىچىمىزدە رەسۇلۇللا داۋامەت،

سەھەرلەردە قىلار قۇرئان تىلاۋەت.

ھەق راست دەيمىز سۆزلىرىنى تەستىقلاپ ،

تاپقاچقا بىز ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت،

مۇشرىكلاردەك غەپلەت ئىچىدە ياتمايدۇ،

كېچىلەردە قىلىپ تائەت ئىبادەت!


-سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى


مۇھەممەتكە مۇھەببەت!


قاراخان 


مىللىتىم ياق ئۈممىتىم دەپ تۇغۇلغان،

بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى دەپ تونۇلغان.

ئۈستى،بېشى ، قارنى ئۆتمەي توق-تولۇق،

يىتىملىكتىن بەرگەن تالاي ئىمتىھان.

ئىسلام ئۈچۈن  جاننى قىلىپ تەسەددۇق،

نەپسى ئۈچۈن روھنى پايخان قىلمىغان.

يولى پۇرار رەيھان ،چوغلۇق،گۈلسۇرۇغ،

قولى دوستلۇق ئۈچۈن دوستقا سوزۇلغان.

قىلغان جاھىل،مۇناپىقنى تۇتۇرۇق،

جىھاد قىلىپ بولغان داھى قوماندان.

تىلى چەندان،دىلى ئاپتاپتەك يورۇق،

ئاڭا قايىل مۇشرىك، ئاسى، مۇسۇلمان.

نەگە بارسا نېسىپ بولغان شان ئۇتۇق،

ئاتالغان ھەم جەڭدە باتۇر قەھىرمان.

يەتتە ئىقلىم ئارا سۆزلەپ قۇت نۇتۇق،

غورىدىن ھەم ھالۋا كۈتكەن سەۋرىچان.

قوغلاشمىغان ئەمەل-مەنسەپ شاھ ھوقۇق،

مەنزىللىرى جەننەت تامان خىيابان.

پۇتلىرىدا ئاددى كەشە ،چەم - چورۇق،

مىراج تۈنى ئۇلپەتلەشكەن ئول رەھمان.

يىتىملارنى چىقارسۇن دەپ ئىچ پۇشۇق،

تۆگە بولغان چۆك دىگەندە ھەرقاچان.

ئۈچ يۈز ئاتمىش بۇتقا قىلدى جەڭ ئوچۇق،

دىننى پۈتۈن قىلىپ كەتتى بىئارمان.

تەبلىغ قىلدى قالدۇرماستىن بىر يوچۇق،

بىزگە مىراس بولدى قۇرئان نۇر نىشان.

ئاڭا تىلەي سالام،رەھمەت، ئۇلۇغلۇق،

ھىممىتىدىن نۇسرەت تاپسۇن يەر جاھان.

ئۇنىڭدىكى ئېسىل خىسلەت خاس خۇلۇق،

قوزغار دىلدا چىن مۇھەببەت مىڭ داستان!

يەرۇ -ئاسمان مۇھەممەتسىز چۆل-قۇرۇق،

ئۇنىڭ بىلەن بوستان بولغان باياۋان.

ئىككى ئالەم ئۈچۈن بەرگەن يوليورۇق،

مۇسۇلمانغا يارلىق ،بۇيرۇق خاس پەرمان!



2013-يىلى 18-ئاپېرىل 



قەسىدە 
[ بۇ يازمىنىqarxan 2013-04-26 10:27قايتا تەھرىرلىدى ]
گۈل ياپرىقى بىلەن گۈزەل
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 545
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە545دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 1347482848 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 123
ياخشى باھا: 659
توردا: 151(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2013-05-06
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2013-04-27 01:35

اللە رەھمەت قىلسۇن.پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ يازغان قەسىدىسىنى بىرىنجى قېتىم كۆرۈشۈم.دىلىم سۆيۈنۈپ كەتتى.بوزقىر مۇشۇ قەسىدە بىلەن ئۆز ئەھمىيىتىنى تاپتى دەپ قارايمەن.
ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇرمىش